ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىدىئابېت كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى

دىئابېت كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى

دىئابېت كېسەللىكى، يەنى قەنت سىيىش كېسىلى ياكى شېكەر سىيىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر قىسقارتىپ قەنت كېسىلى ياكى شېكەر كېسىلى دەپ ئاتايدۇ.  نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇ كېسەللىك بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ياكى ئىشلىتىلىشىدىكى نورمالسىزلىق سەۋەبىدىن قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دىئابېت كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى

دىئابېت كېسەللىكى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1. بىرىنچى تىپلىق دىئابېت (1-تىپ)
(Type 1 diabetes, Tip 1 diyabet, 一型糖尿病)

بەزىلەر بالىلار دىئابېتى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. چۈنكى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.

  • ئالاھىدىلىكى: بۇ ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەللىكى بولۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدىغان β (بېتا) ھۈجەيرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق كەمچىل بولۇشى كېلىپ چىقىدۇ.
  • كېسەللىك كۆرۈلىدىغان كىشىلەر: كۆپىنچەئەھۋاللاردا بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەردە ئۇچرايدۇ، ئەمما ھەر قانداق ياشتىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن.
  • كېسەللىك سەۋەبى: ئىرسىيەت ئامىللىرى، ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى ۋە مۇھىت ئامىللىرى (مەسىلەن، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • داۋالاش ئۇسۇلى : ئۆمۈر بويى ئىنسۇلىن ئارقىلىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.

 

2. ئىككىنچى تىپلىق دىئابېت (2-تىپ)
(Type 2 diabetes, Tip 2 diyabet, 二型糖尿病)

بەزىلەر چوڭلار دىئابېتى، بايلار كېسىلى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە چوڭلاردا كۆرۈلىدۇ.

  • ئالاھىدىلىكى: ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش (يەنى بەدەندىكى ھەرقايسى ھۈجەيرىلىرى ئاشقازان ئاستى بېزى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىنغا سەزگۈر بولمايدۇ) ۋە ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى نىسپىي دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇش ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
  • كېسەللىك كۆرۈلىدىغان كىشىلەر: كۆپىنچە چوڭلاردا، بولۇپمۇ سېمىز كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئېشىۋاتىدۇ.
  • كېسەللىك سەۋەبى: ئىرسىيەت، سېمىزلىك، ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان تۇرمۇش ئادىتى، يۇقىرى قەنتلىك يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار.
  • داۋالاش: تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىش (مەسىلەن، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش، تەنتەربىيە)، ئېغىزدىن ئىچىدىغان قەنت تۆۋەنلىتىش دورىلىرى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ياكى كېسەللىكنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدا ئىنسۇلىن ئىشلىتىلىدۇ.

 

3. ھامىلىدارلىق دىئابېتى
(Gestational diabetes, hamilelikte diyabet, 妊娠糖尿病)

  • ئالاھىدىلىكى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم بايقالغان قەنتكە چىدامچانلىقىنىڭ نورمالسىزلىقى ياكى دىئابېت كېسەللىكىدۇر.
  • كېسەللىك كۆرۈلىدىغان كىشىلەر: ھامىلىدار ئاياللار بولۇپ، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ 24-28-ھەپتىلىرىدە تەكشۈرۈلىدۇ.
  • كېسەللىك سەۋەبى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھورمون ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش كۈچىيىدۇ.
  • داۋالاش: يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش، ھەرىكەت قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش. تۇغۇتتىن كېيىن كۆپىنچە ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەمما بۇ ئاياللارنىڭ كەلگۈسىدە 2-تىپلىق دىئابېتقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ.

 

4. ئالاھىدە تىپتىكى دىئابېت

بۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكىلەر كىرىدۇ:

  • يەككە گېن ئۆزگىرىش دىئابېت: مەسىلەن، MODY تىپلىق دىئابېت (Maturity onset diabetes of the young – ياشلىقتا باشلانغان چوڭلار تىپىدىكى دىئابېت)، بۇ يەككە گېننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھازىرغا كەلگىچە 14 تۈرلۈك MODY تىپى دىئابېت كېسىلى بايقالدى. بۇ تىپتىكى بىمارلاردا ئىرسىي سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدۇ. بەزى بىمارلارنىڭ ئاشقازان بېزى ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. شۇڭلاشقا بەزىدە سىرتتىن ئىنسۇلىن ئوكۇلى ئۇرمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
  • ئىككىلەمچى دىئابېت: باشقا كېسەللىكلەر (مەسىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئېلىۋېتىش، كۇشىڭ ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى) ياكى دورىلار (مەسىلەن، گلۇكوكورتىكوئىدلار) سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  • مىتوخوندىرىيەلىك دىئابېت: مىتوخوندىرىيە گېنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دائىم قۇلاق ئېغىرلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىللە كۆرۈلىدۇ.

بۇ تۈردىكى دىئابېتلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، نىشانلىق داۋالاشقا موھتاج.

 

5. باشقا ئەھۋاللار

  • قەنتكە چىدامچانلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى (IGT) / ئاچ قورساق قان قەنتىنىڭ بۇزۇلۇشى (IFG): بۇ نورمال ئەھۋال بىلەن دىئابېت ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھالەت بولۇپ، «دىئابېتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە 2-تىپلىق دىئابېتقا ئۆتۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.
  • يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دىئابېتى: ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە گېن ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ ۋە ئادەتتە تۇغۇلۇپ 6 ئاي ئىچىدە دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 

 

دىئابېت كېسىلىگە WHO/ADA ئۆلچىمىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:

بىر كىشىدە، تۆۋەندىكى 4 ئەھۋالدىن 1 سى كۆرۈلسىلا، ئىنتايىن يۇقىرى ئىھتىماللىقتا دىئابېت كېسىلى بار بولغان بولىدۇ.

  1. بىر كىشىنىڭ ئاچ قورساق قاندىكى قەنت مىقدارى ≥ 7.0 mmol/L (126 mg/dL) دىن يۇقىرى بولسا. ئاخشام 12دىن كېيىن تاماق يىمەي ئۇخلاپ ، ئەتتىگەن 8 دە تەكشۈرۈلگەن قان ئاچ قورساق قان مىقتارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى بارماق ئۇچىدىن قەنت تەكشۈرۈش ماشىنىسى بىلەن تەكشۈرەلەيسىز.
  2. ئېغىزدىن گلۇكوزا بەرداشلىق بېرىش سىنىقى (OGTT) 2 سائەتتىن كېيىنكى قان قەنتى ≥ 11.1 mmol/L (200 mg/dL) دىن يۇقىرى بولسا. بۇ تەكشۈرۈشنى چوڭراق دوختۇرخانىلار، ياكى تەجرىبىلىك ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى قىلالايدۇ.
  3. ئۈچ ئايلىق قەنت سەۋىيىسى – گلىكوزىلانغان گېموگلوبىن (HbA1c) ≥ 6.5% دىن يۇقىرى بولسا . بۇ قان تەكشۈرۈشنىڭ بىر تۈرى.
  4. يۇقىرى قان قەنتىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى بىلەن بىللە، تاسادىپىي قان قەنتى ≥ 11.1 mmol/L (200 mg/dL) دىن يۇقىرى بولسا. بۇ تاسادىپىي دىگەنلىك، خالىغان بىر ۋاقىىتا (مەيلى ئاچ قورساق بولۇڭ، ياكى توق قورساق بولۇڭ) بارماق ئۇچىدىدىن تەكشۈرۈلگەن قان قەنتىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ 4 ئەھۋالدىن بىرى كۆرۈلسە، يۇقىرى ئىھتىماللىقتا دىئابېت بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى (ئەگەر بالا بولسا، بالىلار كېسەللىكلەر بۆلۈمى) دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەت ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-09-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-09-27 / 06:27:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ