كېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىدىئابېت بىمارلىرىدا نېمە ئۈچۈن تاماقتىن بۇرۇن قورسىقى چىدىغۇسىز ئېچىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؟

دىئابېت بىمارلىرىدا نېمە ئۈچۈن تاماقتىن بۇرۇن قورسىقى چىدىغۇسىز ئېچىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

دىئابېت بىمارلىرىدا نېمە ئۈچۈن تاماقتىن بۇرۇن قورسىقى چىدىغۇسىز ئېچىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ؟

بەزى دىئابېت بىمارلىرىدا دەسلەپتە «ئۈچ كۆپلۈك» ئالامىتى كۆرۈلمەي، تاماقتىن بۇرۇن قورسىقى چىدىغۇسىز ئېچىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەر ئۆزىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئۆزىنىڭ دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ، لېكىن كۆپ ساندىكىلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ ھەم تەكشۈرتمەيدۇ.

قورساقنىڭ بالدۇر ئېچىشىنى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ كېچىكىشىنىڭ قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن ماس بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلام ئادەملەردە ئىنسۇلىننىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى قان شېكىرى بىلەن ماس قەدەمدە بولىدۇ. قاندىكى شېكەر يۇقىرىلسا، ئىنسۇلىن دەرھال كۆپىيىپ شېكەرنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. قاندىكى شېكەر تۆۋەنلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دىئابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياكى قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاۋاتقان مەزگىلىدە ئىنسۇلىن ئاجرىلىشى كۆرۈنەرلىك ئازلىمايدۇ، لېكىن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنكاسى تۆۋەنلەيدۇ ۋە قان شېكىرى بىلەن بىردەك بولمايدۇ.

ئەگەر تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى ئۆرلىگەندە، ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقمىسا، قاندىكى شېكەر مىقدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى ئۆرلىگەندە، ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقمىسا، قاندىكى شېكەر مىقدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر قېتىملىق تاماقتىن ئىلگىرىكى قاندىكى شېكەر مىقدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر قېتىملىق تاماقتىن ئىلگىرىكى قاندىكى شېكەر تۆۋەنلىگەندە، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئەكسىچە يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.

نەتىجىدە قان شېكىرى تۆۋەنلەپ، تاماقتىن ئىلگىرىكى قورساقنىڭ چىدىغۇسىز ئېچىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېيىنچە كېسەللىك تەرەققىياتىدا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بارغانسېرى ئازلاپ، بۇ خىل تاماقتىن ئىلگىرىكى قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلىشى يەنە تەكرارلانمايدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ياخشىلىنىشى بولماستىن بەلكى ئېغىرلىشىشىدۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-07

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:43:03 / PM (+03)

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

يېقىنقى مەزمونلار

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ