ئاشقازان يارىسى ۋە 12 ئۈچەي يارىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ياخشىمۇسىلەر، مەن نۇرمەمەت.

بۈگۈن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ئىككى قېرىنداش كىسەللىك، ئاشقازان يارىسى بىلەن 12 ئۈچەي يارىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ئاشقازاننىغۇ ھەممىمىز بىلىمىز. ئەمما ئىنچىكە ئۈچەينىڭ بىرىنجى قىسمى بولغان 12 بارماق ئۈچەينى ئۇنتۇپ قالمىغاندىمىز ھە. ياندىكى رەسىمدىن يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋېلىڭلار.

ئاشقازاننى: ئىنگىلىزچە:  Stomach  تىببىي سۆزلۈكتە gastro دەپمۇ قويىدۇ. تۈركچە Mide خەنزۇچە: 胃 دەپ ئاتايدۇ.

ئىنچىكە ئۈچەي: ئىنگىلىزچەduodenum  دەيدۇ. تۈركچە oniki parmak bağırsakياكى ئىنگىلىزچىگە ئوخشاش duodenum دەيدۇ. خەنزۇچىدە 十二指肠 دەپ ئاتايدۇ.

ھە راست، بۇنىڭدىن سىرت ھەزىم قىلىش سىستىمىسىنىڭ باشقا تىللاردىكى ئاتىلىشىنى تەكرارلاپ ئۆتەيلى:

gastrointestinal system ،DIGESTIVE SYSTEM

SINDIRIM SISTEM

消化系统

نورمالدا تاماق، سۇلار ئېغىز بوشلۇقىمىزدا چاينىلىپ، قىزىلئۆڭگەچكە كىرىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ يولىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن 5-10 سىكونىت ئىچىدىلا ئاشقازانغا بېرىپ بولىدۇ. ئاشقازان كىلاپانىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاشقازىنىمىزگە كىرىپ 4سائەتتىن 6 سائەتكىچە مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. يىمكەلىكلەرنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئاشقازان بەزى كىسلاتالارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى، جىگەر، ئۆت قاتارلىق ئورگانلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇقلار ئاشقازانغا كېلىپ، يىمەكلىكلەرنى ئېرىتىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن ئاستا ئاستا ئىنچىكە ئۈچەينىڭ بىرىنجى قىسمى يەنى 12 بارماق ئۈچەيگە بارىدۇ. يېمەكلىكلەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى كۆپىنچىسى مۇشۇ قىسىمدا بولىدۇ. مەسىلەن تۆمۈر، ۋىتامىنلار، ياغلار مۇشۇ يەردە سۈمۈرۈلىدۇ.

(12 بارماق ئۈچەينىڭ ئاناتومىيە ۋە فىزىئولوگىيىسىنى كېيىن تەپسىلى باشقا بىر فىلىم ئىشلەمەن)

 

12 بارماق ئۈچەينىڭ تارىخى بىلىمى

ھە راست، كىچىك بىر تارىخى بىلىمنى قوشۇپ ئۆتەي. بۇ 12 بارماق ئۈچەينىڭ ئىنگىلىزچىسى duodenum گىرىكچىدىن كەلگەن سۆز بولۇپ، مىلادى    335-280 يىللىرى ئارىلىقدا ياشىغان گرىك دوختۇر               Herophilos تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىسىمكەن. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئىنچىكە ئۈچەينىڭ بىرىنجى قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى 12 بارماق ئۇزۇنلۇقتا دەپ مۆلچەرلەپ بۇ ئىسىمنى بېرىپتىكەن. يەنە بىر قىزىقارلىق يېرى، بۇ دوختۇر كىچىك ئاسىيانىڭ Chalcedon كالسىدون دىگەن يەردە تۇغۇلۇپتىكەن. بۇ يەر ھازىرقى جۇغراپىيەدە، ئىستانبۇلنىڭ قادىكۆيگە توغرا كېلىدۇ.

خوش، تارىخى لىكسىيەسى توختىسۇن، ساغلاملىق لىكسىيەمىزنى داۋام قىلسۇن.

 

نىمە ئۈچۈن ئاشقازان يارىسى بىلەن 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى بىللە سۆزلەپ ئۆتىمىز؟

ئەسلى ئاساسلىقى بۇ يەردە بىر ھەزىم قىلىش يولى يارىسى دىگەن بىر ئۇقۇم بار. بۇنى چوقۇم كۆپىنچە كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىدى.

ھەزىم قىلىش يولى يارىسى ئىسمىدىنلا بىلگىلى بولىدۇ، ھەزىم قىلىش يولىدىكى ھەرقانداق بىر يەردە پەيدا بولغان يارىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ھەرقانداق بىر بۆلۈمىدە، مەيلى تىلدا بولسۇن، قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاخىرقى قىسمى بولسۇن،  ئاشقازاندا بولسۇن، ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىدىكى شىللىق پەردىنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسى تەرىپىدىن چىرىتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يارىلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئاشقازان يارىسى بىلەن 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، باشقا يەردىكى يارىلارغا باشقا ئىسىملارنى بەرگەچكە، نورمال داۋالاشتا، ھەزىم قىلىش يولى يارىسى دىگەن بۇ سۆزنى بەك كۆپ ئىشلىتىپ كەتمەيمىز.

 

ھەزىم قىلىش يولى يارىسى

peptic ulcerدەپ ئاتايدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشاش peptik ülser خىتايچىدە 消化性溃疡 دەپ ئاتايدۇ

ئاشقازان يارىسىنى ئىنگىلىزچە gastric ulcer  ياكى stomach ulcer مۇ دەپ قويىدۇ. تۈركچىدىمۇ gastrik ülser ياكى mide ülseriدەيدۇ. خەنزۇچىدە 胃溃疡دەپ ئاتايدۇ.

12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى ئىنگىلىزچە duodenal ulcer دەيدۇ. تۈركچىدىمۇ duodenum ülser  دەيدۇ. خەنزۇچىدە 十二指肠溃疡دەپ ئاتايدۇ.

بەلكىم ھىس قىلدىڭلار، ئۈلسەر دىگەن يارا دىگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ لىكسىيەدە بىز ئاساسلىقى ئاشقازان يارىسى بىلەن 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

ئالدىنقى لىكسىيەدە، ئاشقازان ياللۇغىنى تونۇشتۇرپ ئۆتكەندە، ئاشقازان يارىسىنىمۇ بىراز سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. كۆپىنچە كىشىلەر ئاشقازان يارىسى بىلەن ئاشقازان ياللۇغىنى ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ. چۈنكى ئىككىسىنىڭ ئىسمى ئوخشىشپ كېتىدۇ، ھەم سەۋەبلىرىمۇ، ئالامەتلىرىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما پەرىقلىرىمۇ بار.

 

ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئاشقازان ياللۇغى

ئاشقازان يارىسى، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان يارىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يارىلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا 2.5 مىللىمىتىردىن كىچىكرەك بولىدۇ. يارىلارنىڭ چوڭقۇرلىقى ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. يەنى شىللىق پەردىسىدىن ئۆتۈپ ئاشقازاننىڭ مۇسكۇل پەردىسىگە بېرىش ۋە ياكى تىشىلىپ كېتىش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.

12 بارماق ئۈچەي يارىسىمۇ ئاشقازان يارىسىغا ئوخشاش. پەقەت ئورنى سەل ئوخشىمايدۇ، يەنى يارىلار 12 بارماق ئۈچەيدە بولىدۇ.

قوشۇمچە سىلەرگە خاتىرلىتىپ قويىدىغىنىم ئاشقازان ياللۇغى، بۇ كېسەللىك بولسا، ھەرخىل سەۋەبلەر يەنى ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى، خەلىكوباكتېر پىلورى دىگەن مىكروپلار، ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، قان تولۇپ قېلىش، بەزىدە كىچىك قان چىقىش، ۋەياكى چىرىش ئەھۋاللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ياللۇغ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاشقازاننىڭ يۈزەكى شىللىق پەردىسىدىلا بولىدۇ دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئېسىڭلارغا كەلدى بەلكىم.

 

ئاشقازان يارىسى بىلەن 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نىمە؟

ئىككىلى يارىنىڭ سەۋەبلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مىكروپ، ئۇزۇن مۇددەت دورا ئىشلىتىش، ئاشقازان كىسلاتاسى زىيادە كۆپىيىپ كېتىش، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چىكىش، ئۇزۇن مۇددەت قانسىزلىق، تاماق رىتىمسىز بولۇش… قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ئالامەتلىرى نىمە؟

بۇ ئىككى كېسەللىكنى بىر بىرىدىن پەرق قىلدۈرىدىغان قىزىقارلىق پەرقلىق ئىككى ئالامىتى بار.

تىپىك ئالامەتلىرىنى بىر جەدۋەلدە سىلەرگە يىغىنچاقلاپ بېرەي.

ئاشقازان يارىسى 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
ئاغرىق ۋاقتى تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت بىرسائەت ئاچ قوساق، بولۇپمۇ يېرىم كىچە بولىدۇ ( ئاغرىق دەستىدىن ئادەم ئويغىنىپ كېتدۇ)
تاماقتىن كېيىنكى ئاغرىق ئاغرىق ئېغىرلىشىدۇ ئاغرىق يېنىكلەيدۇ
ئاشقازان كىسلاتاسى نورمال ياكى ئاز سەۋەبلىك بولىدۇ نورمال ياكى كۆپ سەۋەبلىك بولىدۇ
ئاغرىق يېرى قوساقنىڭ ئۈستى قىسمى قوساقنىڭ ئۈستى قىسمى
ئاغرىش شەكلى قوساقنىڭ ئۈستى قىسمى ئاغرىش، كۆپۈۋېلىش، ئىچىشىش، ئىچى ئېلىشىش، ئاچچىق سۇ قۇسۇش، ئېغىر ئەھۋاللاردا قىزىل قان قۇسۇش، قارا تەرەت كېلىش

 

ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كىملەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

بۇ ئىككى كېسەللىكنىڭ ئوخشاشلىقى كۆپ بولسىمۇ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ ئىككى كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 3:1 بولىدۇ. ئاشقازان يارىسى پەسىل ئايرىماي كۆرۈلىدۇ. 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كۆپىنچە پەسىل ئالماشقاندا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئەرلەرئاياللارغا قارىغاندا سەل كۆپ كۆرۈلىدۇ. ھەم يۇقارىدا دەپ ئۆتكەن كېسەل پەيدا قىلىش سەۋەبلىرى بولغان كىشىلەردە مەسىلەن ھاراق تاماكا، ئاسپىرىن، ھورمونلۇق دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەنلەردە، تاماق رىتىمى تەڭپۇڭسىز ھەم ئاچچىق چۈچۈك ، دارا دارمانلىق تاماقلارنى كۆپ يەيدىغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ياشلاردا، قىزلاردا سەل كۆپرەك بولىدۇ، ئاشقازان يارىسى قىرانلىق دەۋرىدە ئوتتۇرا ياش دەۋرىدە كۆپرەك بولىدۇ. نىمە ئۈچۈن كۆپىنچە قىزلاردا بولىدۇ دىيىشىمىزدىكى مەقسەت، ئوغۇللار ئەرلەر چىداپ ئۆتكۈزۋېتىشكە كۆنۈپ كەتكەننىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.

 

ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈش كېرەك؟

يۇقارقى ئالامەتلەر بولغاندا، مەيلى ئاشقازان يارىسى بولسۇن ياكى 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بولسۇن، تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ياكى بۇ بۆلۈم بولمىغان يەرلەردە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويىدۇ.

ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: gastroenterology department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: gastroenteroloji bölümü دەپ ئاتايدۇ. خىتايچە:消化科 دەيدۇ.

ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە:  inetrnal medicine department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: , dahiliye bölümü iç hastalıkları bölümüدەپ ئاتايدۇ. خىتايچە:内科دەيدۇ.

ئەمما جىددىي قاناش ئەھۋاللىرى يەنى ئېغىزدىن نەچچە قوشۇق قان ياكى بىر ئىستاكانغا يېقىن قىزىل قان قۇسۇش، ياكى قاپقارا چاپلىشاڭغۇ چوڭ تەرەت كەلسە، بۇ بۆلۈملەرگە نومۇر ئالىمەن دەپ ساقلاپ ئولتۇرماي جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىشىڭىزنى بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قانداق تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

نورمالدا، بۇ ئىككى كېسەللىككە دوختۇرلار تەجرىبىسىگە ئاساسەن دەسلەپكى دىئاگنوز قويىدۇ، ۋە دەسلەپكى داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلايدۇ. ئەمما ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنى توغرا دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ  تەكشۈرۈش لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئېنىق كۆرەلەيدۇ ھەم دىئاگنوز قويالايدۇ.

ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ تەكشۈرۈشنى ئىنگىلىزچە endoscopy دەپ قويىدۇ. تۈركچىمۇ endoskopi دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە: 胃镜检查دەپ ئاتايدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە باكتېرىيەنى باريوقلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان ئۇرىيە نەپەسلىنىش تەكشۈرۈشى،  قان تەكشۈرۈش، ۋە بارىيۇملۇق سى تى نىڭمۇ تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشقا پايدىسى بولىدۇ.

Urea breath test, ure nefes testi, 尿素呼气试验

 

ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قانداق داۋالىنىدۇ ھەم قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

داۋالاش ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپلىرى ئاشقازان ياللۇغىنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  1. ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە زىيانلىق بولغان تاماقلاردىن، دورىلاردىن، ۋە ماددىلاردىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم.
  2. تاماق ۋاقىتلىرى رىتىملىق بولۇش لازىم. ھەر قىتىمدا زىيادە كۆپ تاماق يەۋالماسلىق لازىم. دورا دارمان ئېغىر بولغان ياكى ئاچچىق چۈچۈك تاماقلارنى ئامال بار ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
  3. ياغدا پىشۇرۇلغان تاماقلار، كاۋاپلارنى ئازايتىش كېرەك.
  4. ئاخشاملىرى تاماق يەيدىغان بولۇپ قالسىڭىز، بەكرەك سۇدا پىشۇرغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىڭ.
  5. تاماقنى كىچىك تەخسە، كىچىك پىيالىدە يىيىشگە كۆنۈڭ.
  6. ئەتتىگەنلىك تاماقنى چوقۇم ۋاقتىدا يەڭ. ئاچ قورساق يۈرمەڭ.
  7. ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇرۇش لازىم. قەھۋە، كولا دىگەنلەرنى ئامال بار ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك لازىم.
  8. زىيادە بېسىمدىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم.

 

دورىلىق داۋالاش جەھەتتە، ئاشقازان يارىسى ياكى 12 ئۈچەي يارىسى بولغانلاردا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىغۇچى دورىلارنى بېرىدۇ. ھەم ئەگەر مىكروپ بولسا مىكروپقا قارشى دورىلارنى بېرىدۇ.

ئەگەر يارا سەۋەبلىك تىشىلىش كۆرۈلسە، تاماق بېرىش چەكلىنىدۇ. شىلەنكە سېلىپ كىچىك تۆشەكلەرنى كۆيدۈرۈپ ئېتىدۇ. چوڭراقلىرى بولسا ئوپىراتسىيە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

12 بارماق ئۈچەي يارىسى ئۇزۇن مۇددەت داۋالانمىسا، راك بولۇش ئىمكانىيىتى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئاشقازان يارىسى يىللار بويىچە داۋالانمىسا، راك بولۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

 

ئاخىرقى سۆز:

ئاشقازان يارىسى بولسۇن ياكى 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا بولغان چۈشەنچىڭىز خېلى ئاۋۇپ قالدىغۇ دەيمەن. بەزى مەزمونلار ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشىشىپ كەتكەندەك قىلغان بىلەن، بۇلارنىڭ يەنىلا بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ. شۇڭا بارلىق قوساق ئۈستى قىسمىنىڭ ئاغرىشلىرىنى ئاشقازان كىسىلىم بار دەپلا ئۆتۈپ كەتمەي، سەل بىراز ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئوخشىمىغان دىئاگنوزلۇق كىسەللىك ئەگەر ئۇيغۇن بولغان داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، ئوخشىمىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

 

مەن نۇر دوختۇر

ھەزىم قىلىش يولى يارىلىرى، ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى توغرىلىق لىكسىيەمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىدۇ. ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز، باش بارماق بېرىپ قويۇشنى ۋە ئەتراپىڭىزغا تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-04-04 / 08:09:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

2 باھالار

  1. تۈركىيەدە ئاشقازان كىسەللىكلەرى ئۈچۈن iç hastalikliri بۆلىمىگە كۆرۈنسە بولامدۇ ؟ياكى gastoroloji bolumu گىمۇ

    • ئىچكى كېسەللىكلەرمۇ كۆرىدۇيۇ، ئەمما تەپسىلىي كۆرسىتىش ئۈچۈن يەنىلا gastroenteroloji ئاشقازان ئۈچەي بۆلۈمىگە بارسا بەكرەك ياخشى بولىدۇ.

      چوڭلارنىڭ بولسا، gastroenteroloji bölümü گە نومۇر ئالىسىز.

      بالىلارنىڭ ئاشقازان كېسەللىكلىرى بولسا، ئىككى خىل ئەھۋال بار.

      1. ئەگەر دۆلەت دوختۇرخانىسىغا كۆرۈنمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال çocuk sağlığı ve hastalıkları bölümü گە ئالىسىز، ئاندىن çocuk gastroenteroloji bölümü گە ئەۋەتىدۇ. بولمىسا ئۇدۇل نومۇر ئالالمايسىز.

      2. ئەگەر شەخسى دوختۇرخانىمۇ بولىدۇ دىسىڭىز، شەخسى دوختۇرخانىلارنىڭ çocuk gastroenteroloji bölümü بۆلۈمى بار. ئۇدۇل بېرىپ كۆرۈنەلەيسىز.

      سالامەت بولۇڭ

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ