ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبوۋاقلارنىڭ ۋىتامىن D كەملىكتىن بولغان راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى

بوۋاقلارنىڭ ۋىتامىن D كەملىكتىن بولغان راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ۋىتامىنD كەملىكتىن بولىدىغان راخىت كېسەللىكى ئاساسلىق ۋىتامىن D نىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان كالتسىي، فوسفورنىڭ ماددا ئالمىشىشى نورمالسىز بولۇش ۋە سۆڭەكسىمان توقۇلمىلارنىڭ كالتسىيلىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆڭەك كېسەللىكى بولۇپ، ئېغىر بولغاندا سۆڭەك غەلىتە ئۆسۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ

راخىت كېسىلى
佝偻病
Rickets

بوۋاقلارنىڭ ۋىتامىن D كەملىكتىن بولغان راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك:

بىرىنچى، كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشى يېتەرلىك بولماسلىق. تېرىدىكى دېھىدروستوستېرول قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە ۋىتامىن D3كە ئايلىنىدۇ، ئەگەر تېرىنىڭ قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشى يېتەرسىز بولسا، بەدەندە ئىچكى مەنبەلىك ۋىتامىن D3كەم بولىدۇ، ئەگەر بالىلارنىڭ سىرتتا قىلىدىغان پائالىيىتى ئاز بولسا ياكى ياشاۋاتقان رايوننىڭ قىش پەسلى بەك ئۇزۇن بولسا، ئۆينىڭ دېرىزىسى ئېتىك، كۈن نۇرى توسۇۋېلىنغان بولسا ياكى زاۋۇت ئەتراپىدىكى چاڭ–توزان قاتارلىقلار كۈن نۇرىنى توسۇۋالغان بولسا، بالىلارنىڭ بەدىنى ئىچكى مەنبەلىك ۋىتامىن D3 كە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئىككىنچى، قوبۇل قىلىش يېتەرسىز بولۇش. ئانا سۈتى ۋە باشقا تۈردىكى سۈتلەر تەركىبىدىكى ۋىتامىن D3 بەك ئاز، ئەگەر بالىنى ئاپتاپقا سالمىسا ھەم ۋىتامىن D تولۇقلايدىغان قوشۇمچە يېمەكلىكمۇ بەرمىسە، بالىلار ئاسانلا راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بوۋاق كۈنىگە 400بىرلىك ۋىتامىن D قوبۇل قىلسا، ئاندىن راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق ياكى قوشكېزەكلەر 800–1000بىرلىك ۋىتامىن D قوبۇل قىلسا، ئېھتىياجى ئاندىن قانىدۇ، مۇنچە كۆپ ۋىتامىن D نى نورمال يېمەكلىككە تايىنىپ تولۇقلاش مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، ھەر لىتىر كالا سۈتى تەركىبىدە 40بىرلىك D3، ھەر لىتىر ئانا سۈتى تەركىبىدە 100بىرلىك D3بار، 100گرام تۇخۇم سېرىقىدا تەخمىنەن 250بىرلىك ۋىتامىن D بار، قايماق، كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن D تېخىمۇ ئاز. شۇڭا بوۋاقلارغا ۋىتامىن D ياسالمىلىرى يېگۈزۈش لازىم.

ئۈچىنچى، ئۆسۈشى بەك تېز بولۇش. ئۆسۈشى قانچە تېز بولسا، كېرەك بولىدىغان ۋىتامىن Dمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بىر ياشقا توشمىغان ۋاقىت بالىلارنىڭ ئۆسۈشى ئەڭ تېز مەزگىلى بولۇپ، ئۇلار راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كالتسىي يېتەرسىز بولغاچقا، راخىت كېسىلى ئاسان كۆرۈلىدۇ.

تۆتىنچى، بالىلارنىڭ يېمەكلىكىدىكى كالتسىي، فوسفورنىڭ مىقدارى يېتەرسىز ياكى نىسبىتى نامۇۋاپىق بولسا، كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ مىقدارى كۆپ بولسىمۇ، نىسبىتى مۇۋاپىق ئەمەس، بالىلار كالا سۈتىنى ئەمگەندىن كېيىن تولۇق قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا كالا سۈتى بىلەن باققان بالا ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىغا قارىغاندا راخىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

بەشىنچى، بالىلاردىكى جىگەر، بۆرەك كېسەللىكلىرى ۋىتامىن D نىڭ ھىدروكسىدلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاسانلا راخىت كېسىلى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:11:35

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ