ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەرۋاكسىنابوغما كېسىلى ۋە بوغما ۋاكسىنىسى

بوغما كېسىلى ۋە بوغما ۋاكسىنىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوغما كېسىلى، Corynebacterium diphtheriae ئىسىملىك مىكروئورگانىزىمنىڭ گال، بۇرۇن، كۆز ۋە تېرىگە جايلىشىش ۋە شۇ جايدا كۆپىيىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، كونترول قىلىنمىسا ئېغىر خەتەرلىك نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ساقايغان بەزى كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە بۇ كېسەللىككە يېتەرلىك ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەنمىسە، تەكرار يۇقۇملىنىش خەۋپى بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، پەقەت ساغلام كىشىلەرلا ئەمەس، بەلكى كېسەل بولۇپ ساقايغانلارمۇ بوغما ۋاكسىنىسى ئەملىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بوغما كېسىلى تەرجىمىسى

ئۇيغۇرچە: بوغما
ئىنگىلىزچە: Diphtheria
خەنزۇچە: 白喉
تۈركچە: difteri

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
دىفتېرىيا, دىفتېرى

تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
kuş palazı hastalığı

 

بوغما كېسىلى ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟

بوغما كېسىلى ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ گال ۋە بادامسىمان بەزگە يېپىشىدۇ ۋە شۇ يەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا قىلىدۇ. دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ھارغىنلىق ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ، كېكىردەك ئاغرىش ۋە يېنىك قىزىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2-3 كۈن ئىچىدە ئىششىغان بادامسىمان بەزدە كۈلرەڭ ئاق رەڭلىك بىر قەۋەت شەكىللىنىدۇ ، بۇ بادامسىىمان بەزنى ئوراپ تۇرغان ئاق سېرىق پەردە بەزىدە يېشىل رەڭگە، ئەگەر قان چىقسا قارا رەڭگە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بۇ پەردە ھەم ئىششىغان بادامسىمان بەز بەك يوغىناپ كەتسە، ھەتتا نەپەس يولى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

 

بوغما كېسىلى قانداق يۇقىدۇ؟

نورمالدا، بوغما كېسىلى بىمارى ۋەيا بوغما كېسىلى باكتېرىيىسىنى كېسەللىك ئالامىتىسىز توشۇپ يۈرگەنلەر باشقا ساغلام كىشىلەرگە يۇقتۇرىدۇ. يۇقتۇرۇش يوللىرى، بۇ كىشىلەر يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ئېغىزدىن بۇرۇندىن چىققان تۈكۈرۈك، بەلغەم، تامچىلەر ئارقىلىق، ياكى ئېغىز ئاجراتما سۇيۇقلۇقلىرى (بەلغەم، شۆلگەي) بار تۇرمۇش بويۇملىرى ئارقىلىق باشقا ساغلام كىشىگە يۇقىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىز، ئۆپكە قاتارلىق نەپەسلىنىش يولىدا بوغما كېسىلى باكتېرىيىسى بولسىمۇ، ئەمما بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەچكە، باشقىلارغا بىلىپ بىلمەي يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ كېسەللىك ھەرقايسى ياشتىكى كىشىلەرگە يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

 

بوغما كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋاقتى قانچىلىك؟

بىر بوغما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارغا ئەگەر مۇنتىزىم داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلمىسا، 2-3 ھەپتىگىچە باشقىلارغا يۇقۇملاندۇرۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. ئانتىبىئوتىك داۋالاش باشلانغاندىن 24 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن باشقىلارغا يۇقمايدۇ. ئەگەر ئانتىبىئوتىك بېرىلمىسە، يۇقۇملاندۇرۇش ئىھتىماللىقى 4 ھەپتىگىچە سوزۇلۇشى مۇمكىن.

 

بوغما كېسىلىنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى قانچىلىك؟

ئوخشىمىغان دۆلەت رايونلاردا ئوخشىمىغان سىتاتىسكا ئۇچۇرلىرى بار. بەزى رايونلاردا بوغما كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 20% گە يەتكەن. كېسەللىك كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش ۋاقىتلىرىدا، بۇ نىسبەت 33% يېتىپ بارىدۇ، يەنى ھەر 3 يۇقۇملانغان كىشىدىن 1سى بۇ كېسەللىكنىڭ ئېغىر ئالامەتلىرى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدۇ.

 

بوغما كېسىلىگە قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

بوغما كېسىلى شۈبھىسى بار كىشىلەر ئاۋۋال بوغاز تۈكۈرۈك تەكشۈرۈشى، قان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئايرىم بىر مۇھىتتا كۈزىتىلىدۇ. دىئاگنوزى بوغما كېسىلى بولۇپ قويۇلغاندا، زەھەرگە قارشى تۇرۇش دورىسى (ئانتىتوكسىن) ۋە ئانتىبىئوتىك (باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش دورىسى) بېرىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىمارنىڭ داۋالىنىشى كۆپىنچە دوختۇرخانىلاردا بولىدۇ ۋە ساقايغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىشنىڭ ئالدىدا چوقۇم بوغما ۋاكسىنىسى ئەملىنىدۇ ۋە 10 يىلدا بىر قېتىم تەكرار ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ.

 

بوغما ۋاكسىنىسى تەرجىمىسى

ئۇيغۇرچە: بوغما ۋاكسىنىسى
ئىنگىلىزچە: Diphtheria vaccine
خەنزۇچە: 白喉疫苗
تۈركچە: difteri aşısı

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
دىفتېرىيا ۋاكسىنا, دىفتېرى ۋاكسىنىسى

 

بوغما ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمى قانداق؟

قۇرامىغا يەتكەنلەرگە 3 قېتىم بوغما ۋاكسىنىسى ئەملەنسە ۋەيا بوۋاقلارغا 4 قېتىم بوغما ۋاكسىنىسى ئەملەنسە، 95% دىن ئارتۇق كىشىلەردە بەدەندە كېسەللىككە قارشى ئىممۇنىتېت شەكىللىنىدۇ.

 

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بېكىتكەن بالىلار بوغما ۋاكسىنىسى ئەملىنىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قايسى شەكىلدە بولىدۇ؟

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرىلىك 5 ۋاكسىنىنى (DaBT-İPA-Hib) بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار 2، 4، 6 ئايدا ۋە 18-ئايدا جەمئىي 4 قېتىم ئەملەيدۇ.

48-ئايدا 4 ۋاكسىنىنى (DaBT-İPA) بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە بىر قېتىم كۈچەيتكۈچى (مۇستەھكەملىگۈچى) ۋاكسىنىسى شەكىلدە ئەملىنىدۇ.

ھەر قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەندە، بالىلار ۋاكسىنا خاتىرە دەپتىرىگە (ۋاكسىنا كارتىسى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ) خاتىرىلىنىدۇ. بۇ دەپتەرنى ئامال بار يۈتتۈرۈۋەتمەي ياخشى ساقلاش كېرەك.

13 ياشقا كىرگەندە، قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان بوغما-قاتما (دىفتېرىيا-تېتانۇس Td) ۋاكسىنىسىدىن بىر قېتىم ئەملىلنىدۇ. بۇ قېتىملىق ئەملەشمۇ بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىنغان.

 

كىملەرگە بوغما ۋاكسىنىسى ئەملىسە بولمايدۇ؟

بوغما ۋاكسىنىسىغا ياكى ئۇنىڭ تەركىبلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىسى (ئانافىلاكسىيە) كۆرۈلگەن بىمارلارغا قايتا بوغما ۋاكسىنىنى ئەملىمەسلىك كېرەك.

ئوتتۇراھال ياكى ئېغىر جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكى بولغان بىمارلاردا ۋاكسىنا ئەملەشنى كېچىكتۈرۈش كېرەك. يېنىك دەرىجىلىك جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك بىمارلىرىغا ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋاكسىنا ئەملىسە بولىدۇ.

 

بوغما ۋاكسىنىسىنىڭ ئەكس تەسىرى بارمۇ؟

يېنىك ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى، جىددىي دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى (ئانافىلاكسىيە)، نېرۋا سىستېمىسىگە تەسىر قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

ۋاكسىنا ئەملەنگەن قىسىمدا قىزىرىش، ئاغرىش، قىززىش، ئىششىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇلار ئەھۋاللارنى داۋالىمىسىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدۇ.

پۈتۈن بەدەندە قىززىش ئەھۋاللىرىمۇ ئاز كۆرۈلىدۇ.

 

ھامىلدار خانىملار بوغما ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولامدۇ؟

ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ناچار ۋە ھامىلىدارلارغا ۋاكسىنا ئەملىگىلى بولىدۇ.

ھامىلدار ئاياللارغا بوغما-قاتما كېسىلى ۋاكسىنىسى (Td دىفتېرىيا – تېتانۇس ۋاكسىنىسى) ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى تەۋسىيىسى بىلەن ئەملىنىدۇ.

 

بوغما كېسىلىدىن شۈبھىلەنسە قايسى بۆلۈمگە بېرىش كېرەك؟

قۇرامىغا يەتكەنلەردە بوغما كېسىلىدىن شۈبھىلەنسە تۆۋەندىكى بۆلۈملەرگە بېرىشى لازىم:
مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى, جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى, نەپەسلىنىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلار، بالىلار بوغما كېسىلىدىن شۈبھىلەنسە تۆۋەندىكى بۆلۈملەرگە بېرىشى لازىم:
مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى, بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى, بالىلار نەپەسلىنىش يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى, بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى

 

ۋاكسىنا ئەملىتىش ئۈچۈن قايسى بۆلۈمگە بېرىش كېرەك؟

دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكى بېكىتكەن ۋاكسىنا ئەملەش جەدۋىلىگە ئاساسەن كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسىنى بالىلارغا ئەملىتىش ئۈچۈن مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى (ئائىلە دوختۇرى) غا بېرىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋاكسىنا ئەملىتىش ئۈچۈن مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى, نەپەسلىنىش يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى دوختۇلار بىلەن كۆرۈشۈشى لازىم.

ھامىلدار ئاياللار بولسا ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈشى لازىم.

 

بوغما ۋاكسىنىسىنى بىر قېتىم ئەملەتسە ئۆمۈر بويى بوغما كېسىلىدىن قوغدانغىلى بولامدۇ؟

بوغما ۋاكسىنىسى بىلەن قاتما كېسىلى ۋاكسىنىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەملەيدۇ. نورمالدا  ئارقا ئارقىدىن 3 قېتىم ئەملەش ئارقىلىق بىر تولۇق ئەملەش پروگراممىسى تاماملانغان بولىدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن 10 يىلغىچە قايتا ئەملىمىسىمۇ بولىدۇ. يەنى ۋاكسىنىنىڭ كۈچى ئالاھەزەل 10 يىل داۋام قىلىدۇ. 10 يىلدىن كېيىن تەكرار ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئىلگىرى ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئەملەنمىگەنلىكى ئېنىق بولمىسا، شۇ زامان 3 قېتىم ۋاكسىنا ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

بوغما ۋاكسىنىسى بەدەننىڭ قايسى قىسمىغا ئەملىنىدۇ؟

مۈرە مۇسكۇلىغا ئوكۇل بىلەن ئۇرۇلىدۇ.

 

ئاپتور: نۇرمەمەت دانىش (نۇر دوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-26 / 05:10:34

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ