ئېلېكتروكاردىئوگرامما ECG EKG تەكشۈرۈش دېگەن نېمە؟
ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما تەكشۈرۈشى (ECG, Electrocardiram) بىر خىل جاراھەتسىز تېببىي تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، يۈرەكنىڭ ئېلېكتىرو پائالىيىتىنى خاتىرىلەشكە، دوختۇرلارنىڭ ئېلېكتىرو كاردىئوگراممىا ئارقىلىق ، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى باھالىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما ئاپپاراتى (ECG Machine) ئارقىلىق يۈرەكنىڭ ھەر قېتىملىق سوقۇشىدىن ھاسىل بولغان ئېلېكتىر سىگنالىنى تۇتىدۇ ھەمدە ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما قەغىزى (ECG Paper) دە گىرافىك شەكلىدە كۆرسىتىدۇ.
ئېلېكترو كاردىئوگرامما تەكشۈرۈشى يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە باشقا يۈرەك كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ، مەشغۇلاتى ئاددىي بىخەتەر، ھەر قايسى ياش قاتلىمىدىكى كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.
ئۇيغۇرچە / Uyghurche : ئېلېكتروكاردىئوگرامما
ئىنگىلىزچە / English : Electrocardiram
تۈركچە / Türkçe : Elektrokardiyografi
خەنزۇچە / 汉语 : 心电图
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى: شىندىيەنتۇ, ئېكاگې, ئې ك گ
ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى: EKG, ECG
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئېلېكترو كاردىئوگرامما تەكشۈرۈش پرىنسىپى ۋە جەريانى
ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما كۆكرەك، بىلەك ۋە پۇتقا قويۇلغان ئېلېكتىرود (Electrodes) ئارقىلىق يۈرەك ئېلېكتىر سىگنالىنى توپلايدۇ. بۇ ئبلبكتر قۇتۇبلىرى يۈرەكنىڭ تارىيىش ۋە كېڭىيىش جەريانىدىكى پوتېنسىئال ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلەپ، ئالاھىدە دولقۇن شەكلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ،
پۈتكۈل تەكشۈرۈش جەريان پەقەت 5-10 مىنۇتقىچە بولىدۇ. بىمار پەقەت تۈز يېتىپ، ئارام ئالسىلا، تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق بىئاراملىق كۆرۈلمەيدۇ. ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما قەغىزىدىكى گىرافىكلار دوختۇرنى يۈرەك رىتىمى (Heart Rhythm) ۋە ئېلېكتىرو ئۆتكۈزۈشنىڭ ھالقىلىق ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئېلېكترو كاردىئوگرامما قەغىزىدىكى شەكىللەر
ئېلېكتروكاردىئوگرامما قەغىزى كاتەكچە قەغەز شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، توغرا ئوق ۋاقىتنى، تىك ئوق توك بېسىمىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئېلېكتروكاردىئوگرامما يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى دولقۇن شەكىلدە قەغەزدە ئىپادىلەپ بېرىدۇ ۋە بۇ دولقۇنلار، P دولقۇنى، QRS دولقۇن گۇرۇپپىسى ۋە T دولقۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
P دولقۇنى ئىككى ئوڭ سول يۈرەك دالانچىسىنىڭ قىسقىرىشىنى ئىپادىلەيدۇ؛
QRS دولقۇن توپى (QRS Complex) يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىشىنى كۆرسىتىدۇ؛
T دولقۇن يۈرەك قېرىنچىسى مۇسكۇلىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە قايتىشىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ دولقۇنلارنىڭ شەكلى، ئارىلىقى ۋە دەرىجىسى يۈرەكنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، QRS دولقۇن توپىنىڭ نورمالسىزلىقى يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك (Ischemia) دىن شەپە بېرەلەيدۇ، T دولقۇنى تەتۈر بولسا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زەخىملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
ئېلېكترو كاردىئوگراممىلىق تەكشۈرۈشنىڭ كلىنىكىلىق ئەھمىيىتى
ئېلېكترو كاردىئوگرامما تەكشۈرۈشى يۈرەك كېسىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم قورالى. ئۇ يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك قۇۋۋىتىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش (Condion Block) ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق جىددىي كېسەللىكلەرنى تېز سۈرئەتتە بايقىيالايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قەرەللىك شەكىلدە ئېلېكترو كاردىئوگرامما بىلەن تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىم (Hypertension) ياكى دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك كۈزىتىپ تۇرغىلى بولىدۇ.
ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما قەغىزىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق مەسئۇل دوختۇر بۇ بىمار ئۈچۈن داۋالاش پىلانى تۈزۈشكە ئىنتايىن پايدىلىق بوىدۇ. مەسىلەن، دورا بىلەن داۋالاش كېرەكمۇ-يوق؟ ياكى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش (مەسىلەن، يۈرەك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى echo ) توغرىسىدا قارارىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمى ۋە تۆۋەن تەننەرخى ئۇنى دوختۇرخانا ۋە شىپاخانىلارنىڭ دائىملىق تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى قىلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما تەكشۈرۈشى كۆكرەك ئاغرىش، دېمى سىقىلىش، يۈرەك سېلىش ياكى ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بىمارلارغا ماس كېلىدۇ، يەنە يۈرەك كېسىلى ئائىلە تارىخى ياكى يۇقىرى خەتەر ئامىلى (مەسىلەن، تاماكا چېكىش، سېمىزلىك) بار كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، بىمارلار كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشتىن ياكى قەھۋە قاتارلىق غىدىقلىغۇچى ماددىلارنى ئىچىشتىن ساقلىنىپ، نەتىجىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما قەغىزىنى باھالاش چوقۇم مۇشۇ جەھەتتە بىلىمگە ئىگە بولغان مۇنتىزىم دوختۇر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما تارىخچىسى
ئەڭ بۇرۇنقى ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما (ECG) ماشىنىسى 19 ئەسىرنىڭ- نىڭ ئاخىرىدىكى ئېلېكتىرو فىزىيولوگىيە تەتقىقاتىدىن باشلانغان. 1887-يىلى، ئەنگلىيەلىك فىزىيولوگ ئاۋگۇست ۋاللېر (Augulus Waller) كاپىليارلىق لامپا ئېلېكتىر سائىتى (Capilary Electer) نى ئىشلەتكەن ometer تۇنجى قېتىم يۈرەك ھەركىتىنى خاتىرلىدى، بۇ ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما تېخنىكىسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ خاتىرىسى دېگەندەك توغرا بولالمىغان.
1901-يىلى گوللاندىيەلىك فىزىيولوگ ۋىليام ئەينتوفېن (Willlem Einthoven) كاماللىق ئېلېكتىر ئېقىمى ئۆلچىگۈچ (String Galvano) نى كەشىپ قىلغان ، خاتىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بۇ خىل دەسلەپكى مەزگىلدىكى ECG ماشىنىسىنىڭ ئېغىرلىقى 270 كىلوگىرام بولۇپ، بەش ئادەم مەشغۇلات قىلغان، بىمار پۇت-قولىنى تۇز چېلىكىگە چىلاپ ئېلېكتىر قۇتۇپى قىلىنغان. گەرچە كېلەڭسىز بولسىمۇ، ئېينتوفېننىڭ خىزمىتى ھازىرقى زامان ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما ئىلمىنىڭ ئاساسىنى سالغان، شۇڭا ئۇ 1924-يىلى نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
خۇلاسە
ئېلېكترو كاردىئوگرامما تەكشۈرۈش ئارقىلىق قەغەزدىكى دولقۇنلار كۆرۈنۈشى ئارقىلىق دوختۇر بۇ بىمارنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىنى ياخشى باھالىيالايدۇ. مەيلى جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك قان تومۇر ھادىسىلىرى بولسۇن ياكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش بولسۇن، باشقا تەكشۈرۈشلەر ئورنىنى باسالمايدىغان رول ئويناپ كەلمەكتە. .