ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقبۇ خىل كىشىلەر ھەسەل ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ

بۇ خىل كىشىلەر ھەسەل ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەسەل ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئېچىپ پايدىلانغان تاتلىق تەم خۇرۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

جۇڭيى تېبابىتىدە ھەسەلنىڭ دورا ۋە يېمەك-ئىچمەكنى ماسلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئالدى بىلەن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مونوساخارىد ھەزىم قىلىنمايلا بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ، ئاياللار ۋە بالىلارغا، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا نىسبەتەن سالامەتلىككە تېخىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇ خىل كىشىلەر ھەسەل ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ

ئىككىنچىدىن، ھەسەل جۇڭيى دورىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دائىم جۇڭيى تېبابىتى كىلىنىكىسى ۋە جۇڭيى دورىلىرىنى تەييارلاش ۋە جۇڭيى دورا ياسالمىلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.

«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «ھەسەل يۈرەك ۋە قورساقتىكى يامان ئىللەتلەر، تۇتقاقلىققا قارشى تۇرۇش، قۇۋۋەت تولۇقلاش، ئاغرىق توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، كېسەللىكنى يوقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە پايدىسى بار.»

 

ھەسەل ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ

تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل كىشىلەر چوقۇم ھەسەل ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، جىگەر قېتىش بىمارلىرى چوقۇم ھەسەل يېمەسلىكى كېرەك.

چۈنكى ھەسەل تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت بولۇپ، قەنت مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىپ، يۈرەك، جىگەر، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

دىئابېت كېسىلى، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەن بىمارلار ھەسەلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىشى كېرەك.

ھەسەل تەركىبىدە فىرۇكتوزا، گىلۇكوزا ۋە ساخاروزا بولغاچقا، بىمار ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قاندىكى قەنت مىقدارى تېز ئۆرلەپ، بەدەندىكى ياغنىڭ مېتابولىزمىنى بېسىپ چۈشىدۇ، ھەتتا يىمىرىلىدۇ.

بوۋاقلارغىمۇ ھەسەل بېرىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. چۈنكى ھەسەل ئېچىتىش، توشۇش ۋە ساقلاش جەريانىدا، گۆش زەھىرى لاكتوباكسىلىنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقلارنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىز، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا زەھەرلىنىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ.

تال زەئىپلىشىش، ئىچى سۈرۈش ۋە ھۆل تەمرەتكە سەۋەبىدىن قورساق كۆپۈش، ئاغرىش، تىل گېزى قېلىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلەرمۇ ھەسەلنى يېمەسلىكى كېرەك.

 

ياۋا ھەسەل ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

ھەسەل ھەسەل ھەرىسى يىغقان گۈل شىرنىسى ياكى ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىدىن سىرغىپ چىققان شىرنە ياكى ھاشاراتلار ئاجرىتىپ چىقارغان شىرنە بىلەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ شۆلگەي بېزى ئاجرالمىلىرىنى تولۇق ئېچىتىش ئارقىلىق ھەرە كۆنىكىدە ساقلىنىدىغان تاتلىق تەم ماددا، شۇڭا كىشىلەر ئىستېمال قىلىدىغان ھەسەل ۋە ھەسەل يېمەكلىكلىرىدە كۆپ مىقداردا ئۆسۈملۈك گۈل چېڭى بولىدۇ.

ھۇشيار بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۆسۈملۈك دۇنياسىدا ناھايىتى ئاز ساندىكى گۈل چېڭى زەھەرلىك، ياكى كىچىك زەھەرلىك، ياكى چوڭ زەھەرلىك، ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك بولىدۇ.

شۇڭا، ھەقىقىي ياخشى ھەسەلنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئىستېمالچىلار ئەڭ ياخشىسى سودا سارايلارغا بېرىپ چوڭ ماركىلىق ھەسەلنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ. كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، مەھسۇلات بەلگىسى بولمىغان «ياۋا ھەسەل»نى سېتىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

بولۇپمۇ گۈل چېڭىغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر ھەسەلنى ئېھتىيات بىلەن تاللاپ، يېگەندىن كېيىن زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/25794398.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-21 / 10:48:52

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ