ئانا سەھىپەتۇرمۇشئائىلە ۋە تۇرمۇشياخشى قېينئانا -لاياقەتلىك كېلىن مۇناسىۋىتى توغرىسىدا

ياخشى قېينئانا -لاياقەتلىك كېلىن مۇناسىۋىتى توغرىسىدا

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ مەيلى ئادىمىلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن قىلچە ئويلىنىش كەتمەيدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىز .ئانىلارمۇئۆز نۆۋىتىدە پەرزەنىتلىرىگەكۆيىنىدۇ . نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

پەرزەنىت ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمايدۇ .ئەمما ،تۇرمۇشىمىزدا ئاشۇ قېينانىدىن رازى بولماي ئاغرىنىدىغان ،ئاشۇ كۆيۈمچان ئانىلارمۇ كېلىنلىرىدىن رازى بولماي قاقشاپ يۈردىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچىراپ تۇرىدۇ .بۇ ھەممىمىزنى ئويغا سالىدىغان نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

نەچچەكۆننىڭ ئالدىدا چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان ،قارىماققا كىشىگەئاقكۆڭۈل تەسىر بېرىدىغان ،چىرايى بەكمۇ سولغۇن بىر ئايال ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى .بىز بىرەر قۇر تىنچلىق سوراشقاندىن كېيىن ،چۇڭ «ئانا نەرىىڭىز ئاغرىيدۇ ؟ قانداق ياردەم كېرەك؟»دەپ سورىدىم .
-سىزدىن كېلىنىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ھەققىدە مەسلىھەت ئالاي دېگەنىدىم .بولىدۇ ،كېلىنىڭىز كېسەل بوپ قالغانمۇ ؟ قانداق مەسىلە بىلىپ باقسام بولامدۇ ؟

بالام مەن دەي -ئوغلۇم توي قىلغىلى ئىككى يىل بولدى .بۇ ئىككى يىل جەريانىدا بالىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش ئائىلىگەكۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۇستىگەياشلار ئۆي تۇتۇشنىڭ ئېپىنى بىلمەيدۇ ،دەپ ئىزچىل تۈردە ئۇلارنىڭ ئۇي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ،تامىقىنى ئېتىپ،كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ بەردىم .دەم ئىلىش كۈنلىرى بىزنىڭ ئۆيگەكەلسىمۇ ئۇلارنى ھېچقانداق ئېشىقا سالماي ،پۈتۇن خىزمىتىنى ئۆزۈم قىلدىم .بەزىدە كېلىنمۇ بىر ئايال بولغاندىن كېيىن ماڭا ئاز تولا ياردەملەشسە بولمامدۇ ،دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن ئەمما كېلىنىم ئۆزىنى بىلىپ بۇ ئىشلارغا ياردەملەشمەيدۇ .يەنىلا ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن .

ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بېرەر قېتىممۇ تاماق ئېتىلمەيدۇ .بىر قېتىم ئوغلۇمغا «دائىم سىرىتتا تاماق يەۋەرمەڭ سالامەتلىكڭگەزىيانلىق ،ئايالىڭنىڭ خىزمىتى ئۇنچە ئالدىراش بولمىغاندىن كېيىن ،ئۆيدە بىرەر ۋاق بولسىمۇ تاماق ئېتىپ يەڭلار،قازان قايناپ تۇرمىغان ئۆينىڭ مېھرى بولمايدۇ »دىسەم ،ئوغلۇم «ئانا، ئايالىم قازان بېشىغا ئانچە ئىپى يۇق ،ئۇنىڭ ئۇستىگەبۇ تۇرمۇشقا بىزمۇ كۆنۈپ قالدۇق ،تۇرمۇشىمىز ياخشى ئۆتۈۋاتقاندىكىن كېيىن بۇ ئىشلاردىن ئارتۇقچەغەم يەپ كەتمىگىن »دەپلا گېپىمنى ئۈزۈۋەتتى .كېيىن بۇ گەپلەرنى كېلىنىم ئاڭلاپ ماڭا تۈزۇك چىراي ئاچمايتتى،ھەدىسىلا گەپ ئەكىتىدىغان بولىۋالدى .ھەر قېتىم شۇ ئىشلارنى ئويلىسام يۈرىكىم سالىدىغان ،كىچىسى ئۇخلىيالمايدىغان ،ئۇخلىساممۇ تولا قارباسىدىغان ،چۇچۇپ ئۇيغىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدىم .ھەتتا نەچچە رەت دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدىم .

گەپ مۇشۇ يەرگەكەلگەندە بۇ ئايالنىڭ ئاۋازلىرى تىتىرەپ ،كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۇشتى .بۇ چۇڭ ئانامغا قاراپ شۇنداق ئېچىندىم .

ئاتا -ئانىلار بالىلارنىڭ دەردىنى قاچانغىچە تارتىپ ئۆتەر، بالىلارمۇ ئاتا -ئانىلارنى شۇنداقلا چۇڭلارنى قاچان چۇشىنەمىز ،قاچان دەردىگەيىتەرمىز .

-ھازىرقى كەيپىياتىڭىزنى چۇشىنىمەن ،ئەلۋەتتە ھەر قانداق ئاتا -ئانا پەرزەنىتلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ .يەنەباشقا ئىشلاربارمۇ ؟دەپ سۇرىدىم .-بىر نەچچە كۇنىڭ ئالدىدا كېلىنىم يەڭگىگەن .شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم .لېكىن ،قۇدام بىلەن كېلىنىم قىلغان ئىشىمدىن نارازى بولۇپ ،دوختۇرخانىدا بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماڭا سۇغ تەگدى.ئوغلۇممۇ ئايالى ۋە قېينئانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ،مىنى گەپ قىلماسلىققا ئۇلارغا يول قۇيۇشنى ئېتتى.مەن ئىنتاين ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدىم ،شۇ سەۋەپتىن كەيپىياتىم بەكمۇ ناچار ، ئوغلۇمنى ئاجىرشىپ كەتسىنمىكى دەپمۇ ئۇيلاپ قالىمەن ،ياكى بۇ مەن ئۆزۇمگە بىسىم قىلۋالدىممۇ ،ياكى مەندا كىسەلىك بارمۇ ؟قانداق قىلسام بۇلار؟

-سزنىڭچە بالىلارنى ئاجراشتۇرۋىتىش ياخشى ئۇسۇلمۇ ؟چۇڭ ئانا سىز ئۇغلىڭزنى بىقىپ نى -نى جاپالارنى تارتڭىز ،ئاجراشتۇرسىڭىز شۇ نەۋېىلەرنى يەنە سىز باقمىسىڭىز بولماس ،بالىڭز ئايالىنى ياخشى كۆرىدىكەن ،ئاجراشمايمەن ئارلاشما ئانا دىسە يەنە قانچە كۆڭلىڭىز رەجىيدۇ ،

ئاجراشتى دەپمۇ تۇرايلى ئوغلىڭىز ئايالىنى ئىزدىمەسمۇ كېلىنىڭىزمۇ بالىسىنى كۇرىمەن دەپ كۆرىشمەسمۇ ؟ئاجىرشىپ كەتكەن تەخدىردە سىز خاتىرجەم بولالمايسىز -يەنە كېلىپ نەۋرىڭىزنىڭ -تېرىك يېىم بوپ قىلىشنى -ئۇماق نەۋرىلىرىڭىزنىڭ ئانا دەپ يىغلىغان ۋە تەلمۇرگەن ھالىتنى كۆرگەندە تخىمۇ ئازاپلانماي قالاسىزمۇ ؟ئوغلىڭىز بىلەن كېلىنىڭىز ياخشى بولسا ھازىرقى ئىشلا رنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ .سىز بەك مېھرىبان ئانا ئىكەنسىز ،بەزى ئىشلارغا يەنە سىز كەڭ قۇساق بۇلۇڭ ،يەنەبىرگە ياشىنىپ قالدىڭىز ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،سالامەتلىگىڭىزگەكۆڭۇل بولۇڭ ،جىق ئىشلانى ئۇيلىماڭ ،ئۇغلىڭزمۇ چۇڭ بولدى، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلالايدىغان قىلىپ تەربىلىدىڭىز .سىز ياخشى يەپ خۇشال كەيپىياتتا ياشاڭ چۇڭ ئانا بالا غىمى تۇگىمەيدۇ .مەنمۇ چىن كۆڭلىمدىن ئاجىرشىپ كەتسۇن دىمەيمەن ،چۇنكى بالىلار بىر -بىرىنى ياخىشى كۆرىدۇ ،ئۇنىڭ ئۇستىگە بالىلىق بولدى .لېكىن ئاجىرشىپ كەتمىسۇن دىسەم مەن بىر ئۇمۇر مۇشۇنداق ئازاپ تارتىشىم كېرەكمۇ ،مەن ئۇلارنىڭ ئانىسى تۇرسام .

سۆھبىتىمىز مانا مۇشۇنداق بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى .سۆھبەت داۋامىدا بۇ ئاننىڭ ئىدىيەسىدىكى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ،ئەمما ئىپادىلەشتە خاتالىق كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ،قېينئانا بىلەن كېلىن مۇناسىۋىتى قۇدىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ بەزى يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردىم .

قېينىئانىلار قانداق قىلغاندا كېلىنى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلالايدۇ؟

1.بالىلارغا ھەدىدىن زىيادە كۆڭۈل بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك .يېڭى ئۆي تۇتقان ياشلارنىڭ تۆرمۇش تەجربىسى كەمچىل بولغاچقانۇرغۇن ئىشلارنى چوڭلارنىڭ كۆڭلىكىدەك قىلىپ كېتەلمەيدۇ .

ئەمما مۇشۇ سەۋەبىتىلا يۇقىرقى چۇڭ ئانىمىز مەسلىھەت سورىغىچىمىزدەك ھەددىن زىيادە بالىلارغا كۆڭۇل بۆلۇپ ،ھەممە ئىشىنى قىلىپ بىېرىپ ئۆگىتىپ قويۇش، بىر تەرەپتىن ياشلاردا ھۇرۇنلۇق تەييار تاپلىقنى شەكىللەندۇرسە ،يەنە بىر تەرەپتىن چۇڭلارغا ھەددىن زىيادە يۆلىنىۋېلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشىپ چۇڭلاردا شۇ سەۋەپلىك كېلندىن ئاغرىنىدىغان ،كېلىنلەر بولسا «چوڭلار ھەممە ئىشقا ئارلىشىۋالىدۇ »دەپ چۇڭلاردىن رەنجىپ ياخشى كۆڭۇل يامانغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .شۇڭلاشقا ياشلارغىمۇ مەلۇم بوشلۇق بېرىپ ،ئۇلارنىڭ ئۆزيولىنى ئۆزى تىپىشىغا يول قويوشمۇ بىر ئاقىلانە ئۇسۇل .

2.«يات كۆرۇش »تىن ساقلىنىش لازىم . بەزى قېينئانىلاردىكى«بۇ بەرىبىر خەقىنىڭ قىزى ،مەن ھەرقانچە ئەتىۋارلىغىنىم بىلەنمۇ يەنىلا ئۆز ئاپىسىنىڭ گىپىدىن چىقمايدۇ »دەيدىغان بىر تەرەپلىمە كۆزقاراش قېينىئانا -كېلىن مۇناسىۋىتىگەتەسىر يەتكۇزىدۇ.ئۇ بۇرۇن كىمنىڭ قىزى بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،سىزنىڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئايالى بولغان كۈندىن باشلاپ ئۇمۇ ئوخشاشلا سىزنىڭ قىزىڭىز .-سىز بىر ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بېلەن كېلىنىڭىزنى ئۆز قوينىڭىزغا ئالمىسىڭىز ،كېلىنىڭزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگەيېقىنلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلسىڭىز ياكى ئۇنى قىيىن ئەھۋالغاچۇشۇرۇپ قويۇشىڭىز مۇمكىن .بۇنداق ئەھۋالدا كېلىنىڭىز ھەرقانچە تېرىشسىمۇ سىزنىڭ سوغۇق مۇئامىلىڭىز ئىككڭلار ئارىسىكى« توساق » قا ئايلىنىپ قالىدۇ .شۇنىڭ ئۇچۇن كېلىنىڭىزگەئانىلىق مېھرىڭىزنى بېرىڭ .ئۇغلىڭىزنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرۇڭ .شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،ئەگەر سىزنىڭ قىزىڭىز بولسا ھامان بىر كۈنى يات بىر ئائىلىگە كېلىن بولۇپ بارىدۇ .ئەگەر سىزنىڭ قىزىڭىزمۇ سىز كېلىنىڭىزگەتوتقاندەك سوغۇق مۇئامىلىگەيولۇقسا يۇرىكىڭز ئېچىشماسمۇ ؟

3.ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .بەزى قېينئانىلاردا كېلىنگەقارشى تەرەپنىڭ ئىجتىمائي ئورنىڭ يۇقىرى-تۇۋەنلىكگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت .قارشى تەرەپنىڭ ئىجتىمائي ئورنى ھېچنىمىنى
بەلگىلىيەلمەيدۇ .بالىلارنىڭ بىر -بىرىنى ياخشى كۆرىشى ،چۇشنىشى ،چوڭلارنى ۋە بىر -بىرىنى ھۆرمەتلىشى بىر ئائىلىنىڭ ئىناق ئائىلە بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئالدىقى شەرت .ئائىلە شارايىتى ھەر قانچە ياخشى كېلىنمۇ سىزنى ھۆرمەت قىلمىسا ،ھەدېگەندە ئۆزبېشىمچىلىك بىلەن ئىش قىلسا ئوخشاشلا كۆڭولسىزلىك كېلىپ چېقىدۇ .

4.دىكتاتۇرا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك .سىزدە «مەن ئانا-سەن بالا ،شۇنىڭ ئۇچۇن ھەمىدە مىنىڭ دېگىنىم ھېساپ » دەيدىغان ئىدىيە ھوكۇمران ئورۇندا تۇردىكەن ،كېلىنىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز مەڭگۇ ياخشىلانمايدۇ .بالىلاردىن ئۆتكەن خاتالىق بولسا ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىش ،سەمىمىيىلىك بىلەن توغرا يولنى تىپىشىغا ياردەم قىلىش كېرەك .

كېلىنلەرئۆزىدە قانداق شارائىتلارنى ھازىرلىشى كېرەك ؟

مېنڭچە كېلىن بولغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپرەك تەلەپ قويولىشى مۇمكىن ،چۇنكى ياشلارغا بەزى تەلەپلەرنىڭ قاتتىقراق قۇيۇلىشى ئارتۇقلۇق قىلماس .

بۇنىڭ ئۈچۇن ئالدى بىلەن پىخسىك مەسلىھەت ئالغىلى كەلگەن ياش كېلىن بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى قىستۇرۇپ ئۆتۇشنى لايىق تاپتىم.

.مەن توي قىلغىلى بىر يىل بولدى ،بۇ بىر يىل جەريانىدا قېينىئانامنىڭ مىنى پەقەت ئۆزكۆرمەيدىغانلىقىنى ،قىلچىمۇ كۆيۇنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم .كۆڭلۇم بەكمۇ يېرىم .

-نىمىگەئاساسەن شۇنداق دەيسىز ؟-قېينىئانام ئەسلىي پېنسىيە يېشىغا توشقانىدى ،مەن ئىككى قات بولغاندىن كېيىن ،«ئىدەرە تەكلىپ قىلدى»
دەپلا يەنە خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدىكى ئېغىر-يىنىڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ زىممەمگەچۈشتى .

-پەقەت مۇشۇ سەۋەپتىنلا قېينىئانىڭىزنى سىزگەكۆيۇنمەيدۇ دەپ قارامسىز ؟-يەنە بار مەن يىقىندا يەڭگىدىم .ئەمما قېينىئانام بەزى ۋاقىتلاردابالىغا قاراپ بەرگەننى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپىنچە ۋاقىتا«بالا ئۆزئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگەتۇرغىنى ياخشى دەپ قاراپ بەرمەيدۇ .بۇنداق قىلسا مەن قىينىلىپ قالمامدىم .-شۇنداقمۇ .ئۆز ئانىڭىزچۇ ؟بالىڭىزغا قاراپ بەرمەمدۇ ؟-ئاپامنىڭ سالامەتلىگى ياخشى ئەمەس،ئۇنىڭ ئۇستىگەئۆيىمىزنىڭ ئارلىغى يىراق ،قېينىئانامنىڭ ئۆيى يېقىن بولغاندىن كېيىن بالىغا قاراپ بەرسە نىمە بوپتۇ .

-ئۇنداقتا قېينىئانىڭىزنىڭ سالامەتلىگى ياخشىمۇ ؟-خىزمەت قىلغۇدەك مادارى بولغاندىن كېيىن ياخشىدۇ .

-قىينانىلارنىڭ بالىغا قاراپ بېرىشى ياكى كېلىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بىرەر قانۇن ياكى پىرىنسىپتا بەلگىلەنگەنمۇ ؟

-ياق ئۇنداق ئەمەس .سىزنىڭ دۇستلىرىڭىز ،خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ قېينئانىسىنى ئۇلارنىڭ بالىرىغا قاراپ بېرەمدۇ ؟

-ياق ،ئۇنداق ئەمەس

-ئەمىسە ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزگەئۇخشاش« قېينئانام ماڭا كۆيۇنمەيدۇ »دەپ ئاغرىنامدۇ ؟-ياق ،بۇ…………….
سۆھبەت داۋاملىىشپ بۇ يەرگەكەلگەندە بۇ قىز ئويلىنىپ قالدى .دېمەك ،بىر قىسىم كېلىنلەردىكى چۇڭلار چۇقۇم ئۇنداق ياكى بۇنداق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتىشى كېرەك ،دەيدىغان ناتۇغرا ئىدىيە ،ئۇلارغا ھەددىن زىيادە تايىنۋېلىش قاتارلىقلارمۇ قېينئانا -كېلىن مۇناسىۋىتىگەروشەن ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

كېلىنلەر قانداق قىلغاندا ياخشى قېينئانا -كېلىن مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۇرەلەيدۇ ؟

1.قېينئانىڭىزنى ئۆز ئاتا -ئانىڭزغا ئۆخشاش كۆرۈڭ .بەزى كېلىنلەر ئېرىنى ياخشى كۆرسىمۇ قېينئانىسىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ .كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن «قېينئانىلار ئۇنداق -مۇنداق »دەيدىغان سوزلەرنىڭ تەسىرى بىلەن قېينئانىسىغا سەل ئارىلىق قويۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ .

سىزئېرىڭىزنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز ،ئۇنىڭ ئانىسىنىمۇ خۇددى ئۆز ئانىڭىزنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆروڭ ،.پەرزەنىتلىك كېلىنىلىك مەجبۇرىيىتڭىزنى ياخشى ئادا قىلىڭ .ھېت -بايراملاردا ئانىڭىزغا نېمە ئالسىڭىز قېينانىڭىزغىمۇ ئوخشاش سوغا ئېلىڭ ،ئىككى ئانىغا ئىككى خىل كۆز قاراشتا بولۇش ياخشى ئىش ئەمەس.

2.چۇڭلارنىڭ ئالدىدا ئامال بار ئەدەپلىك ئىغىر بىسىق بولۇڭ .

3.ھەددىن زىيادە قېنىق گىرىم قىلىشتىن ياكى چوڭلارنىڭ كۆزىگە غەلىتەكۆرنىدىغان «مودا»كېيىملەرنى كېيىشتىن ساقلىنىڭ .

4.بەزى ئۇششاق سەۋەنلىكلەرگەيول قۆيۇڭ .چۇڭلار ياشقا چۇڭ بولۇپ قالغاچقا بەزى چاغلاردا بەكرەك نازۇكلىشىپ كېتىشى ياكى سىزگەكۆپرەك تەربىيە قىلىشى ،بەزىدە ئورۇنسىز ئەيىپلەپ قويۇشى مۇمكىن .بۇ ۋاقتا ئۇلاردىن ئۆتكەن سەۋەنلىكلەرگەيول قۇيۇشنىڭ ئۆزى سىزدىكى پەزىلەتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
5.قېينئاناۋە ئۇيدىكىلەرنىڭ يامان گىپىنى باشقىلارغا قىلماڭ .ئاتا -ئانىڭىز تۇققانلىڭىز ۋەبالىلار ئالدىدا يامان گىپىنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ .

بولمىسا ئىككى ئائىلە ئولتۇرىسىدا زىدىيەت تېرىشتىن باشقا نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ.

6.ئائىلىڭىزدىكى جىدەل -ماجىرانى قېينئانىڭىزغا دىمەڭ .چۇڭلارنىڭ كۆڭلىدە تەشۋىش پەيدا بوپ قىلىشى مۇمكىن .

خۇلاسە.-قېينئانا -كېلىن مۇناسىۋىتى ئەمەليەتتە بىز ھەل قىلامىغىدەك ئىنتايىن قىيىن مەسىلىمۇ ئەمەس .پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئىدىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان ناتوغرا كۆزقاراشلارنى ئۆزگەرتەلىسە بىر -بىرىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى قاتارىدا كۆرسىلا بۇ مۇناسىۋەت ياخشى داۋاملىشالايدۇ .يەنە بىر تەكلىپ ئەرلەرمۇ ئايالارنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگەسەل قارىمىسا ،يۇقىردا بىر ئانا دىگەندەك ئائىلىدە بىر تاماق ئىتىشنى بىلمىگەن ئايالنى قانات ئاستىغا ئىلىۋاتقان بۇنىڭدىن خىجىلىك ھىس قىلمايدىغان ،ئەرلىك غۇرۇرنى ئۇنتۇپ قالغان ئەرلىرىمىزنى يۇق دىگىلى بولمايدۇ .بۇنداق بىر ئائىلىدە قانداقمۇ ياخشى پەرزەنىت تەربېلەپ چىقىلى بولىدۇ .شۇڭا ھەمىمىز مەسئۇلىيەتچان بولايلى !

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 07:58:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ