دىئابېت ئاغرىقلىرىنىڭ تېنىدە ئەسلىدىلا ئىنسۇلىن كەمچىل بولۇپ، تېنىدىكى قەنت، ياغ، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ ماددا ئالمىشىش ناھايىتى ئاسانلا قالايمىقانلىشىپ، سۆڭەك توقۇلمىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە كالتسىي تەڭشىگۈچى ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا دىئابېت ئاغرىقلىرىدا نورمال ئادەملەر قارىغاندا، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكى ئېغىرراق بولىدۇ.
تۇمانلىق كۈنلەردە قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئادەم تېنىدە ئاكتىپ ۋىتامىن Dنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. تۇمانلىق كۈنلەردە دىئابېت ئاغرىقلىرى كالتسىي تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىدىن نېرى تۇرالايدۇ.