زەنجۋىل قان توختىتىدۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن قولنى كېسىۋالغاندا ، دەرھال زەنجىۋىلنى ئېزىپ قان چىققان ئورۇنغا سۈركۈسە قان توختىتىشقا ياردەم بېرىدۇ
تېتىتقۇ ( ۋېيجىڭ ) چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ . چىش ئاغرىسا ئازراق تېتىتقۇ ( ۋېيجىڭ ) نى ئاغرىغان چىشقا قويۇپ ، ئاندىن چىشنى چىشقا قويۇپ ، ئاندىن چىشنى چىشلەپ بىردەم تۇرسا چىش ئاغىرىقىنى توختىتىدۇ .
ياڭيۇ شۆپىكى كۆيۈك يارىسىنى داۋالايدۇ . پاكىز تازىلانغان ياڭيۇ شۆپىكىنى كۆيگەن ئورۇنغا قويۇپ ، ئاندىن دېزىنفېكسىيە قىلىنغان داكا بىلەن تاڭسا كۆيۈك يارىسى ئاسان ساقىيىدۇ .
ئاچچىقسۇ نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى داۋالاش رولىغا ئىگە . ئۈچ دانە تۇخۇمنى جاچىغا سېلىپ ئاندىن 500 ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ، 7 – 10 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، ئاندىن تۇخۇمنى چېقىپ ئاچچىقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇنى يەرلىك ئورۇنغا كۈندە 2 – 3 قېتىم سۈرۈشنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا تېرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .