توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۈيدۈكتە ئاقسىل 3+ بولسا، كۆپ مىقداردا ئاقسىللىق سۈيدۈك بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ. سۈيدۈكتىكى ئاقسىل 3+ بولسا، ئادەتتە بۆرەك كېسىلى يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۆرەك كېسىلى يىغىندى كېسەللىكىدە بۆرەكنىڭ سۈزۈش پەردىسى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىپ، ئاقسىلنى كۆپ مىقداردا يوقىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۆرەك كېسىلى يىغىندى ئالامىتى بىرلەمچى بۆرەك كېسىلى يىغىندى ئالامىتى ۋە ئىككىلەمچى بۆرەك كېسىلى يىغىندى ئالامىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكىسىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن بۆرە چاقىسى مەنبەلىك بۆرەك ياللۇغى، سۆسۈن داغ مەنبەلىك بۆرەك ياللۇغى ۋە دىيابېتلىق بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلار بار.
مەيلى بىرلەمچى بۆرەك كېسىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولسۇن ياكى ئىككىلەمچى بۆرەك كېسىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولسۇن، ھەممىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، قان نوكچىسى ۋە كەپلەشمە شەكىللىنىشى، شۇنداقلا جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
شۇڭا، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل 3+نى بايقىغاندا، چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوقۇم كۈچلۈك قان ئۇيۇشقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئادەتتە سۈيدۈكتىكى ئاقسىل 3+ بولسا، كىلىنىكىدا بۆرەكنى ئويلىشىش، ئاقسىلنىڭ كېسەللىك سەۋەبىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال داۋالاش كېرەك.