بوۋاق سۈت پاراشوكى ئىچىشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئاتا – ئانىلار دائىم تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بەزى ئاتا ـ ئانىلار بوۋاقلارنىڭ مەلۇم خىل سۈت پاراشوكىغا ئۇيغۇنلىشالماسلىقى ياكى ياقتۇرماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، سۈت پاراشوكىنىڭ ماركىسى ياكى تۈرىنى پات ـ پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما، سۈت پاراشوكىنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇش بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
سۈت پاراشوكىنى كۆپ ئالماشتۇرسا نىمە مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ؟
1. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى مەسىلىسى: بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يېڭى يېمەكلىكلەرگە ئۇيغۇنلىشىشىغا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. سۈت پاراشوكىنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرغاندا بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، ئاشقازىنى كۆپۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى سۈت پاراشوكلىرىنىڭ تەركىبىدە پەرق بولىدۇ، بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي يولى يېڭى رېتسىپقا ئۇيغۇنلىشىشقا ۋاقىت كېتىدۇ.
2. ئوزۇقلۇق تەكشى بولماسلىق: ھەر بىر خىل سۈت پاراشوكىنىڭ ئۆزىگە خاس رېتسىپى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ نىسبىتى بولىدۇ. سۈت پاراشوكىنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇش بوۋاقنىڭ تەڭپۇڭ ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيادە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن، باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
3. ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسى: سۈت پاراشوكىنىڭ تەركىبى ۋە رېتسىپى ئوخشاش بولمىغاچقا، بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈت پاراشوكىنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرغاندا بوۋاقتا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىش چىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى سۈت پاراشوكلىرىدىكى قەنت مىقدارى ۋە تۈرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سۈت پاراشوكىنى قانداق قىلغاندا توغرا تاللىغىلى ۋە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؟
1. مۇۋاپىق سۈت پاراشوكىنى تاللاش:سۈت پاراشوكىنى تاللىغاندا، ئاتا – ئانىلار بوۋاقنىڭ يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە بەدەن پەرقىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سۈت پاراشوكىنى تاللىشى كېرەك. دوختۇر ياكى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، بوۋاق ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە ماس كېلىدىغان ماركىنى چۈشىنىش كېرەك.
2. تەدرىجىي ئۆتۈش:ئەگەر سۈت پاراشوكىنىڭ ماركىسى ياكى تۈرىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئاتا – ئانىلار تەدرىجىي ئۆتۈشى، تۇيۇقسىز ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك. بىر مەزگىل يېڭى – كونا سۈت پاراشوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ، يېڭى سۈت پاراشوكىنىڭ نىسبىتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، بوۋاقنىڭ يېڭى رېتسىپقا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
3. بوۋاقنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش:سۈت پاراشوكىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ ئىنكاسىنى يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەك. ئەگەر بوۋاقتا ھەر قانداق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەسىلەن، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، ئەسۋە چىقىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە دوختۇرغا ئالماشتۇرغان سۈت پاراشوكىنىڭ ماركىسى ۋە تۈرىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.
4. قەرەللىك تەكشۈرتۈش:بوۋاقنى قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. قايتا تەكشۈرگەندە، دوختۇر بوۋاقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن سۈت پاراشوكىنى تەڭشەش ياكى تەڭشىمەسلىككە ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.
ئومۇمەن، بوۋاقلارغا سۈت پاراشوكىنى كۆپ ئالماشتۇرۇش بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار سۈت پاراشوكىنى تاللىغاندا ۋە ئالماشتۇرغاندا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، تەدرىجىي ئۆتۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ھەمدە بوۋاقنىڭ ئىنكاسىنى يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەك.