ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلارغا قان سېلىشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

بالىلارغا قان سېلىشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ قېنىدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە قان سېلىشقا توغرا كەلسە ، ئىمكانبار يېڭى قان سېلىش كېرەك

بوۋاق ۋە بالىلارنىڭ قان ئايلىنىش سىستېمىسى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان بولغاچقا ، ئومۇمىي قان سىغىمى كىچىك بولىدۇ ھەم قان سالغان ۋاقىتتا ئايلىنىش يۈكى ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئاسان يۈز بېرىدۇ . شۇڭا تەركىبلىك قان بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . شۇنىڭ ئۈچۈن قان سېلىشتا ‹‹ نىمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش›› پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك .

نورمال ئەھۋالدا قان سېلىش سۈرئىتى مىنۇتىغا 0.5 مىللىلېتىردىن 1.5 مىللىلېتىرغىچە ئارلىقىدا بولسا مۇۋاپىق . ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر ، يەنە كېلىپ ، يۈرەك ، ئۆپكە ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان بوۋاقلار بىلەن بالىلارغا قان سېلىشتا قان سېلىش سۈرئىتى مىنۇتىغا 0.25مىللىلېتىردىن 0.5 مىللىلېتىرغىچە ئارلىقىدا بولۇش كېرەك .

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىزاتسىيە سىستېمىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . بۇ جەھەتتە ئاق قان ھۈجەيرىسىنى سۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىغان سۈزگۈچ ئىشلىتىش ياكى قان ياسالمىلىرىنى رادىئوئاكتىپلىق نۇر بىلەن رادىئاتسىيىلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ .

ئادەتتە ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك بولىدۇ . شۇڭا ، قان سالغاندا قاننى ئىسىق تۇتۇش كېرەك . ئەگەر بوۋاق ۋە بالىلارغا قاننى كۆپ مىقداردا ، تېز سۈرئەتتە سېلىشقا توغرا كەلسە ، قاننى ئالدىنئالا سېتىۋېلىش ۋە قاننىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃32 دىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:15:28

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ