ئانا سەھىپەبىلىمئەسۋاپ ۋە ئۈسكۈنىلەربۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى تونۇشتۇرۇلۇشى

بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى تونۇشتۇرۇلۇشى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى ( nasogastric tube )  بۇرۇن نەيچىسى، بۇرۇن ئوزۇقلىنىش نەيچىسى، بۇرۇن شىلەڭكىسى… دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى بۇرۇن بوشلۇقى ئارقىلىق قىزىلئۆڭگەچكە ھەمدە ئاشقازانغا كىرىدىغان بىر خىل داۋالاش ئەسۋابى بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق تاماق يېيەلمەيدىغان ياكى سۇ ئىچەلمەيدىغان بىمارلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ نەيچە ئادەتتە ۋاقىتلىق ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، دورا بېرىش ياكى ئاشقازاندىكى نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىشتە ئىشلىتىلىدۇ. بالىلار بۆلۈمىدە بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ۋاسىتىسى، بولۇپمۇ ئۆزى تاماق يېيەلمەيدىغان ياكى ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بوۋاقلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

 

بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى تونۇشتۇرۇلۇشى

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى: بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى, بۇرۇن نەيچىسى, بۇرۇن ئوزۇقلىنىش نەيچىسى, بۇرۇن شىلەڭكىسى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: nasogastric tube
تۈركچە ئىسمى: Nazogastrik sonda
خەنزۇچە ئىسمى: 鼻饲管

 

كىچىك بالىلارغا ياكى بوۋاقلارغا نېمە ئۈچۈن بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى قويۇلىدۇ؟

بالىلاردا ياكى بوۋاقلاردا، بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسىنى قويۇش كۆپ خىل داۋالاش سەۋەبلىرىنى ئاساس قىلىپ، نورمال ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ۋە داۋالاش ئېھتىياجىنى قامداشقا ياردەم بېرىشى مۇمكىن. كونكرېت سەۋەبى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

يۇتۇش قىيىنلىشىش ( Dysphagia ) : بەزى بالىلار ، بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار ياكى نېرۋا سىستېمىسى كېسىلى بار بالىلارنىڭ يۇتۇش رېفلېكسى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى ياكى زىيانغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن يېمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇقنى بىخەتەر قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى ئۇلارنىڭ خاتا سۈمۈرۈشتىن كېلىپ چىققان ئۆپكە ياللۇغىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ھەزىم قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش : بەزى بالىلار ئاشقازان – ئۈچەي ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق ياكى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، مەسىلەن ئاشقازان – قىزىلئۆڭگەچ ياندۇرۇش كېسىلى ( gastroesophageal reflux disease ) سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇقنى ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئاشقازانغا بىۋاسىتە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش جەريانى : ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا چېتىلىدىغان ئوپېراتسىيەدە، بالىلار ياكى بوۋاقلار دەماللىقتا ئېغىزدىن تاماق يىيەلمەسلىكى مۇمكىن ۋە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن نورمال غىزالىنىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر : مەسىلەن خالتىلىق تالالىشىش ( Cystic Fibrosis )، نېرۋا مۇسكۇل كېسەللىكى ياكى يۈرەك كېسەللىكلىرىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوزۇقلۇق بىلەن قوللاشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى بۇ بالىلارنىڭ يېتەرلىك كالورىيە ۋە ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئۆز ئالدىغا تاماق يېيىشكە قۇربى يەتمەسلىك : بەزى بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش ياكى باشقا سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە ئېمىش (شوراش) ۋە يۇتۇش ئىقتىدارى بولماسلىقى مۇمكىن، بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ.

 

بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسىنىڭ ئىقتىدارى

بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى بىر خىل كۆپ ئىقتىدارلىق داۋالاش قورالى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدا بالىلارنىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ( Nutritional Support ) : كېسەل ياكى ئوپېراتسىيە سەۋەبىدىن ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق يېمەكلىك قوبۇل قىلالمايدىغان بالىلارغا نىسبەتەن، بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى يېتەرلىك كالورىيە، ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەشتىكى ھالقىلىق يول. بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى سۇيۇق – سەلەڭ يېمەكلىك، تەڭشەلگەن سۈت ۋە دورىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، بالىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دورا بېرىش ( Medication Delivery ) : داۋاملىق ياكى كۆپ مىقداردا دورا بىلەن داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بولغان بالىلارغا نىسبەتەن، بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى تېز، بىخەتەر دورا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ، دورىنى يۇتالماسلىق سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىدۇ.

ئاشقازاندىكى نەرسىلەرنى قۇرۇغدىماق ( Decompression of Stomach Contents ) : بەزى ئەھۋاللاردا بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى ئاشقازاندىكى گازنى ياكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ئىشلىتىلىپ، ئاشقازان ئىچىدىكى بېسىمنى ئازايتىدۇ ياكى ھەزىم قىلىش يولىنىڭ توسۇلۇشىنى پەسەيتىدۇ. بۇ ئاشقازان – ئۈچەي يولى ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن ياكى جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان – ئۈچەي يولى مەسىلىسى بار بالىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

خاتا سۈمۈرۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ( Aspiration Prevention ) : خاتا سۈمۈرۈلۈش خەۋپى بار بالىلارغا نىسبەتەن، بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى ئارقىلىق غىزالىنىش جەريانىدا سۇيۇقلۇق ياكى يېمەكلىكنىڭ ئۆپكىگە كىرىپ كېتىش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق خاتا سۈمۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان سۈمۈرۈشچان ئۆپكە ياللۇغى ( aspiration pneumonia ) نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش ( Sampling of Gastric Contents ) : بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى ئارقىلىق ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرگىلى ۋە ئانالىز قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش ياكى ئاشقازان كىسلاتاسى سەۋىيەسىنى بېكىتىشتە ئىنتايىن پايدىلىق.

 

بۇرۇندىن ئوزۇقلىنىش نەيچىسىنى مەخسۇس دوختۇرلار تەرىپىدىن تاقىلىشى كېرەك. دوختۇر بولمىغان كىشىلەر تاقىغاندا، تاقاش جەريانىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قېلىش خەۋپى بولىدۇ، بەزىدە ئۆپكىگە كېتىپ قېلىش، ئاشقازانغا زىيادە ئۇزۇن تىقىۋېتىش، ئېغىزدىن چىقىش… قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇلار بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا چوقۇم مەخسۇس مۇنتىزىم دوختۇرلار تەرىپىدىن تاقىلىشى كېرەك.

 

بۇرۇن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى تاقىغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

بالىلارغا بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى قويغاندا، بىخەتەرلىككە ۋە توغرا مەشغۇلات قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئەگەشمە كېسەللىك ياكى بىئارام بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۆۋەندىكىسى بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسىنى قويغاندا دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار:

مۇۋاپىق چوڭ كىچىكلىكتىكى نەيچە تاللاش كېرەك :

بالىنىڭ يېشى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئۆلچەمدىكى بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسىنى تاللاش كېرەك. بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك تۇرۇبا دىيامېتىرى نەيچە كىرگۈزۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ۋە ئازادىلىك دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بوۋاقلار ئادەتتە تېخىمۇ ئىنچىكە نەيچە ئىشلىتىپ، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچنى غىدىقلاشنى ئازايتىدۇ.

كىرگۈزۈلۈش چوڭقۇرلىقىنى توغرا ئۆلچەش كېرەك قىلىش:

نەيچە كىرگۈزۈش چوڭقۇرلۇقىنى بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى ۋە يېشىغا ئاساسەن ئۆلچەش كېرەك. ئادەتتە بۇرۇن ئۇچىدىن قۇلاق يۇمشىقىغىچە، ئاندىن تۆش سۆڭىكىنىڭ ئاستىغىچە (يەنى ئاشقازان رايونى) بولغان جەمئىي ئارىلىقنى ئۆلچەش ئارقىلىق نەيچە كىرگۈزۈلۈش چوڭقۇرلىقى قارار بېرىلىدۇ.

كىرگۈزگەندىن كېيىن، نەيچىنىڭ ئاشقازانغا يېتىپ بارغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك، ھەرگىزمۇ نەپەس يولىغا خاتا كىرىپ قالماسلىق كېرەك.

كىرگۈزۈشتىن بۇرۇنقى پىسخىكىلىق تەسەللى:

يېشى چوڭراق بالىلارغا ئالدى بىلەن پىسخىكىلىق تەسەللى بېرىپ، ئۇلارغا بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسىنىڭ مەقسىتى ۋە جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ، تەشۋىشلىنىش ۋە قورقۇشنى يېنىكلىتىش كېرەك.

تاقاش جەريانىدا، پەرۋىش خادىملىرى بىمارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، مەجبۇرىي مەشغۇلات قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

باش قىسمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش:

نەيچە كىرگۈزۈش جەريانىدا، بىمارنىڭ بېشىنى سەل ئالدىغا ئېگىپ، بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسىنىڭ ئاشقازانغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە ياردەم بېرىپ، ھاۋا يولىغا خاتا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بۇ جەرياندا سىستېرالار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە تاقىسا بولىدۇ.

نەيچە كىرگۈزگەندىن كېيىنكى مۇقىملاش :

نەيچە كىرگۈزگەندىن كېيىن، چوقۇم نەيچىنىڭ ئاشقازانغا توغرا كىرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك. ئاز مىقداردىكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش ياكى ئاز مىقداردىكى ھاۋانى كىرگۈزۈش ھەمدە تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ئاشقازاندىكى ھاۋا ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

ئەگەر شارائىت يار بەرسە ،X نۇرى ئارقىلىق بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسىنىڭ ئورنىنىڭ توغرا بولغان – بولمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرسىمۇ بولىدۇ.

يەرلىك ئورۇننىڭ زەخىملىنىشى ۋە يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش:

بۇرۇن بوشلۇقى تېرىسىنى غىدىقلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دائىم پلاستىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ھەمدە بۇرۇن تۆشۈكى ئەتراپىدا قىزىرىپ ئىششىش، يارا قاتارلىق يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرىنىڭ بار – يوقلۇقىنى كۆزىتىش كېرەك.

بۇرۇن بوشلۇقى ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىش، بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەت بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى قويغاندا بۇ نۇقتىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

بېقىش جەريانىدىكى ئىنكاسنى كۆزىتىش:

بېقىش جەريانىدا، بالىنىڭ ئىنكاسىنى، قېقىلىپ يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش ياكى باشقا بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكىنى يېقىندىن كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال بېقىشنى توختىتىش ھەمدە تۇرۇبىنىڭ قويۇلۇش ئەھۋالىنى قايتىدىن باھالاش كېرەك.

ئاستىراق ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئاشقازاننىڭ كۆپۈشى ياكى قۇسۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

خاتا سۈمۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنىش:

بىمار بالا بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش مەزگىلىدە مۇۋاپىق قىياپەتنى ساقلىشى، مەسىلەن، يېرىم ياتقۇزۇش ياكى 45 گرادۇس يېتىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇقنىڭ تەتۈر ئېقىش ۋەيا ئۆپكىگە كېتىپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىشى كېرەك.

ئەگەر بالىدا قېقىلىپ يۆتىلىش ياكى خاتا سۈمۈرۈش ئالامەتلىرى بايقالسا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش ھەمدە تېببىي خادىملارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

ئۇزۇن مۇددەتلىك بۇرۇن ئوزۇقلىنىش نەيچىسىنى قويغاندىكى باھالاش:

ئۇزۇن مۇددەت بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش نەيچىسى قويۇلغان بالىلار نەيچىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، ئادەتتە ھەر 7 – 14 كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ، نەيچىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ياكى يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش مىقدارى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەپ، بۇرۇندىن ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆۋەندە 4 ئايلىق بىر بىمار بوۋاققا تاقالغان بۇرۇن ئوزۇقلىنىش نەيچىسىنىڭ رېنتىگېندىكى كۆرۈنۈشى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ