بالا ئېمىتىشنىڭ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەرەپلىرى بار دىئابېت كېسىلى بار ئاياللار بوۋاق تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، ئېمىتىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە قان شېكىرىنىڭ ئۆلچەملىك مىقدارى ھەققىدە تەربىيە ئېلىش كېرەك
بالا ئېمىتكەندە قان شېكىرى تۆۋەنلەش بىلەن بىرگە ھەر كۈنى 500 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىقنى كۆپ سۈمۈرىدۇ.
شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوكۇل قىلىنىدىغان ئىنسۇلىننى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن يېرىم ھەسسە ئازايتىش كېرەك. ئالدى بىلەن يېڭىچە ئوزۇقلىنىش ۋە ئۇخلاش ئۇسۇلىغا ھەم قان شېكىرىگە، بالىنىڭ سۈتكە بولغان ئېھتىياجى ئاساسەن ئىنسۇلىننى تەڭشەش كېرەك.
بالا ئېمىتىشتىن ئىلگىرى قان شېكرىنى ئۆلچەش ئەقلىي تەلەپ، بالا ئېمىتىشتىن ئىلگىرى ۋە ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: بىر ئىستاكان سۈت، ئازىراق ھۆل مېۋە ۋە ئازراق پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىقلارنى يېيىش بىلەن بىرگە ئىنمىتىشتىن ئىلگىرى ئازراق ئۇخلىۋېلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
دىئابېت بىمارلىرى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشمۇ ئىنتايىن پايدىلىق.
قان شېكىرىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى ئەمچەك بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمچەك بېزى ياللۇغىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالا ئېمىتكەن ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇپ ئېمىتىش، ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن ئەمچەكنى پاكىز يۇيۇش، قۇرۇق ساقلاش، سۇنى كۆپ ئىچىش، كەڭ-كۇشادە كىيىملەرنى كىيىش كېرەك.