ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بوي ئىگىزلىكىنى، ئېغىرلىقىنى، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بوي ئىگىزلىكىنى، ئېغىرلىقىنى، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

دوختۇرلار نورمالدا يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بويىنى، ئېغىرلىقىنى، باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەپ، يېڭى دادا ئاپا بولغانلارغا دەپ بېرىدۇ ھەم ئاتا-ئانىغا ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆلچەپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟

بۇنىڭ سەۋەبى، باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى ۋە بوي ئىگىزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى، يېڭى تۇغۇلغان بالىلار 2 ياشقا كىرىپ بولغۇچە، بەدىنىنىڭ نورمال يىتىلىپ يىتىلمىگەننىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى ھېساپلىنىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بالىلار ساغلاملا بولسا، كۆپىنچىلىرىنىڭ باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى، بوي ئىگىزلىكى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

باش ئايلانمىسى: 32-37 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 46.3 – 53.4 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 2500 – 4400 گرام

بۇ ئۈچ ئۆلچەم، ھەر ئايدا ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ. ھەم بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ساغلام چوڭ بولۇۋاتامدۇ يوق، ئوزۇقلۇق يىتىشىۋاتامدۇ يوق، بەدەندە بىرەر كېسەللىكنىڭ بىشارىتى بارمۇ يوق بىلگىلى بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى بىنورمال ئەھۋاللىرى

باش ئايلانمىسى نورمىدىن چوڭ بولۇشى: مېڭىدە سۇ يىغىلىپ قېلىش، بالىلاردىكى راخىت كىسىلى ۋە باشقا باش ئىچىدىكى مەسىلىلەردىن دىرەك بېرىدۇ.

باش ئايلانمىسىنىڭ نورمىدىن كىچىك بولۇشى: بۇ كۆپىنچە بالىلاردا ئوزۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبلىك كىچىك بولۇپ قېلىشتىن دىرەك بېرىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى بىنورمال ئەھۋاللىرى

بوي ئىگىزلىكى نورمىدىن ئۇزۇن بولۇش: بۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نورمال ھىساپلىنىدۇ. ئەمما باش ئايلانمىسى بىلەن پاراللىل بولماي، زىيادە ئۇزۇن بولسا ۋە باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلسە، مەسىلەن زىيادە تۈك چىقىش، بوۋاقنىڭ بوغۇم ئۇگىلىرى قىزىرىش، ھەرىكەتلىرى بىنورمال بولسا دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىش لازىم.

بوي ئىگىزلىكى نورمىدىن قىسقا بولۇش: بۇمۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بالىلاردا ئوزۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبلىك بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىنورمال ئەھۋاللىرى

بەدەن ئېغىرلىقى نورمىدىن يۇقىرى بولۇش: ئەگەر بوۋاق ئانا سۈتى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى ئىتتىك ئېغىرلىسا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا نورمال ھىساپلىنىدۇ. ئەمما ئانا سۈتى بىلەن ئەمەس، بەلكى قوشۇمچە يىمەكلىكلەر بىلەن بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى نورمىدىن ئېشىپ كەتسە، تەكشۈرتۈپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى نورمىدىن تۆۋەن بولۇش: بۇمۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بالىلاردا ئوزۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبلىك بولىدۇ.

باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭىيىشىنى بوي ئۇزىرىشى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى ماس ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش، بوۋاقلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىش، تىل چىقىرىش ئەھۋاللىرىنى كۈزىتىپ تۇرۇش ئارقىلىق بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەگەر بىرەر بىنورمال ئۆزگىرىشلەر بولسا، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بارغىلى، بۇ ئارقىلىق يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى، بوي ئىگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقىنى قانداق ئۆلچەش كېرەك؟

كېرەكلىك ماتېرىياللار:

  1. يۇمشاق مېتىر – بۇنىڭ ئارقىلىق بويىنى، ۋە باش ئايلانمىسىنى ئۆلچىيەلەيسىز. بالىمۇ ئانچە بىئارام بولمايدۇ.
  2. سىزنى كۆتۈرەلىگۈدەك ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچ – بۇ ئارقىلىق ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئۆلچىۋېلىڭ، ئاندىن بالىنى كۆتۈرۈپ بىر ئۆلچەپ، چىققان ساننى ئېلىۋەتسىڭىزلا بالىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى چىقىدۇ.
  3. دەپتەر، قەلەم – ھەر ئايدا ئۆلچىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەپ قويۇڭ. مەيلى ساغلام بولسۇن بولمىسۇن، بۇ بەك مۇھىم. (بىنورمال بولسا دوختۇرغا كۆرسىتىدىغان بىر ئىسپات بولىدۇ، ساغلام بولسا كەلگۈسى ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمىلىك خاتىرە بولۇپ قالىدۇ.)

تۆۋەندە باش ئايلانمىسى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلىنىڭ رەسىملىك كۆرسەتمىسىنى چىقىرىپ قويدۇق.

بوي ئۇزۇنلۇقىنى بالىنى تۈز ياتقۇزۇپ، تىزىنى تۈزلەپ، بېشىنىڭ چوققىسىدىن تاپىنىغىچە بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچىنىدۇ.

بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلىنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتتۇق.

تۆۋەندىكى ئادرىستا بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقى ھەر ئايدىكى ئۆزگىرىشىنى جەدۋەل شەكىلدە پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن چىقىرىپ قويدۇق.

0 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى جەدۋىلى
https://dohturlar.com/0-yashtin-18-yashqiche-bolghan-balilarning-boy-igizliki-we-eghirliqi-jedwili/

يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى ھەم ئېگىزلىكىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك
https://dohturlar.com/yengi-tughulghan-bowiqingizning-eghirliqi-hem-egizliki/

يۇقارقى مەزمونلار، يېڭى ئاتا ئانا بولغانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن چىقىرىلدى. ئەمما ئوخشىمىغان بوۋاقلاردا بەزى ئوخشىمىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا ئانىلار ئەگەر بوۋاقتا يىتىلىش جەريانىدا بىنورمال ئەھۋاللارنى بايقىغاندا ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تۆۋەندىكى ئادرىسلاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 0 ئايدىن تارتىپ 24-ئايغىچە (2 ياشقىچە) بولغان باش ئايلانمىسى، بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئىگىزلىكى ۋە باشقا يىتىلىشتىكى جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى رەسىملىك شەكىلدە تەييارلاپ چىقتۇق.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/yengi-tughulghan-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

1 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/1-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

2 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/2-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

3 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/3-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

4 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/4-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

5 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/5-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

6 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/6-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

7 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/7-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

8 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/8-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

9 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/9-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

10 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/10-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

11 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/11-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

12 ئايلىق بوۋاقلار ???? – بوۋاقلار، بالىلاردا ھەرقايسى ئاي، ياشلاردا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر
https://dohturlar.com/12-ayliq-bowaqlar-bowaqlar-balilarda-herqaysi-ay-yashlarda-bolidighan-ozgirishler/

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-29 / 05:02:48

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ