دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقدىيابېت بىمارلىرى ۋە ھامىلىدارلار كۆكتات ئىستىمال قىلىش سەنئىتى

دىيابېت بىمارلىرى ۋە ھامىلىدارلار كۆكتات ئىستىمال قىلىش سەنئىتى

قان قەنتىنى تەڭشەشتىكى كۆكتات يېيىش سەنئىتى: دىيابېت بىمارلىرى ۋە ھامىلىدارلار ئۈچۈن ئىلمىي تەۋسىيەلەر

دىيابېت كېسىلى ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قان قەنتى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى ھازىرقى زامان تېببىي ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. قان قەنتىنى كونترول قىلىشتا پەقەت دورا ئىچىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەكسىچە كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي تەڭشەش ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ كۆكتاتلار تەركىبىدىكى تالا ماددىسى ۋە ۋىتامىنلار قان قەنتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «تەبىئىي توساق» ھېسابلىنىدۇ. ئەمما كۆكتاتنىمۇ خاتا ئۇسۇلدا يېگەندە، ئۇنىڭ شىپالىق رولىدىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ.

دىيابېت بىمارلىرى ۋە ھامىلىدارلار كۆكتات ئىستىمال قىلىش سەنئىتى

 

تاماق يېيىش تەرتىپى: نىمە ئۈچۈن ئاۋۋال كۆكتات يىيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يېگەندە ئالدى بىلەن گۈرۈچ ياكى نانغا قول ئۇزىتىدۇ، لېكىن قان قەنتىنى كونترول قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بۇ بىر چوڭ خاتالىق. ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، تاماق يېيىش تەرتىپى قان قەنتىنىڭ ئەگرى سىزىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر بىز تاماق يېيىشنى بىر قاچا يېڭى كۆكتات بىلەن باشلىساق، كۆكتات تەركىبىدىكى مول تالا ماددىلىرى ئاشقازان ۋە ئۈچەي دىۋارلىرىدا بىر قەۋەت تور شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يېيىلگەن گۈرۈچ ئېشى ياكى باشقا كراخماللىق تاماقلارنىڭ پارچىلىنىپ قەنتكە ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. بۇ ئارقىلىق تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنكى قان قەنتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، «كۆكتاتنى ئالدىدا يېيىش، كراخماللىق تاماقلارنى كەينىدە يېيىش» بىر خىل ئاددىي ئەمما ئۈنۈملۈك قان قەنتىنى تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەسىدۇر.

 

پىشۇرۇش ئۇسۇلى: تۇز بىلەن ماينى تىزگىنلەشنىڭ ئەھمىيىتى

كۆكتاتنىڭ ئۆزى ساغلام بولغان بىلەن، ئۇنى پىشۇرۇش جەريانىدا ئىشلىتىلگەن ماي ۋە تۇز ئۇنى «خەتەرلىك يېمەكلىك» كە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. دىيابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. زىيادە كۆپ ماي ئىشلىتىلگەن كۆكتات تاماقلىرى بەدەندىكى ماي نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

تۇزنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. تۇزلۇق تاماقلار كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىۋېتىپ، سېزىمەستىن كۆپ تاماق يەپ سېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇز ئۈچەيدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، قەنتنىڭ سۈمۈرۈلۈش جەريانىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كۆكتاتلارنى قاينىتىپ سوغۇق سەي قىلىپ يېيىش، پاردا پىشۇرۇش ياكى ئاز مايدا تېز قورۇپ يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

قايسى كۆكتاتلار قان قەنتىنى ئەڭ ياخشى تىزگىنلەيدۇ؟

ھەممە كۆكتاتنىڭ قان قەنتىگە بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. داڭلىق ئوزۇقشۇناس پروففىسورىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كۆكتاتلارنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈپ چۈشىنىش لازىم:

  • يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار: كەرەپشە، پالەك، كۆك پىدىنە قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ قان قەنتىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كراخمال ئاز، تالا ماددىسى ۋە ماگنىي ئېلېمېنتى مول.
  • چىچەكسەي ۋە پېدىگەن: بۇلارمۇ قان قەنتىنى تەڭشەشتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ.
  • يېشىل پۇرچاق ۋە كاۋا: دىققەت قىلىش كېرەككى، يېشىل پۇرچاق ۋە كاۋا قاتارلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا كراخمال بار. ئەگەر بۇلارنى كۆپ يېگەندە، ئاساسىي تاماق (نان، گۈرۈچ) نىڭ مىقدارىنى ماس قەدەمدە ئازايتىش كېرەك، بولمىسا قان قەنتى ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن.
  • تۆۋەن ئىسسىقلىقتىكى يېمەكلىكلەر: تەرخەمەك، پەمىدۇر ۋە كۆك لازا قاتارلىقلارمۇ قان قەنتىنى تۇراقلاشتۇرۇشتا ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.

 

يىمەك ئىچمەك ئىلمى پروفىسسورى قارىشىچە، قان قەنتىنى كونترول قىلىش بىر خىل يېمەك-ئىچمەك سەنئىتىدۇر. ئۇ بىمارلارغا كۆكتاتلارنى ئىمكانقەدەر يېڭى ھالەتتە ۋە ئاز پىشۇرۇلغان ھالەتتە يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى كۆكتات قانچە ئۇزۇن پىشۇرۇلسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تالالار شۇنچە پارچىلىنىپ، قان قەنتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ.

ئەگەر سىز سىرتتا تاماقلانماقچى بولسىڭىز ۋە تاماقلار زىيادە مايلىق ياكى تۇزلۇق تۇيۇلسا، بىر پىيالە ئىسسىق سۇ تەييارلاپ، كۆكتاتنى سۇغا بىر قېتىم چىلاپ ئېلىپ، يۈزىدىكى ئارتۇق ماي ۋە تۇزنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن يېسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئاددىي ھەرىكەت سىزنىڭ قان تومۇرىڭىز ۋە قان قەنتىڭىزنى زور بىر خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ. قان قەنتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاچ قالماڭ، بەلكى كۆكتاتنى توغرا ئۇسۇلدا ۋە كۆپ يەپ بېرىڭ. ساغلاملىق سىزنىڭ تاللىشىڭىز ۋە كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە باغلىق.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-04-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-04-01 / 06:54:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ