ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ ؟

ئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە ، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن

ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەر ، مەسىلەن ، پالەك ، ئالما ، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چاي تەركىبىدە %30- %50 تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ، ئۈچەيدە ئاسانلا ئوزۇقلۇق بوتقىسىدىكى تۆمۈر ياكى قان تولۇقلاش دورىسىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ، تاش شەكىللەندۈرۈپ چۆكمە پەيدا قىلىدۇ .

ئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ ؟

ئىككىقات مەزگىلى قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدىكى كوففېئننىڭ قويۇقلۇقى%10گە يېتىدۇ . بۇ ئىككىقات ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋە يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىىپ ، كۆڭلى ئېلىشىشنى كۈچەيتېۋىتىدۇ ھەمدە يۈرەك ، بۆرىكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ ، ئىككىقات مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز .دوختۇر ساغلاملىق تورى

بوشىنىش مەزگىلى بوشىنىشتىن ئىلگىرى چاينى بەك كۆپ ئىچسە كوففېننىڭ روھلاندۇرۇش رولىنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ . ناۋادا بوشىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ يېتەرلىىك بولمىسا ماغدۇرسىزلىنىش ، تولغاق كۈچەيمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تۇغۇتى قىيىنلىشىدۇ .

ئېمىتىش مەزگىلى ئېمىتىش مەزگىلىدە چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ . چۈنكى ، بۇمەزگىلدە چاينى كۆپ ئىچسە ، چايدىكى يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى تاننىك كىسلاتاسى شىلىمشىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىپ ، سۈت بېزىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەپ ، سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈت ئارقىلىق بوۋاق تېنىگە كىرىپ ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ئاياللار تەخمىنەن 45 ياشلار ئەتراپىدا ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدۇ . ھەيزى كېسىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا ، يەنە يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش ، ئاسان ھاياجانلىنىش ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئەگەر چاينى كۆپ ئىچسە ، يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ . بۇ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ پايدىسىز .

‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-01 / 04:04:08

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ