قالقانسىمان بەز ھەققىدە بىلىملەر
Thyroid gland
Tiroid bezi
甲状腺
қалқансиман бәз
#قالقانسىمانبەز #نۇردوختۇر #doctornur
بۈگۈن تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قالقانسىمان بەز توغرىلىق ئاز تولا مەزمون سۆزلەپ ئۆتىمىز.
كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پوقاق دىگەن كېسەللىك ناھايىتى كۆپ بولاتتى. پوقاق كېسىلى ئاساسلىقى بويۇندا يوغان ئىششىق پەيدە بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشكە تەسىر يىتەتتى. ھەتتا مۇشۇ سەۋەبلىك بەزىلىرىگە پوقاق دەپ لەقەم قوياتتى. بۈگۈن دەل پوقاقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئورگاننى سۆزلەپ ئۆتىمىز. ئۇ بولسىمۇ قالقانسىمان بەز.
قالقانسىمان بەز: ئىنگىلىزچە: thyroid gland تۈركچە tiroid bezi خەنزۇچە: 甲状腺 دەپ ئاتايدۇ.
Chapter مۇندەرىجە
00:00 قالقانسىمان بەزگە كىرىش
00:32 قالقانسىمان بەز دىگەن نىمە؟
00:39 قالقانسىمان بەز ئاناتومىيەسى
00:57 قالقانسىمان بەزنىڭ رولى
01:36 قالقانسىمان بەزدە كېسەللىك سەۋەبلىرى
02:08 قالقانسىمان بەز كېسەللىك تۈرلىرى
03:40 كېسەللىك ئالامەتلىرى
04:42 تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز ئۇسۇللىرى
05:10 قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى داۋالاش پرىنسىپلىرى
05:34 رەھمەت، مۇشتەرى بولۇڭ، تارقىتىپ قويۇڭ
قالقانسىمان بەزنىڭ ئاناتومىيەلىك شەكلى قانداق بولىدۇ؟
قالقانسىمان بەز كىكىردەكنىڭ ئاستىدىراق قىسمىغا جايلاشقان ئورگان بولۇپ، شەكلى كېپىنەككە ئوخشاپ قالىدۇ، بۇ بەز ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەۋە بولغان بىر ئورگان ھىساپلىنىدۇ. قالقانسىمان بەز كانايغا يېپىشىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا 4 پارچىدىن 6 پارچىغىچە بولغان قالقانسىمان يان بەز بولىدۇ.
قالقانسىمان بەزنىڭ رولى نىمە؟
قالقانسىمان بەز بەدىنىمىزگە مۇھىم بولغان T3, T4 ئىسىملىق ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ قالقانسىىمان بەز ھورمونلار T3, T4 بەدىنىڭىزدىكى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىش سۈرئىتىنى كونترول قىلىدۇ
بۇ فىلىمدە يەنە تۆۋەندىكى مەزمونلارنى تونۇشتۇرۇپ چىقتۇق.
قالقانسىمان بەزدە كېسەللىك سەۋەبلىرى
قالقانسىمان بەزگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر
قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرى
قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى قانداق تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويىدۇ؟
قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى داۋالىنىشى
ئەگەر بىرەر كۆز قاراش پىكرىڭلار، بىلمەكچى بولغان نوقتىلار بولسا سۆز قالدۇرۇڭ.
بۇ فىلىمنى تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلىۋالسۇن.