ئەرلەر بۆرىكى ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى

1
1574
ئەرلەر بۆرىكى ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى

قەدىمكى تېبابەتتە «بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش » تىكى «بۆرەك » پەقەت بەدەندىكى بۆرەك ئەزاسىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن ، بەلكى ئادەمنىڭ جىنسىي كۈچى ، جىنسىي ئالاقىسى ، جىنسىي تۇرمۇشى ، كۆپىيىش سېستىمىسنىڭ ئەھۋالى ، ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ھەزىم قىلىش ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەرلەر بۆرىكى ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى
ئەرلەر بۆرىكى ئاجىزلاشنىڭ ھەر خىل ئالامەتلىرى

«بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى» مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سېستىمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سېستىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :

 بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .

مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلۈشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش

بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:

كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش

كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ – ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .

ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك بولۇپ قېلىش ، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:

جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش

ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جنسىي ئەزايى تۇرماسلىق ، ياكى تۇرسىمۇ قاتتىق بولالماسلىق ، مەنى(ئىسپىرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپىرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپىرما ھۆجەيرلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .

ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسىلىق .

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئالامەتلىرى

كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت  رەڭگى سۇسلىشىش .

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى

بالدۇر ئاجىزلىشىش

ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسىتۇتۇلۇش  ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .

 
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here