ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلار ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلاپ بەرگىنى ياخشى

بالىلار ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلاپ بەرگىنى ياخشى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلاردا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ سانلىق ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ خۇددىي ھەپتە ئارىلىقىدىكى كۈنلەردىكىدەكلا سائەت 7 دە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئورۇندىن تۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ۋاھالەنكى ئاۋىستىرالىيە ياشلار ئۆسمۈرلەر دوختۇرلىرى بىرلەشمىسىدىكى مۇنىكا نېرخوس خانىمنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، بالىلارنى ھەپتە ئاخىرىدا كۆپرەك ئۇخلاتقاننىڭ ئىجابىي ئەھمىيىتى ئۇلارغا ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈشنىڭكىدىن كۆپ ئارتۇق ئىكەن.

خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلار بىردەك قېنىپ ئۇخلاشنىڭ بالىلار مېڭىسى ۋە تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە زور رولى بار، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا قېنىپ ئۇخلىشىنى پەقەتلا ھەپتە ئارىلىقىدا سەھەر تۇرۇشتىن پەيدا بولغان ئۇيقۇ كەملىكىنى تولۇقلىغانلىق دېگىلى بولمايدۇ.

ئۇيقۇ يەنە بالىلارنىڭ ھورمۇنىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەپتە ئاخىرىدا بالدۇر تۇرىدىغان بالىلارنىڭ بالىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى ھەپتە ئاخىرىدا قېنىپ ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭكىدىن %50 ئارتۇق ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيقۇ كەم بولسا بالىلار تېنىدىكى ئوزۇقلىنىشنى كونترول قىلىدىغان ئورۇقلىتىش ئامىلى ۋە ئېچىرقاش ھورمۇنىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

مۇنىكا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى بىر ياكى ئىككى ئەسىر ئىلگىركى كىشىلەرنىڭكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1-2 سائەتكىچە كەم ئىكەن. ياشلار – ئۆسمۈرلەر ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى چوقۇم توققۇز يېرىم سائەتتىن 10 سائەتكىچە بولۇشى كېرەك ئىكەن.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-04-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-04-29 / 09:54:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ