ئانا سەھىپەبىلىمچىش كېسەللىكلىرىچىشتىكى قارا داغ چىقمىسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

چىشتىكى قارا داغ چىقمىسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

نۇر تورى تەرجىمىسى:

چىش بىزنىڭ ئىككىنچى يۈزىمىز، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىسىدىن ئاۋارە بولىدۇ، ھەر كۈنى چىش چوتكىلىغاندا يەنىلا پاكىز چوتكىلىغىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، چىشلىرى سارغىيىپ كېتىدۇ، قولى بىلەن كولىغاندا يەنە بەزى ئاق رەڭلىك نەرسىلەرنى كولاپ چىقىرىۋالىدۇ، پۇرىسا يەنىلا بەك سېسىق پۇرايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە چىشىڭىز سىزگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش!

چىشتىكى قارا داغ چىقمىسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلمىسا، چىش باكتېرىيە دېغى ۋە چىش تېشى شەكىللىنىدۇ.

ئالدى بىلەن بىز چىش باكتېرىيە دېغى ۋە چىش تېشىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشىنىپ باقايلى.

چىش باكتېرىيە دېغى قويۇق، شەكىلسىز، كالتسىيلاشمىغان كاللەك بولۇپ، شۆلگەي تەركىبىدىكى ئاقسىل، باكتېرىيە، يېمەكلىك ئەخلەتلىرى ۋە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. چىش دېغى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، پەردىسىمان بولۇپ، ئاسانلىقچە يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

چىش چوتكىلاپ ئىككى سائەتتىن كېيىن، چىش شۆلگەي ئارقىلىق بىر قەۋەت پەردە ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، 24 سائەت ئىچىدە باكتېرىيە كىرىپ، تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ، باكتېرىيە كولونىيىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى باكتېرىيە دېغى شەكىللىنىدۇ. باكتېرىيە دېغىنىڭ شەكىللىنىشى پەردە خاراكتېرلىك شەكىللىنىش، باكتېرىيە توپلىنىش ۋە باكتېرىيە دېغىنىڭ يېتىلىشىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ.

چىش باكتېرىيە دېغى چىش چىرىش ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باكتېرىيە پەيدا قىلغان زىيانلىق ماددىلار چىش مىلىكىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىش مىلىكى ياللۇغىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا تازىلانمىسا، چىش ئوقۇرى سۆڭىكىنى زەخىملەندۈرۈپ، چىش بوشاپ كېتىش ھەتتا چۈشۈپ كېتىشنى پەيدا قىلىدۇ.

چىش تېشى باكتېرىيە دېغى ياكى يۇمشاق كىر ئاساسىدا كالتسىيلاشقان ياكى كالتسىيلىشىۋاتقان كالتسىيلاشقان كاللەك بولۇپ، ئۇ چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، باشتىن-ئاخىر باكتېرىيە بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ جەرياندا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ چوڭ تاشلار ئۈزلۈكسىز شەكىللىنىدۇ. چىش تېشى ئەڭ دەسلەپتە سۈت رەڭلىك يۇمشاق كىر بولۇپ، باكتېرىيەنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاستا-ئاستا قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەردە چىش تېشى قارا رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

چىش تېشى شەكىللەنگەندىن كېيىن، سىرتقى يۈزىگە كۆپ مىقداردا چىرىگەن ماددىلار سۈمۈرۈلۈپ، چىش مىلىكىدە مېخانىكىلىق غىدىقلىنىش پەيدا قىلىدۇ، چىش تېشىدىكى باكتېرىيە دېغى چىش مىلىكىگە چاپلىشىپ، چىش مىلىكى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىز بوشلۇقىدا ئېغىز پۇراش پەيدا قىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا چىش ئوقۇرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، چىش بوشاپ چۈشۈپ كېتىدۇ.

چىش باكتېرىيە دېغىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە توغرا بولغان چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يوقاتقىلى بولىدۇ، ئەگەر چىش باكتېرىيە دېغى چىقىرىۋېتىلمىسە، چىش تېشىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، چىش تېشىنى چىش چوتكىلاش ئارقىلىق يوقاتقىلى بولمايدۇ، پەقەت چىش يۇيۇش ئارقىلىقلا يوقاتقىلى بولىدۇ.

چىش چوتكىلاش ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، چىش چوتكىسىنى تاللاشتىمۇ ياش، ئېغىز بوشلۇقى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان چىش چوتكىسىنى تاللاش كېرەك. ئادەتتە چوتكا بېشى كىچىكرەك، چوتكا يۇڭى يۇمشاق چىش چوتكىسىنى تاللىسا بولىدۇ، بالىلار چوتكا بېشى كىچىك، يۇڭى يۇمشاق، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك چىش چوتكىسىنى تاللىسا بولىدۇ.

 

چىشنى قانداق چوتكىلاش كېرەك؟

1. فىزىيولوگىيەلىك چوتكىلاش ئۇسۇلى: چىش چوتكىسى بىلەن چىش ئۇزۇن ئوقى پاراللېل بولۇپ، چىش يۈزىگە چاپلىنىدۇ، چىش چوتكىسى چىش تاجىنى كۆرسىتىپ، چىش مىلىكىگە قاراپ يېنىك چوتكىلاپ يۇيۇلىدۇ.

دىققەت: چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بارلارغا ماس كەلمەيدۇ.

2. باس ئۇسۇلى: چوتكا تۈكى يىلتىز ئۇچىغا قاراپ، چىش مىلىكى ئېرىقچىسىغا يېقىن ۋە ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ، چوتكا تۈكى بىلەن چىش يۈزى 40 گىرادۇس بولىدۇ، چوتكا تۈكى چىش مىلىكى ئېرىقچىسىدا يېنىك تەۋرىنىدۇ، ئاندىن چىش تاجىسىغا قاراپ ئايلىنىدۇ، بۇ ئۇسۇل چىش مىلىكى ئىچىدىكى باكتېرىيە دېغى، چىش مىلىكىنى ئۈنۈملۈك چىقىرىپ تاشلايدۇ.

3. ئايلىنىش ئۇسۇلى: چىش چوتكىسىنىڭ تۈكى چىشنىڭ ئۇزۇن ئوقى بىلەن پاراللېل بولۇپ، تۈكى چىشنىڭ يىلتىزىنى كۆرسىتىپ، چىش چوتكىسىنى چىش مىلىكىگە قويۇپ، ئاندىن چىش تاجى يۆنىلىشىگە قاراپ ئايلىنىدۇ.

 

يۇقىرىقى بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىشقا بولىدۇ. كۆپچىلىك چوقۇم ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە چىش چوتكىلاپ ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، ساغلام ئاق چىشقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ!

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/06/26654171.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-22 / 05:33:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ