ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقبېلىق مېيى بىلەن بېلىق جىگىرى مېيىنىڭ پەرقى

بېلىق مېيى بىلەن بېلىق جىگىرى مېيىنىڭ پەرقى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بېلىق جىگىرى مېيى بولسا، بېلىقنىڭ جىگىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ سېسىق پۇرايدۇ. بوۋاقلارغا تېمىتمىسىنى ئىشلىتىش، بالىلار، چوڭراق بالىلارغا كومىلاچنى ئىشلىتىش كېرەك، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا ۋىتامىن A،D. ۋىتامىن A مۈڭگۈز پەردە يۇمشاقلىشىش ۋە نامازشام قارىغۇسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە ئىپتىلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغداش رولى بار، بالىلارنىڭ نەپەس يولى شىللىق پەردىلىرىنىمۇ قوغداش رولى بار، ھەمدە ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتىش رولى بار. ۋىتامىن D كىچىك ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ كالتسىي، فوسفورنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۆرەك كىچىك نەيچىسىنىڭ كالتسىي، فوسفورنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ھەمدە قاندىكى كالتسىينىڭ سۆڭەككە يۆتكىلىشى ۋە چۆكمىگە چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، شۇڭلاشقا بالىلاردىكى راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى دورا.

بېلىق مېيى بىلەن بېلىق جىگىرى مېيىنىڭ پەرقى

بېلىق مېيى بولسا، چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ مېيىدىن ئاجرىتىلغان ياسالما، بۇمۇ بىر خىل سۇس سېسىق پۇراقلىق مايسىمان سۇيۇقلۇق، تەركىبى بېلىق جىگەر مېيىغا ئوخشىمايدۇ، تەركىبىدە كۆپ بىرلىكلىك تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بار، 20 كاربونلۇق ئىتان كىسلاتاسى PAE، DHAنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى قاندىكى گېلىتسىرىن ۋە خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، يۇقىرى زىچلىق ماي ئاقسىلىنى يۇقىرىلىتىدۇ، بۇ ئارقىلىق قان تومۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىش ئارقىلىق قان پىلازمىسىنىڭ ئۇيۇشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.DHA مېڭە قان توسۇلۇشتىن ئۆتۈپ نېرۋا ئۆتكۈزگۈچكە نىسبەتەن مۇھىم رولى بار، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان ماددا، ئۇنىڭ «مېڭە ئالتۇنى »دەپ چىرايلىق نامى بار.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بېلىق مېيى بىلەن بېلىق جىگىرى مېيىنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ساغلاملىق ئىقتىدارى ئوخشاشمايدۇ. ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئورنىغا قويۇشقىمۇ قەتئىي بولمايدۇ.

ئەسلى مەنبە:
ئانا بالا تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-16 / 08:58:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ