سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەرلەر ئائىلنىڭ تۈۋرۈكى. ئۇلار ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندىن كېيىن كۆپ خىل بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل مېھماندارچىلىق ۋە مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۇلارنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىپ، سالامەتلىكىنى ناچار ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. لېكىن ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە، ئەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بەش خەتەرلىك سىگنال كۆرۈلگەندە سەل قارىماسلىقى كېرەك.
1. باش ئاغرىش، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆز تورلىشىش
نۇرغۇن ئەرلەر باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش ۋە كۆكرەك سىقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەمما كىشىلەر بۇنىڭغا دائىم سەل قارايدۇ، چۈنكى بىر كېچە ئارام ئالغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى پەسىيىدۇ ياكى يوقايدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى بەدەننىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىشىشقا باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك، بولمىسا بەدەنگە مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھەرقانچە پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ كېچىككەن بولىمىز. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلسىمۇ يەنىلا ياخشىلىنىش بولمىسا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، بەلكىم كېسەللىك ئاللىبۇرۇن يېتىپ كېلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
2. ئۇيقۇسىزلىق
ئۇيقۇسىزلىقتا ئۇخلاش قىيىن بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆپ چۈش كۆرۈش، يېرىم كېچىدە ئويغانغاندىن كېيىن ئۇخلىيالماسلىق ۋە بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بۇ روھىي ۋە پىسخىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى تەڭپۇڭسىز بولغاندا، بەدەننىڭ ئۇيقۇغا بولغان كونتروللۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇمەن ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار كىشىلەردە ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن روھى چۈشكۈن بولىدۇ، كۈندۈزى ئاسانلا مۈگدەپ قالىدۇ، كەچتە بولسا ئۇخلىغۇسى كەلسىمۇ ئۇخلىيالمايدۇ. بۇ مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا تەڭشەش، زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىشنى ساقلاش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ياخشى تەڭشەش، بولۇپمۇ بەكرەك كاللا ئىشلىتىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئارام ئېلىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا كۆپرەك قاتنىشىش ئارقىلىق جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش كېرەك.
3. ئىشتىھاسىزلىق
بۇنىڭدا ئاساسەن ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ زىيادە چارچاش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەرلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ماددا ئالمىشىش توختاپ قالغاندا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، نۇرغۇن ئەزالار تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. بىر قىسىم ئەرلەر كەچتە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ھاراق ئىچىش ئارقىلىق ھاردۇق چىقىرىدۇ، ئەمما بۇ ھارغىنلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
4. سېمىزلىك
سېمىزلىك ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ سىگنالى. بەك سەمىرىپ كېتىش ھەرىكەت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر سېمىزلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، تەنتەربىيە چېنىقىشىغا كۆپرەك قاتنىشىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش لازىم.
5. مىجەزى چۇس ياكى ئۇنتۇغاق بولۇش
مەيلى خىزمەت جەھەتتە بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن ھەمىشە بىرنەرسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، دائىم ئۆزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمايدۇ، مىجەزى چۇس ھەم دائىملا كۆڭلى پاراكەندە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ زىيادە چارچاشنىڭ بىر خىل ئالامىتى. بۇ ۋاقىتتا قولىدىكى خىزمەتنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپ، دوستلىرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ساياھەتكە چىقىپ ياكى ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىپ، دىققىتىنى يۆتكەپ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشى كېرەك.
ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك. پۇل تېپىش ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن تەن ساغلاملىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، دەم ئېلىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/01/18486364.shtml