ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز كېسىلى ۋە تېرە ئۆزگىرىشىگە ئائىت بۇلارنى بىلەمسىز؟

ئەيدىز كېسىلى ۋە تېرە ئۆزگىرىشىگە ئائىت بۇلارنى بىلەمسىز؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەيدىز كېسىلى تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ئۆمۈرۋايەت ۋىرۇسىقا قارشى داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ھازىر ئۇنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.

ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن تېرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. كىلىنىكىلىق ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %90تىن ئارتۇق ئەيدىز بىمارلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تېرە شىللىق پەردىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك تېرە زەخمىسى، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تېرە زەخمىسى ۋە تېرە ئۆسمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ۋە تېرە ئۆزگىرىشىگە ئائىت بۇلارنى بىلەمسىز؟

بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك تېرە زەخمىسى يەنە بەلۋاغسىمان قوقاق، ئاددىي قوقاق، سۆگەل، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ۋە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش دەپ ئايرىلىدۇ.

ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تېرە زەخمىسى تەڭگە تەمرەتكە كېسىلى، ياغ تەپچىرەيدىغان تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ھەتتا لىمفا ئۆسمىسى ۋە كاپوسى گۆش ئۆسمىسى قاتارلىق ئىككى خىل ئۆسمە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا، ئېغىز بوشلۇقىدا قانداق ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ؟
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن تېرىدە ئۆزگىرىش بولغاندىن باشقا، ئېغىز بوشلۇقىمۇ سىگنال بېرىدۇ.

ئالدى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىدا ئاق داغ پەيدا بولغاندا، خەتەرلىك قىلمىشى بار كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ئېغىز بوشلۇقىدىكى تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاق داغ پەيدا بولۇپ، ئۈستۈنكى تاڭلاي ۋە تىلدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەيدىز كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. %11 ~ %96 ئەيدىز بىمارلىرىدا ئوخشىمىغان باسقۇچتا ئېغىز بوشلۇقىدا ئاق داغ پەيدا بولىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئېغىز بوشلۇقى يارىسى دەپ قارايدۇ.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %25 ئەيدىز بىمارلىرىدا دەسلەپكى مەزگىلدە چىش ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىسى چىش يىلتىزى ياللۇغلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چىش يىلتىزى قاناش، ئاغرىش ۋە سېسىق پۇراش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈستۈنكى تاڭلىيىدا مونەك پەيدا بولسا ئەيدىز كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

ئۈستۈنكى تاڭلىيىدا قىزىل، سۆسۈن ياكى سۇس كۆك رەڭلىك مونەكلەر پەيدا بولغاندا، ئەيدىز كېسەللىكىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بۇ خىل ئۆسمە يەنە كاپوسى گۆش ئۆسمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ نورمال كىشىلەردە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئەيدىز بىمارلىرى ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملانغاندىن تارتىپ كېسەل بولغۇچە بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، قوزغالغاندا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر بەدەندە بىئاراملىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، بالدۇرراق داۋالاش ئەڭ مۇھىم!

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/18010929.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ