توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. چارچاشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى
ئوزۇقلۇق تەركىبىدىن ئېيتقاندا، قارا ئۆرۈك تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا مىقدارى ئىنتايىن مول، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر خىل ئالاھىدە لىمون كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ سۈت كىسلاتاسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە قان تومۇرلارنى قېرىتىۋېتىدىغان زىيانلىق ماددىلارنى ھەيدىيەلەيدۇ. بەدەندىكى سۈت كىسلاتاسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى ئادەمنى چارچىتىدىغان مۇھىم سەۋەب.
2. روھلاندۇرۇش رولى
ياز كۈنلىرى ھارغىنلىق ھېس قىلغاندا، بىر ئىستاكان قارا ئۆرۈك سۈيى ئىچسە، روھنى ئۇرغۇتۇپ، مۇسكۇل ۋە قان تومۇر توقۇلمىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق كۆپ كىسلاتالىق ماددىلار شۆلگەي بېزى ۋە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى بەزلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپلا قالماي، سىرتقا چىقىپ ئوينىغاندىمۇ ماشىنىدا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى ھاراقنى كۆپ ئىچكەندىن كېيىن مەستلىكنى يېشىدۇ.
3. بەدەننىڭ كىسلاتا – ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىغا پايدىلىق
قارا ئۆرۈك تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار، بولۇپمۇ ۋىتامىن B2نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، باشقا مېۋىلەرنىڭكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى. گەرچە تەمى چۈچۈمەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىشقارلىق يېمەكلىككە تەۋە، گۆش تۈرىدىكى كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، ئازراق قارا ئۆرۈك سۈيى ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق قىممىتىنىڭ تەڭپۇڭلىشىشىغا پايدىلىق.
4. جىگەرنىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرىدۇ
جىگىرى ياخشى ئەمەس كىشىلەر كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن جىگىرىنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر قارا ئۆرۈكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، ئۇ جىگەرنىڭ ئىسسىقىنى ياندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جىگەرنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قارا ئۆرۈك يەنە تەبىئىي ھالدا كېكىردەك سىلىقلاشتۇرۇش دورىسى بولۇپ، يۇتقۇنچاق ياللۇغلانغان ئورۇننى سىلىقلاشتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17967262.shtml