چىش كىرىشىپ قېلىش ئېڭەك مۇسكۇلى جىددىيلىشىش كېسىلى ياكى چىشلىشىش قالايمىقانلىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئېغىز ئېچىلغان ياكى يېپىلغاندا تۆۋەنكى ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن ئۈستۈنكى ئېڭەك سۆڭىكى ئارىسىدىكى بوغۇملارنىڭ نورمال يۆتكىلەلمەي، چىشنى ئاچقىلى ياكى ئەتكىلى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ۋاقىتلىق بولۇشىمۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن.
سەۋەبى:
1. سېزىمچانلىق ۋە تەشۋىشلىنىش:كەيپىيات جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش ياكى بېسىم زىيادە چوڭ بولۇش مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىشنىڭ چىڭ يۇمۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. چىشنى غۇچۇرلىتىش:بەزى كىشىلەر ئۇخلىغاندا ئاڭسىز ھالدا چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ، بۇ ئېڭەك مۇسكۇلىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشى ۋە جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. چىش توغرا بولماسلىق:مەسىلەن، خاتا ئورۇندا تۇرۇش، زىيادە ئۇزۇن ياكى زىيادە قىسقا چىشنىڭ ھەممىسى چىشلىشىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. تاشقى زەخىم:يۈز قىسمى ياكى ئېڭىكىنىڭ زەخىملىنىشى ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىشلىشىشكە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
5. باشقا كېسەللىكلەر:مەسىلەن:پاركىنسون كېسىلى، يۈز نېرۋىسى پالەچلىنىش، تارتىشىپ قېلىش، مېڭىسىگە قان چۈشۈش…. قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىمۇ چىش كىرىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش:دوختۇر بىمارنىڭ چىراي ئىپادىسى، گەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە چىشىنىڭ تىزىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ.
2. X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈش:دوختۇرنىڭ ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئورنىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
3. MRI ياكى CT تەسۋىر كۆچۈرۈش:بەزى ئەھۋاللاردا ،بۇ تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېڭەك سۆڭىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قۇرۇلمىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن.
4. چىشلىشىش ئانالىزى:ئاستى – ئۈستى چىشلار ئارىسىدىكى ئارىلىق ۋە بۇلۇڭنى ئۆلچەش ئارقىلىق چىشلىشىشنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ.
5. ئېلېكتروفىزىئولوگىيىلىك سىناق:مەسىلەن، ئېلېكترومىئوگرامما ئارقىلىق مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھەرىكىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.
6. سوراپ دىئاگنوز قويۇش:بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى، ئاغرىش دەرىجىسى، داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان سەۋەبنى چۈشىنىش.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. فىزىكىلىق داۋالاش:مەسىلەن، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، سوغۇق ئۆتكۈزۈش، ئۇۋۇلاش قاتارلىقلار مۇسكۇللارنى بوشىتىش ۋە ئاغرىقنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
2. چىش قېپى ياكى چىش تەگلىكى:چىشنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان چىشلىشىش مەسىلىسىگە قارىتا، چىش قېپى ياكى چىش تەگلىكى تاقاش ئارقىلىق چىشنىڭ ئورنىنى تەڭشەش كېرەك.
3. دورا بىلەن داۋالاش:مەسىلەن، رېتسېپسىز ئاغرىق توختىتىش دورىسى، مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرغۇچى دورا قاتارلىقلار ئاغرىق ۋە مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
4. پىسخىكىلىق داۋالاش:سېزىمچانلىق ۋە تەشۋىشلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان چىشنىڭ چىڭ يۇمۇلۇشىغا پىسخىكىلىق داۋالاش، مەسىلەن، بىلىش ھەرىكىتىنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.
5. ئوپېراتسىيە:ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەھۋالدا، ئەگەر باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۈنۈم بەرمىسە، ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق چىشلىشىش مەسىلىسىنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن.
قىسقىسى، چىشنىڭ چىڭ يۇمۇلۇشىنى كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مۇھىمى ۋاقتىدا داۋالاش ياردىمى ئىزدەپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى بېكىتىش ھەمدە مۇۋاپىق داۋالاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.