بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېغىر بۆرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم بىر داۋالاش ئۇسۇلى. بۇ ماقالىدە، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن قىلىنىدىغانلىقى، كىملەرگە ماس كېلىدىغانلىقى، بۆرەك مەنبەسى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى داۋالاش ۋە باشقا مۇھىم نۇقتىلار تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى نېمە؟
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ياكى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بىر ياكى ئىككى بۆرەكنى ساغلام، ئىقتىدارى نورمال باشقا بىر بۆرەك بىلەن ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدۇر. بۇ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بىمارنىڭ قاننى تازىلاش، سۇيۇقلۇق ۋە ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، ھورمون ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق مۇھىم بۆرەك فۇنكسىيەلىرى ئەسلىگە كېلىپ، بىمارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ.
نىمە ئۈچۈن بۇ ئوپېراتسىيە بولىدۇ؟
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئاساسلىقى ئاخىرقى باسقۇچلۇق بۆرەك كېسەللىكى (ESRD) دەپ ئاتىلىدىغان ئەھۋال ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بۆرەكلەر بەدەندىكى قاننى يېتەرلىك دەرىجىدە سۈزۈپ تازىلىيالمايدۇ، زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەندىن چىقىرىپ تاشلىيالمايدۇ. بۇنى ئېغىر دەرىجىدە بۆرەك زەئىپلىشىش دەپمۇ ئاتايمىز.
ESRD نىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- قەنت سىيىش كېسىلى – دىئابېت (شېكەر كېسەللىكى)
- يۇقىرى قان بېسىمى
- بۆرەك ياللۇغى (Glomerulonephritis)
- كۆپ خالتىلىق بۆرەك كېسەللىكى (Polycystic kidney disease)
- سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى سەۋەبلىك بۆرەك كېسەللىكى (Lupus nephritis)
- ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىكلىرى
بۇ كېسەللىكلەر ئەگەر ياخشى داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش ئېلىپ بېرىلمىسا، بۆرەكلەرنىڭ ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ، نەتىجىدە ھاياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دىيالىز ياكى بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە موھتاج بولىدۇ.
كىملەرگە قىلىنىدۇ؟ نامزاتلار قانداق تاللىنىدۇ؟
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە نامزات تاللاش ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە باھالاش جەريانىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بىمارلار نامزاتلىققا تاللىنىدۇ:
- ئاخىرقى باسقۇچلۇق بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، ئومۇمىي بۆرەك ئىقتىدارى %15 تىن تۆۋەن بولغان.
- ئومۇمىي سالامەتلىكى نىسبەتەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇپ، ئوپېراتسىيە كۆتىرەلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى داۋالاشنى كۆتۈرەلىشى كېرەك.
- باشقا ئېغىر كېسەللىكلىرى (مەسىلەن، ئېغىر يۈرەك كېسەللىكى، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان راك كېسەللىكى، ئاكتىپ يۇقۇملىنىش) بولمىغان.
- ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى دورىلارنى مۇنتىزىم ئىستېمال قىلىشقا ۋە داۋالاش پىلانىغا رىئايە قىلىشقا قادىر بولۇشى كېرەك.
نامزاتلارنى تاللاشتا بىمارنىڭ يېشى، ئومۇمىي ساغلاملىقى، باشقا كېسەللىك تارىخى، پىسخىكىلىق ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي قوللاش سىستېمىسى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ.
بۆرەك مەنبەسى قەيەردىن تېپىلىدۇ؟
كۆچۈرۈلىدىغان بۆرەكلەر ئىككى ئاساسلىق مەنبەدىن كېلىدۇ:
- جانلىق ئەزالار تەقدىم قىلغۇچىلار (تىرىك تەقدىم قىلغۇچىلار): بۇلار ئادەتتە بىمارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى (ئاتا-ئانا، قېرىنداشلار، پەرزەنتلەر) ياكى يېقىن دوستلىرى بولىدۇ. جانلىق تەقدىم قىلغۇچىنىڭ بىر بۆرىكىنى ئېلىۋەتكەندىمۇ، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتمەيدۇ، چۈنكى بىر بۆرەك بىلەنمۇ نورمال ياشاش مۇمكىن. جانلىق تەقدىم قىلغۇچىدىن ئېلىنغان بۆرەكنىڭ ئوپېراتسىيە نەتىجىسى كۆپىنچە ياخشى بولىدۇ.
- جەسەتتىن ئەزا تەقدىم قىلغۇچىلار (ئۆلۈك تەقدىم قىلغۇچىلار): بۇلار مېڭە ئۆلۈمى يۈز بەرگەن، لېكىن ئەزالىرى يەنىلا ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان كىشىلەر. بۇ بۆرەكلەر كۈتۈش تىزىملىكىدىكى بىمارلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ. بۆرەكنىڭ ئۆلچىمى (قان تىپى، توقۇلما ماسلىشىشى قاتارلىقلار) ۋە كۈتۈش ۋاقتىغا ئاساسەن ماس كەلگەن بىمارغا بېرىلىدۇ.
ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمامدۇ؟
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلالمىغان ياكى قىلىشنى خالىمىغان بىمارلار ئۈچۈن ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى دىيالىز (قاننى سۈنئىي تازىلاش) بولىدۇ. دىيالىز ئىككى خىل بولىدۇ:
- قان دىئالىزى (Dialysis) : بۇ ئۇسۇلدا بىمارنىڭ قېنى بىر ماشىنا ئارقىلىق سۈزۈلۈپ، زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئارتۇقچە سۇيۇقلۇق چىقىرىلىدۇ. ئادەتتە ھەپتىسىگە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 3-4 سائەت داۋام قىلىدۇ.
- قورساق دىيالىزى: بۇ ئۇسۇلدا بىمارنىڭ قورسىقىدىكى پەردە ئارقىلىق قان تازىلىنىدۇ. بۇنى ئۆيدىمۇ قىلغىلى بولىدۇ.
دىئالىز ھاياتنى ساقلاپ قالالايدۇ، ئەمما ئوپېراتسىيەگە سېلىشتۇرغاندا بىر قىسىم چەكلىمىلەر ۋە مۇرەسسەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئوپېراتسىيە بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ ۋە ئۇزۇنراق ياشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى تەييارلىقلار
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن ئىلگىرى بىمارغا ئەتراپلىق تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ جەريان بىمارنىڭ ئوپېراتسىيىنى كۆتۈرەلەيدىغان-كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ماس كېلىدىغان بۆرەكنى تاللاشقا ياردەم بېرىدۇ. تەكشۈرۈشلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- قان تەكشۈرۈشلىرى: قان تىپىنى، توقۇلما ماسلىشىشنى، ۋىرۇس يۇقۇملىنىشنى (مەسىلەن، HIV، جىگەر ياللۇغى بار يوقلۇقى ) ۋە باشقا ئومۇمىي سالامەتلىك كۆرسەتكۈچلىرىنى بېكىتىش.
- باشقا تەكشۈرۈشلەر: يۈرەك، ئۆپكە ۋە باشقا ھالقىلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى باھالاش ئۈچۈن ئېلېكتروئېكوكاردىيوگىرافىيە – يۈرەك رىتىمى كۆرۈش (ECG)، كۆكرەك رېنتگېنى، ئۇلترا ئاۋاز تەكشۈرۈشى ۋە CT سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىقلار.
- يۇقۇملىنىش تەكشۈرۈشلىرى: مەۋجۇت يۇقۇملىنىش ياكى ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى خەتەرنى باھالاش.
- روھىي ۋە ئىجتىمائىي باھالاش: بىمارنىڭ روھىي ھالىتى، قوللاش تورى ۋە داۋالاش پىلانىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى چۈشىنىش.
تەقدىم قىلغۇچى (تېرىك بولسا) مۇ شۇنداق ئەتراپلىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلىشنىڭ ساغلاملىقىغا ھېچقانداق خەتەر ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئوپېراتسىيە جەريانى
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئادەتتە بىر قانچە سائەت ھەتتە ئون نەچچە سائەت داۋام قىلىدىغان چوڭ ئوپېراتسىيە. ئوپېراتسىيە ئومۇمىي ناركوز ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلغۇچى دوختۇر ئادەتتە قورساقنىڭ ئاستى تەرىپىگە بىر كېسىم ئېلىپ، يېڭى بۆرەكنى قورساقنىڭ ئاستى تەرىپىگە، ئادەتتە ئوڭ ياكى سول تەرەپكە جايلاشتۇرىدۇ. بىمارنىڭ ئەسلى بۆرەكلىرى، ئەگەر باشقا مەسىلە پەيدا قىلمىسا، ئادەتتە بەدەندە قالدۇرۇلىدۇ. يېڭى بۆرەكنىڭ قان تومۇرلىرى بىمارنىڭ قان تومۇرلىرىغا ئۇلىنىدۇ، ھەمدە يېڭى بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئۆتكۈزگۈچىسى بىمارنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن دوختۇرلار تەرىپىدىن سۈيدۈك خالتىسىغا ئۇلىنىدۇ.
ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ھايات ۋە ئەسلىگە كېلىش
ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر قانچە ھەپتە دوختۇرخانىدا ياكى دوختۇرنىڭ يېقىن نازارىتى ئاستىدا ئۆتىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى، دورىلارنىڭ تەسىرىنى ۋە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى نازارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەسلىگە كېلىش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم:
- يېمەك-ئىچمەك: كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۇز ۋە ماي مىقدارى تۆۋەن، كۆكتات-مېۋىلەر مول بولغان يېمەك-ئىچمەك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بەزى دورىلار بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ياكى دىئابېت خەۋپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئېھتىمالىغا ئىگە بولغاچقا، دىيېتولوگ بىلەن مەسلىھەتلىشىش مۇھىم.
- جىسمانىي پائالىيەت: ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئاستا-ئاستا جىسمانىي پائالىيەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئادەتتىكى يېنىك چېنىقىشلار (مەسىلەن، مېڭىش) قاندىكى شېكەر ۋە بېسىمنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن، ئېغىر چېنىقىش ياكى ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
- نورمال تۇرمۇشقا قايتىش: كۆپىنچە بىمارلار ئوپېراتسىيەدىن بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئىشقا ياكى ئادەتتىكى پائالىيەتلىرىگە قايتالايدۇ. دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە جىنسىي پائالىيەت، ساياھەت ۋە باشقا تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي قوللاش
بۆرەك كۆچۈرۈش جەريانى، بولۇپمۇ ئۇزۇن كۈتۈش جەريانى ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى داۋالاش، بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە روھىي جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي قوللاش ئىنتايىن مۇھىم:
- پىسخىكىلىق ياردەم: بىمارلارغا پىسخولوگ ياكى روھىي ساغلاملىق مۇتەخەسسىسىنىڭ ياردىمى تەمىنلىنىدۇ. بۇ، بېسىم، خاتىرجەمسىزلىك، چۈشكۈنلۈك قاتارلىق ئەھۋاللارنى باشقۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
- قوللاش گۇرۇپپىلىرى: بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە ئوخشاش تەجرىبىگە ئىگە باشقا بىمارلار بىلەن ئالاقىلىشىش، تەجرىبىلەرنى ئورتاقلىشىش روھىي جەھەتتىن زور ياردەم بېرەلەيدۇ.
- ئائىلەنىڭ رولى: ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قوللىشى ۋە چۈشىنىشى بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە داۋالاش پىلانىغا بوي سۇنۇشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قانداق داۋالىنىش كۈتۈنۈش كېرەك؟
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىنكى داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئاساسلىق نۇقتىلار:
- ئىممۇنىتىت بېسىش دورىلار (Immunosuppressants): كۆچۈرۈلگەن بۆرەكنى بەدەننىڭ رەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ دورىلارنى ئۆمۈر بويى ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ دورىلار ئەكس تەسىرى بولسا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بېسىقتۇرغاچقا، بىمار يۇقۇملىنىشقا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.
- داۋاملىق تەكشۈرتۈش: ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دائىم دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش، بۆرەك فۇنكسىيەسىنى نازارەت قىلىش ۋە دورا مىقدارىنى تەڭشەش كېرەك.
- ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى: ساغلام غىزالىنىش، دائىملىق چېنىقىش، تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنى تاشلاش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
- يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش: ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بېسىقتۇرۇلغاچقا، يۇقۇملىنىشتىن ئۆزىنى قوغداش كېرەك. مەسىلەن، قولنى دائىم يۇيۇش، كېسەل ئادەملەردىن يىراق تۇرۇش.
قايسى بۆلۈم قىلىدۇ؟ دوختۇرلار قانداق قارار بېرىدۇ؟
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئادەتتە كۆپ تارماقلىق گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ گۇرۇپپا ئادەتتە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- بۆرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى (nephrology): بىمارنىڭ بۆرەك كېسەللىكىنى دىئاگنوز قويۇش ۋە ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى داۋالاشنى باشقۇرۇش.
- كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيە دوختۇرى: ئوپېراتسىيىنى ئىجرا قىلغۇچى.
- ناركوز دوختۇرى: ناركوز قىلىش جەريانىنى باشقۇرىدۇ.
- يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرى دوختۇرى: ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش.
- يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى ، ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمى دوختۇرى قاتارلىقلار: بىمارنىڭ باشقا كېسەللىكلىرىنى باشقۇرۇش.
- سىستېرا ، ئوزۇقلۇقشۇناش، ئىجتىمائىي خىزمەتچى، پىسخولوگ: بىمارغا كۆچۈرۈش جەريانىدا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش.
دوختۇرلار ھەر بىر بىمارنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، ئوپېراتسىيەنىڭ پايدا-زىيان نىسبىتىنى ئويلاشقان ئاساستا قارار بېرىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىھتىمالى، ئەگەشمە كېسەللىكلىرى
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت نىسبىتى خېلى يۇقىرى. جانلىق تەقدىم قىلغۇچىدىن ئېلىنغان بۆرەكلەردە، 1 يىلدىن كېيىنكى بۆرەك ساق قېلىش نىسبىتى %95 تىن ئاشىدۇ، 5 يىلدىن كېيىنكىسى %80 ئەتراپىدا بولىدۇ. جەسەتتىن ئېلىنغان بۆرەكلەردە بۇ نىسبەت تۆۋەنرەك، 1 يىلدىن كېيىنكىسى %90 ئەتراپىدا، 5 يىلدىن كېيىنكىسى %70 ئەتراپىدا بولىدۇ.
بىراق، ھەر قانداق چوڭ ئوپېراتسىيەدە بولغاندەك، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىمۇ بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەر بار:
- بۆرەكنى رەت قىلىش (Rejection): بەدەننىڭ يېڭى كۆچۈرۈلگەن بۆرەكنى يات ماددا دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشى. بۇ سەۋەپتىن ئىممۇنىتىت بېسىش دورىلار بىلەن كونترول قىلىشقا بولىدۇ.
- يۇقۇملىنىش: ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بېسىقتۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ناچار بىر ئەھۋال.
- قانسىزلىنىش ۋە قان ئۇيۇشۇش: ئوپېراتسىيە جەريانىدا ياكى كېيىن كۆرۈلىشى مۇمكىن.
- سۈيدۈك يولى مەسىلىلىرى: سۈيدۈك بۆرەك سۈزگۈچلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ياكى سۈيدۈك يولىدىكى توسۇلۇش مەسىلىرىمۇ كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
- دورىلارنىڭ ئەگەشمە تەسىرى: يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت، سۆڭەك ئاجىزلىشىش، راك خەۋپىنىڭ ئېشىشى قاتارلىقلار.
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى تارىخچىسى
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ تېببىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. دەسلەپكى ئۇرۇنۇشلار 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئەزانى رەت قىلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان.
- دەسلەپكى سىناقلار (1900-1940-يىللار): 1902-يىلى ئاۋسترىيەلىك دوختۇر ئېمېرىچ ئۇللمانن (Emerich Ullmann) ئىتلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم بۆرەك كۆچۈرۈشنى سىناق قىلغان. كېيىن، 1930-يىللاردا روسىيە ۋە ئۇكرائىنادىكى تېببىي خادىملار ئىنسانلارغا بۆرەك كۆچۈرۈشنى سىناق قىلغان، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، ئاساسلىق سەۋەبى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ئەزانى رەت قىلىشى بولغان.
- تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆرەك كۆچۈرۈش (1954-يىل): 1954-يىلى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى پېتېر بىرىگام دوختۇرخانىسىدا دوختۇر جوزېف مۇرراي (Joseph Murray) باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ئېلىپ باردى. بۇ ئوپېراتسىيەدە رىچارد ھېررىك (Richard Herrick) ئىسىملىك بىمارغا ئۇنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى رونالد ھېررىكنىڭ بۆرىكى كۆچۈرۈلگەن. بىر-بىرىگە ئوخشاش قوشكېزەكلەرنىڭ توقۇلمىلىرى تولۇق ماس كەلگەچكە، ئەزانى رەت قىلىش مەسىلىسى كۆرۈلمىگەن. بۇ ئوپېراتسىيە كېيىنكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىلىرى ئۈچۈن يول ئاچتى.
- ئىممۇنىتىت سىستېمىسىنى بېسىقتۇرۇش دورىلارنىڭ تەرەققىياتى (1960-يىللاردىن كېيىن): 1960-يىللارنىڭ بېشىدا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بېسىقتۇرۇش دورىلىرى (مەسىلەن، ئازاتىئوپىرىن ۋە پرېدنىزولون) بايقالدى ۋە ئىشلىتىش باشلاندى. بۇ دورىلار بۆرەكنى رەت قىلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، جانلىق بولمىغان تەقدىم قىلغۇچىلار ۋە ئوخشاش بولمىغان توقۇلمىلىق بىمارلار ئارىسىدىمۇ بۆرەك كۆچۈرۈشنى مۇمكىن قىلدى. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا سىكلوسپورىن (Cyclosporine) نىڭ بارلىققا كېلىشى ئەزا كۆچۈرۈش ساھەسىدە زور ئۆزگىرىش ياساپ، ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەت نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
- زامانىۋى كۆچۈرۈش دەۋرى: ھازىر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئاز ئەگەشمە تەسىرلىرى بار ئىممۇنىتىت سىستېمىسىنى بېسىقتۇرۇش دورىلار، ئىلغار ئوپېراتسىيە تېخنىكىلىرى ۋە ئەتراپلىق داۋالاش-كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرىنىڭ ياردىمىدە، بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېغىر بۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ۋە ئۈمىدلىك بىر داۋالاش ئۇسۇلىغا ئايلاندى.
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ھازىرقى ئەھۋالى
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى بولۇپ، يۈز مىڭلىغان بىمارلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بەرمەكتە.
- دۇنيا مىقياسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار: ھەر يىلى دۇنيا مىقياسىدا نەچچە ئون مىڭلىغان بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ سانلار ئەزا تەقدىم قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئېشىشى، تېببىي تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ كۆپەيمەكتە.
- تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشلەر:
- كىچىك زەخىملىك ئوپېراتسىيە (Minimal Invasive Surgery): لاپاروسكوپىك ۋە روبوت ياردىمىدىكى ئوپېراتسىيە ئۇسۇللىرىنىڭ قوللىنىلىشى تەقدىم قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ئاز ئاغرىق پەيدا قىلماقتا.
- ئەزانى ساقلاش ئۇسۇللىرى: بۆرەكنى ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ۋاقىتتا ساغلام ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلغار سوغۇق ساقلاش ۋە ماشىنىلىق قانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا، بۇ ئارقىلىق ئەزانىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى ئۇزىرىدۇ.
- خۇسۇسىيلاشقان داۋالاش: بىمارنىڭ گېن خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن دورا مىقدارىنى تەڭشەش ۋە رەت قىلىش خەۋپىنى مۆلچەرلەش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلغار تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى قوللىنىلماقتا.
- ئىممۇنىتىت سىستېمىسىنى بېسىقتۇرۇش دورىلارنىڭ تەرەققىياتى: ھازىرقى دورىلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۈنۈملۈكرەك بولۇپ، ئەگەشمە تەسىرلىرىمۇ ئازايدى. يېڭى دورىلارنىڭ تەرەققىياتى داۋاملىق بۆرەكنى رەت قىلىش خەۋپىنى ئازايتىش ۋە بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.
- قارشىلاشمايدىغان كۆچۈرۈش پروگراممىلىرى: قان تىپى ياكى توقۇلما ماسلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان توسالغۇلارنى يېڭىش ئۈچۈن، بىر قانچە جۈپ تەقدىم قىلغۇچى ۋە بىمار ئارىسىدا بۆرەك ئالماشتۇرۇش (ئالماشتۇرۇش كۆچۈرۈش) پروگراممىلىرى يولغا قويۇلماقتا.
- خىرىسلار ۋە كەلگۈسى يۆنىلىشلەر:
- ئەزا كەملىكى: دۇنيا مىقياسىدا بۆرەك كۆچۈرۈشنى كۈتۈۋاتقان بىمارلارنىڭ سانى تەقدىم قىلىنغان ئەزالارنىڭ سانىدىن كۆپ. بۇ، ئەزا تەقدىم قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ جەسەتتىن ئەزا تەقدىم قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
- يېڭى تېخنىكىلار: بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا يېڭى يۆنىلىشلەر، مەسىلەن، سۈنئىي بۆرەك ياساش، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ۋە گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلار كەلگۈسىدە بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.
- ئۇزۇن مۇددەتلىك نەتىجىلەرنى ياخشىلاش: كۆچۈرۈلگەن بۆرەكلەرنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە بىمارلارنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، بۇ ئوپېراتسىيە ھازىرقى زامان تېبابىتىنىڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئەزا تەقدىم قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە قانۇن
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدە بۆرەك مەنبەسى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئەزا تەقدىم قىلىش ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. جەسەتتىن ئەزا تەقدىم قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان دۆلەتلەردە ساقلاش تىزىملىكىدىكى بىمارلارنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئەمما بۇ نۇقتا ھىلىھەم تىببىي ۋە ئىنسانى ئەخلاق جەھەتتىن شۈبھە بولۇپ تالاش تارتىشتا قالغان بىر رايون ھىساپلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت بۆرەك ئەتكەسچىلىكىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ ، پۇل تېپىش ئۈچۈن بۆرەك سېتىش ، بۆرەك ئوغرىلاش ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھېلىھەم دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە مەۋجۇت ، بۇ سەۋەپدىن ھەرقايسى رايون دۆلەتلەرنىڭ قانۇننى مۇكەممەللەش ۋە ئىجرا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېغىر بۆرەك كېسەللىكلىرى بار بىمارلار ئۈچۈن بىر ئۈمىد چىرىغى. بۇ ئوپېراتسىيە بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، دىيالىزنىڭ چەكلىمىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە پۇرسەت بېرىدۇ. لېكىن، ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋالاش، تېببىي نازارەت ۋە ھاياتىي ئۇسۇل ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارغا چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.