ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇققەھۋە يۈرەكنى قوغدىيالامدۇ؟

قەھۋە يۈرەكنى قوغدىيالامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قەھۋە دۇنيادىكى بازىرى ئىتتىك ئىچىملىك، لېكىن قەھۋە «يۈرەككە زىيانلىق»، «ئاشقازان، ئۈچەيگە زىيانلىق»، «سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەندەك قاراشلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئىلگىرى «مەلۇم داڭلىق ماركىلىق قەھۋە راك پەيدا قىلغان» دېگەن خەۋەر چىققان، گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا رەددىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە يەنىلا مۇنداق بىر گۇماننى قالدۇردى: قەھۋە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

قەھۋە يۈرەكنى قوغدىيالامدۇ؟

تەتقىقاتلاردىن بىز قەھۋەنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقەتەن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، گەرچە سەلبىي تەرىپى بولسىمۇ، لېكىن پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە يۈرەكنى قوغداش رولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، قەھۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. قەھۋە تەركىبىدە كوفېئىن بار بولۇپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى تورمۇزلاپ، ئارتېرىيە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچسە، يۈرەك قان تومۇرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدىكەن.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە ئۆلۈش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆت ئىستاكان قەھۋە تەركىبىدىكى كوفېئىن يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ. ئەمما، قەھۋە گەرچە ياخشى بولسىمۇ بەك كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، قەھۋەنىڭ پايدىسىز تەرىپىمۇ بار، ئەگەر كوفېئىن زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، تەشۋىشلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، قول تىترەش ۋە يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا كوفېئىندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. قەھۋەنى ئەڭ ياخشىسى ئاچ قورساق ئىچمەسلىك كېرەك. ئاچ قورساققا قەھۋە ئىچسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ھەددىدىن ئارتۇق ئاجرىلىپ چىقىپ، ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛

2. قەھۋەنى بەك قىزىق ئىچمەسلىك. بۇ ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسى ۋە قەھۋەنىڭ تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازان دىۋارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ؛

3. قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. كوفېئىننى مېتابولىزمى ئاستا بولغان كىشىلەر قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئېھتىيات بىلەن كونترول قىلىشى كېرەك؛

قەھۋەنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، لېكىن تەمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن شېكەر ۋە سۈت قوشۇلسا، بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنى نەچچە ئون ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئۇزاق مۇددەت بۇنداق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك قەھۋەنى ئىچسە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قەھۋە سېتىۋالغاندا، ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ياغ ئاز بولغان تۈرلەرنى ياكى قارا قەھۋەنى تاللاش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17908703.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-27 / 07:16:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ