توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سۈيدۈك تامچىلاپ ئاقىرىش ئادەتتە كىچىك تەرەتتىن كېيىن سۈيدۈك يولىدىن ئاق رەڭلىك ئاجرالمىلارنىڭ ئېقىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە پات- پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق غىدىقلىنىش ئالامەتلىرىنى ھەمدە باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، بەل تېلىپ ئاغرىش، جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاش، باھ ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
ئادەتتە ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا كۆرۈلىدۇ، بىمارلار دائىم بۇ خىل ئاق رەڭلىك ئاجرالمىلارنى خاتا ھالدا مەنىي دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە مەزى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدۇر.
ياشلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ھاياجانلىنىش مەزى بېزىگە قايتا-قايتا قان تولۇش، مەزى بېزى ياللۇغى ئاجراتمىلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
جۇڭگو تېبابىتىدە ئىسپىرما چىڭ يېپىلماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار، كۆپ ھاراق ئىچىش، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش، بىنورمال جىنسىي تۇرمۇش، ئۇزۇن مەزگىل ئاتلىق ھەرىكەت قىلىش، تۈنەش، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىقلاردىن دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەزى بېزىگە قان تولۇشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، مەزى بېزى ياللۇغىنى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17761490.shtml