ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقكاۋا قان شېكىرىنى چۈشۈرىدىغان دورىمۇ؟

كاۋا قان شېكىرىنى چۈشۈرىدىغان دورىمۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

خەلق ئارىسىدا كاۋا دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بار دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى بىمارلار دائىم سورايدۇ بەزى ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىغا كاۋا قوشۇلغان ئەگەر كاۋىنى شېكەرنى تۆۋەنلىتىش دورىسىمۇ دەپ سورىسا، چوقۇم بۇنىڭغا كاۋا شېكەرنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ئەمەس دەپ جاۋاب بېرەلەيمىز

ئۇ دورا ئەمەس، چۈنكى بارلىق دورىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى دورا دەپ ئاتايمىز. شۇڭا، ئۇ شېكەرنى تۆۋەنلىتىش دورىسى بولالمايدۇ.

ئۇنداقتا، نېمىشقا مۇشۇنداق گەپلەر تارقىلىدۇ؟ چۈنكى بۇرۇن كىشىلەر ھەقىقەتەن كاۋىنى ھايۋانغا تەجرىبە قىلغان بولۇپ، دىيابېت كېسىلىگە پايدىلىق بولغان دەپ قارىغان. بىراق مېدىتسىنا ئىلمىدىكىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان. كىشىلەر دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كاۋا يېگەندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكلىگەن، بۇ كاۋىنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ تالانىڭ بارلىقىدىن بولسا كېرەك، شۇنىڭ بىلەن قان شېكىرىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاشقان. ئۇنىڭدىن سىرت، بەزى بىمارلار كاۋىنى ئاشلىقنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەن. 100 گىرام كاۋىنىڭ تەركىبىدە 6. 9 گىرام كىراخمال بار، پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە كاۋىنىڭ كراخمال مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ ئەھۋالمۇ ئاق ئاشلىقنىڭ ئورنىغا قارا ئاشلىق ئىشلەتكەنگە ئوخشايدۇ.

كاۋىنىڭ تەركىبىدە يەنە ئاز بولمىغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار، شۇڭا دىيابېت بىمارلىرىغا پايدىلىق، ئۇ يېنىك ھەم دەسلەپكى باسقۇچتىكى دىيابېت بىمارلىرىغا پايدىلىق بولۇپ، قان شېكىرى يۇقىرى بولغان دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن يەنىلا قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىشلىتىپ داۋالاش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىز تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسېپلار ئارقىلىق كاۋىنىڭ دىيابېت كېسىلىگە بولغان ئۈنۈمى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرسەك بولىدۇ. يەنى مەلۇم نىسبەتتىكى بىمارلارنىڭ كاۋا يېيىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قان شېكىرىنى ئۆلچەپ سېلىشتۇرىمىز.

ئەگەر كاۋىنى بىر قىسىم ئاشلىقنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولسا ھەم كونترول قىلىش نىشانىمىزغا يېتەلىسەك، ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئەگەر كاۋا ئىشلەتكەندىن كېيىن قان شېكىرى تۆۋەنلىمىسە ياكى كونترول قىلىش نىشانىمىزغا يەتمىسە، بالدۇرراق قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.

ئۆزىمىزنىڭ ھېس-تۇيغۇمىزنى ئاساس قىلىشقا ھەم سۈيدۈكتىكى شېكەرنى ئۆلچەش نەتىجىسىگە قاراشقا بولمايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-06-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:28:18

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ