ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابوۋاقلاردىكى قوشۇمچە يېمەكلىك دىگەن نىمە؟ قانداق باشلاش كېرەك؟

بوۋاقلاردىكى قوشۇمچە يېمەكلىك دىگەن نىمە؟ قانداق باشلاش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىككە ئۆتۈش دىگىنىمىز، بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتكە تايىنىشتىن ئاستا ئاستا باشقا سۇيۇق، يېرىم سۇيۇق، قاتتىق ئوزۇقلۇق يېمەكلىككە ئۆتۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ. بۇ ئۆزگىرىش بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلاملىقى ۋە تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. قاچان باشلاش، قانداق باشلاش ۋە قانداق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تاللاش ھەر بىر ئائىلە باشلىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىكى قاچان باشلىنىدۇ؟

1. ياش كۆرسەتكۈچى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغاندا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ.

 

2. يېتىلىش بەلگىسى:

بوۋاق مۇقىم ئولتۇرالايدۇ ھەمدە يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ ( مەسىلەن، سىزنىڭ بىر نەرسە يېگىنىڭىزنى كۆرگەندە ھاياجانلانغاندەك كۆرۈنىدۇ ياكى يېمەكلىكنى تۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ ).

 

3. ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى:

بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بوۋاقلار 6 ئايلىقتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق مەنبەسى پەقەت ئانا سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتكە تايىنىپلا بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ تۆمۈر ۋە سىنك قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، 6 ئايلىقتىن كېيىن ئانا سۈتى تولۇق بولغان تەغدىردە، بوۋاقلارنىڭ بەدەنگە ئىھتىياج ئوزۇقلۇقنىڭ 50% نى، 1 ياشتىن كېيىن 30% نىلا قامدىيالايدىكەن.

 

4. داۋالاش تەكلىپى:

قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراپ، بوۋاقنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشكە تەييارلىق قىلىپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىك قانداق باشلاش كېرەك؟

1. تەدرىجىي كىرگۈزۈش:تۇنجى قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تېتىپ كۆرگەندە، بىرلا خىل تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، گۈرۈچ ياكى ساپ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى تاللاپ، بوۋاقنىڭ يېڭى يېمەكلىكلەرگە بولغان ئىنكاسىنى كۆزىتىش كېرەك.

2. قاتتىقلىق دەرىجىسى:دەسلەپتە ئىنتايىن يۇمشاق ھەم سىڭىشچانلىق بولغان يېمەكلىكلەردىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا يىرىك قاتتىقراق يېمەككە ئۆتۈپ، بوۋاقنىڭ ئوخشىمىغان قاتتىقلىق دەرىجىسىگە ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

3. مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى:دەسلەپتە پەقەت ئاز مىقداردا قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىش، بوۋاقنىڭ ئۇيغۇنلىشىشىغا ئەگىشىپ مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش كېرەك. نىشان بوۋاققا ئانا سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئاساسىي يېمەكلىككە ئايلاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى يېمەكلىكنى ھېس قىلدۇرۇش.

4. ئۆز – ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىش:گەرچە بوۋاق دەسلەپتە ئوزۇقلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى قوشۇق قاتارلىق سايمانلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا تەدرىجىي يېتەكلەش كېرەك.

5. سەۋرچانلىق ۋە بىردەكلىكنى ساقلاش:بوۋاق مەلۇم بىر خىل يېمەكلىكنى كۆپ قېتىم تېتىپ باققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار سەۋرچانلىق ۋە بىردەكلىكنى ساقلىشى، بىر قېتىملىق رەت قىلىش بىلەنلا ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.

 

قانداق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تاللاش

4-6 ئايلىقتىن باشلاپ، بۇلماق قىلىشتىن باشلانسا بولىدۇ.

6-8 ئايلىقتا بۇلماق، سىقىلغان مىۋە سۈيى، كۆكتات شويلىسى، قېتىق تەييارلىسا بولىدۇ.

7-9 ئايلىقتا گۆش شورپىسى قوشۇلسا بولىدۇ.

8-10 ئايلىقتا بېلىق قوشۇلسا بولىدۇ.

11 -12 ئايلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن قارار بېرىلسە بولىدۇ. تۇخۇم سېرىقى ۋە ھەسەلنى 12 ئايلىقتىن كېيىن دىققەت قىلىپ تۇرۇپ باشلانسا بولىدۇ.

قوشۇمچە يېمەكلىك باشلاشتا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: 

1. ئوزۇقلۇق مىقتارى يۇقىرى بولۇش: تەركىبىدە زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تۆمۈر ۋە سىنك مول بولغان گۆش، پۇرچاق ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى تاللاش كېرەك.

2. زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسىدىن ساقلىنىش: گەرچە زىيادە سەزگۈرلۈك يېمەكلىكلىرىدىن قەستەن ساقلىنىش ھاجەتسىز بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېھتىيات بىلەن كىرگۈزۈش كېرەك، مەسىلەن، تۇخۇم، خاسىڭ قاتارلىقلار.

3. كۆپ خىللىشىش: ھەر خىل تۈردىكى ۋە رەڭدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ، بوۋاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى ۋە قىزىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

4. ئۆزى ياسىغان ۋە تەييار مەھسۇلات:ئۆزى ياسىغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەر يېمەكلىكنىڭ يېڭى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ، لېكىن بازاردا يۇقىرى سۈپەتلىك تەييار قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ، مۇھىمى سىرتتا سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئورالما قاپتىكى بەلگىنى ئوقۇپ، شېكەرمىقتارىنى ياخشى بىلىش كېرەك ۋە زۆرۈر بولمىغان چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى كىرگۈزۈش بىر تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانى بولۇپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ سەۋرچانلىقى، ئىنچىكىلىكى ۋە ئىجادچانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق پىلانلاش ۋە يولغا قويۇش ئارقىلىق بوۋاقلارنى زۆرۈر ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ساغلام يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-01 / 09:34:21

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ