بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغى, 肉芽肿性前列腺炎, granulomatous prostatitis
بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغانلارنى تۈز ئۈچىيىدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرگەندە، مەزى بېزىنىڭ قاتتىقلىشىپ كەتكەنلىكى ياكى يامراشچان قاتتىق مونەكچىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ خىل ئالامەت مەزى بېزى راكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغى
بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى قىسمەن ئورۇندىكى يات ماددىنىڭ كۈچلۈك رېئاكسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەزى بېزى نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئاساسلىق ئامىل. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەزى بېزى يوغىناپ قالغان، جۈملىدىن باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىپ ياللۇغ پەيدا بولۇش جەريانىدا ياكى تاشقى جاراھەت تۈپەيلى توقۇلمىلار نىكروزلانغاندىمۇ مەزى بېزى نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
مەزى بېزى جايلاشقان ئورۇن
يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلار ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلەر ۋە مەزى بېزى نەيچىسىنىڭ ئېپىتېلىيىسىنى بۇزىدۇ، ھۈجەيرە پارچىلىرى، باكتېرىيە توكسىنى ۋە مەزى بېزى ئاجرالمىلىرى توقۇلما ئارىلىقلىرىغا كىرىپ، ئاساسىي ماددىدىكى يات ماددىغا ئايلىنىپ، بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك ياللۇغى رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ. بىخلىما گۆش ئىششىقى مەنبەلىك ياللۇغى مەلۇم دائىرە بىلەن چەكلىنىشىمۇ، مەزى بېزىنىڭ ھەممە يېرىگە كېڭىيىشىمۇ مۇمكىن، بۇنداق ياللۇغ ئاستا يانىدۇ، ئۇنىڭ يېنىشىغا ئىككى-ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئۇنىڭ قىسمەن ئورنىنى تالا توقۇلمىسى ئىگىلەپ، بۇ يەردە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟