بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ بەزى تىپىك ئىپادىلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى جەھەتتە؛ بىمارنىڭ ئىشتىھاسى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ ھەمدە تاماق يېگەندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈشتەك بەزى ھەزىم يوللىرى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2. نەپەسلىنىش سىستېمىسى جەھەتتە: بىمار نورمال نەپەسلىنىش جەريانىدا دېمى سىقىلىدۇ ھەمدە نەپەسلىنىشى قىيىنلىشىدۇ، دائىم يۆتىلىدۇ، ئاساسلىقى بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشى سەۋەبىدىن ئۆپكىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.
3. نېرۋا سىستېمىسى جەھەتتە: بىمارنىڭ بۆرىكى زەخىملەنگەنلىكتىن، ئېڭىدا توسالغۇ پەيدا بولىدۇ ھەمدە تارتىشىش ۋە ھوشسىزلىنىش قاتارلىق سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.
4. قان ئايلىنىش سىستېمىسى جەھەتتە: بىمارنىڭ بۆرىكى زەخىملەنگەندىن كېيىن، مېتابولىزمدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇپ، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىدۇ ھەمدە سۇ ۋە ناترىي يىغىلىپ قېلىش قوشۇلۇپ يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرىنى پەيدا قىلىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17838157.shtml