بوۋاق تۇغۇلغاندا داس بوشلۇقىغا چۈشۈش ھالەتلىرى
ئۇماق بوۋاقلار تۇغۇلۇشنىڭ ئالىدا ھامىلە خانىمنىڭ داس بوشلۇقىغا ھەرخىل شەكىلدە چۈشىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بوۋاقنىڭ تۇغۇلىشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىدۇ يۇ بەزىلىرى تۇغۇتنى تەسلەشتۈرۈپ، نورمال يولدىن ئەمەس، بەلكى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق بالىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.
سوئال جاۋاب:
سوئال:
ياخشىمسىز؟ نۇرمال توغۇت ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟نىم ئۈچۈن كاسسى پۇتى ئاۋال چىقىش يۈز بېرىدۇ ؟
جاۋاپ:
ياخشىمۇسىز
بوۋاق بەك يوغان بولۇپ كەتسە، بالىياتقۇ سۈيى بەك ئاز بولۇپ قالسا، ھەتتا بۇ ئىككى ئەھۋاللار بولمىغاندىمۇ يەنىلا كاسسا كېلىش، پۇت كېلىش، توغرىسىغا يېتىۋىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
بۇلارنى بەك بېسىم قىلىۋالماڭ.
ئەگەر بىرىنجى تۇغۇت بولسا، نورمالدا 2 ھەپتە بۇرۇن بۇ ھالەتلىرى مۇقىملىشىدۇ.
تۇغۇتتىن بۇرۇن 1 ئاي ئىچىدە دوختۇر چوقۇم تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ ئۇلترائاۋازلىق ئۈسكۈنىدە. ھەم سىزگە بوۋاقنىڭ بەدەن ھالىتىنى، ئۆرۈلۈپ ئۆرۈلەلمەسلىكىنى، تۇغۇشقا ئەپلىكمۇ ئەپلىك ئەمەسلىكىنى دەپ بېرىدۇ.
ئەگەر سۇ نورمال بولسا، بالا چوڭ كىچىكلىكى نورمال بولسا، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. چۆگىلەپ چۆگىلەپ يەنە باش ئاستىغا بولىدۇ.
ئەگەر باش ئۈستىدە بولسا، يەر بېغىرلاش ھەرىكەتلىرى بار شۇلارنى قىلىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەگەر ئىككىنجى تۇغۇت بولسا، نورمالدا تۇغۇشتىن 1-2 سائەتكىچە قەدەر بەدەن ھالەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.
مۇھىمى، تۇغۇت ئانىسى بېسىم قىلىۋالمىسۇن. كەيپىياتنى ياخشى تۇتسۇن. ھەرىكەت قىلىپ بەرسۇن، بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇۋالمىسۇن.
يان يېتىش، يەر بېغىرلاش ئۆمىلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
+1
+1
+1
+1
+1
+1