ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاز ساندىكى كىشىلەردىكى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ئۇلارنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك مەزى بىزى ياللۇغى ۋاقتىدا ئۈزۈل-كېسىل داۋالىماي، كەينىگە سۈرگەنلىكتىن كېلىپ چىقسا، كۆپ ساندىكى بىمارلار تېخى ئېنىق بولغان جددىي خاراكتېرلىك مەزى بىزى ياللۇغى باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان.
ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى بىئولوگىيەلىك ئاساسلىق ئامىل بولسا باكتېرىيە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىرۇس، مىكوپلازما، خىلامىدىيە ۋە باشقا سەزگۈر ھۈجەيرىلەردىن ئىبارەت. جىنسىي تەلەپنىڭ زىيادىلىشىشى، مەزى بىزى قاناش، جىنسىي ئەزا يولى توسۇلۇپ قېلىش، جىنسىي ئەزا ئۇزۇن مۇددەت بېسىلىپ قېلىش، قىسمەن جايلارنىڭ يارىلىنىشى، يانداش ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن كېسەللىك مەزى بېزى ياللۇغىغا ئۆزگىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەتتا بىمارلارنىڭ روھى ھالىتىمۇ كېسەللىكنىڭ ئېغىر–يېنىكلىكىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن ئۇزاققىچە ساقايماسلىقتەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ يەردىكى مومكىنچىلىك ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىكى ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئامىلى ياكى ئوخشاش ۋاقىتتىكى بىر نەچچە خىل كېسەللىك ئامىللىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىن ئىبارەت.
مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبلوگى