توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۇرمۇشتا شەخسنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى سالامەتلىككە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر يېمەك-ئىچمەكتە دائىم خاتا ھەرىكەتلەر مەۋجۇت بولسا، ساغلاملىق تەھدىتكە ئۇچرىشى مۇمكىن. بىر قىسىم يېمەكلىكلەر دائىم كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، ئەگەر كونترول قىلنىسا تۇتمىسا، يېگەنسېرى سەتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا يەنە بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قايسى يېمەكلىكلەرنى ئادەم يېگەنسېرى سەتلىشىپ كېتىدۇ؟
1. زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەر
ساغلام، مۇۋاپىق بولغان يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىقلا بەدەننىڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر ئادەتتە زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېگەنسېرى سەتلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى، زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ، سېمىزلىك ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەندە، ئادەمنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى ئەزالاردىكى ياغ ماددىسى بەك كۆپ بولغانلىقتىن ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ياكى ئاز ئىستېمال قىلىش ئارقىلىقلا، ساغلاملىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2. كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىك
ئادەتتە كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. بۇ خىل يېمەكلىك ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، يېگەنسېرى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ. يېمەكلىكلەر كاۋاپ قىلىنغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق تەركىبى ئازلاپ، بەزى زىيانلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن، بۇ يېمەكلىكلەرنى دائىم يېگەندە، بەدەننىڭ توكسىن، زەھەر چىقىرىش يۈكى ئېغىرلىشىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
3. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك
تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ، بىر قىسىم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە قەنت مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، مەسىلەن، كۆپ ئۇچرايدىغان ماروژنى، تورت، قەنت-گېزەك تەركىبىدە شېكەر تۈرىدىكى ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئەگەر قەنت مىقدارى كۆپ بولغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى دائىم يېگەندە، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاندا قان شېكىرى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدۇ، بەدەننىڭ زەخىملىنىشىمۇ بىرقەدەر روشەن بولىدۇ، تېرە ياكى ھۈجەيرىنىڭ ئوكسىدلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەدەننىڭ قېرىشى تېزلىشىدۇ.
4. تۇزلانغان ياكى چىلانغان يېمەكلىكلەر
تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتە ھەر خىل تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تۇزلانغان يېمەكلىكلەر گەرچە مەززىلىك بولسىمۇ، لېكىن تۇزلاش جەريانىدا كۆپرەك تۇز قوشۇلغانلىقتىن، ئېچىتقاندىن كېيىن ئاسانلا نىترىت تۇزى ھاسىل قىلىدۇ. دائىم تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، قان بېسىمنى ئۆرلەتكەندىن باشقا، يەنە بەدەننىڭ توكسىن چىقىرىش يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بەدەننىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، زەھەرنىڭ چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ياكى ئىچكى ئاجراتما فۇنكسىيەسىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇپ، بەدەننىڭ قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، بۇ ساغلاملىققا پايدىسىز.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6500176.shtml