بۈگۈن تورغا چىقىپ، يوللانغان تېمىلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقىپ ، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئەيدىز توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ يازغان تېمىسىنى كۆرۈپ ، ئەيدىز كىسىلى توغرىسىدا سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، كۆرگەن ئاڭلىغانلېرىمنى تورداشلار بىلەن بىللە ئورتاقلىشىش مەخسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم، تورداشلارنىڭ خاتالىقىم بولسا تۈزىتىپ قۇيىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەيدىز كىسىلى ساقايماس كىسەللەرنىڭ بىرى ، توغرا بەزى قېرىنداشلار ئەيدىزنىڭ دورىسى چىقتى، ئەيدىزنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان دورىنى پالانى دۆلەتتىكى، پالانى ئالىم ياساپ چىقتى دىگەنلېرىنى كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم، ئەمدى شۇ تورداشلارغا ، شۇ قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغىنىم، ئەيدىز كىسىلىدىن ئىبارەت بۇ ۋابانىڭ دورىسى تېخى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق، شۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇملانغۇچى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ شۇ كىسەلنى كونتىرول قىلىدىغان قىلىدىغان دورىنى ھەقسىز ئالالايدۇ ۋە ئەيدىزنى داۋالايدىغان ئاپىراتلارغا بېرىپ داۋالاىنالايدۇ. خوش، ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى، ئەيدىزنىڭ قايسى يوللار ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان، ئەيدىز كىسىلى، مۇنۇ ئۈچ ئىشتىن يۇقىدۇ.
1-ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.
2-قاندىن يۇقىدۇ.
3-قالايماقان ، ھىچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.
ئەيدىز ۋەھىمىسى بار كىشىلەر ۋە قالايماقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، شۇ كىسەلدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلەلمەي قورقۇپ يۈرگەن كىشىلەر ، قانچىلىك ۋاقىت، قانداق ئورۇندا تەكشۈرتىشى كېرەك؟
جاۋاپ: خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ، شۇ قېتىملىق مۇناسىۋەتتىن كىيىن ھىساپلاپ تۇرۇپ6 ھەپتىدىن كىيىن، يەنى42 كۈندىن كىيىن مۇنتىزىم دۇختۇرخانىلارغا بېرىپ ئەيدىزنى تەكشۈرتىشى كېرەك.
دۇختۇرخانىلارنىڭ ئەيدىز كىسىلىنى تەكشۈرۈش ھەققى قانچە؟
جاۋاپ: دۇختۇرخانىلارنىڭ ھەق ئىلىش ئۆلچىمى، پەقەت شۇ بىر تۈر، يەنى ئەيدىزنىلا تەكشۈرتسىڭىز تەخمىنەن60يۆەن، ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملۇق كىسەللەرنى بىللە قۇشۇپ تەكشۈرتسىڭىز، تەخمىنەن 200 يۆەن ئەتراپىدا ھەق ئىلىنىدۇ.
ئەيدىز كىسىلىنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك ۋاقىتتا چىقىدۇ؟
جاۋاپ: ھازىرقى ئەيدىزنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 4-ئەۋلاتقا قاراپ تەرەققىي قىلىدى، چوڭراق ، مۇنتىزىم دۇختۇرخانىلاردا تەكشۈرتسىڭىز تەخمىنەن 30 مىنوت ۋە ياكى ئۇنىڭدىن قىسقا ۋاقىتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى قۇلىڭىزغا تىگىدۇ.
تەكشۈرۈش قەغىزىدىن ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟
جاۋاپ: قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان بولسا ، خەنزۇچە(阴性)دىگەن خەت يېزىقلىق تۇرىدۇ، ئەگەردە تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياخشى چىقماي قالغان بولسا، تەكشۈرۈش قەغىزىگە ، 3 كۈن ياكى 1ھەپتىدىن كىيىن نەتىجىسىنى ئىلۋىلىڭ دىگەن خەت يېزىلىدۇ ياكى ، بۇ گەپنى دۇختۇرنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلايسىز. مەنپىي دىگەن خەت يوقكەن، دۇختۇر مىنى قايتا تەكشۈرتكىن دەيدۇ دەپلا، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋىتىپ، ئۈلىۋېلىشنى ئويلىسىڭىز بولمايدۇ، ئۈسكىنە دىگەندىمۇ خاتالىق چىقىدۇ، ياكى شۇ مەشغۇلاتنى قىلغان ئادەم خاتالىق سادىر قىلىپ قويغان بۇلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى چىققۇچە چۇقۇم ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭىز شەرت.
42 كۈندىن كىيىن مەنپىي چىققان بولسا ، يەنە تەكشۈرتىشنىڭ زۆرۆرىيىتى بارمۇ؟
جاۋاپ:42 كۈندىن كىيىن مەنپىي چىققان بولسىڭىز ،خاتىرجەم بولسىڭىز تامامەن بۇلىدۇ، لىكىن بىر شەرت، شۇنىڭدىن كىيىن قالايمىقان، ھىچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلا بولسىڭىز خاتىرجەم بولسىڭىز بۇلىدۇ.
دۆلىتىمزدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ كۆزنەك ۋاقتى 3 ئاي ،6 ئاي نىمىشقا شۇنچە ئۇزۇن؟
جاۋاپ:3 ئاي، 6 ئاي دىگىنىمىز نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى، بىرىنچى ئەۋلاد تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىگە قارىتىلغان، ھازىر تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى 4-ئەۋلاتقا قاراپ تەرەققىي قىلدى ، شۇڭلاشقا كۆزنەك ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن.
خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قانداق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاپ:خەتەرلىك مۇناسىۋەت دىگىنىمىز: ئوغۇل بىلەن ئوغۇل، ئەيدىز كىسىلنى ئىلىپ يۈرگۈچى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، تونىمايدىغانلار ۋە ياكى تىنىنى سىتىپ جان باقىدىغانلار بىلەن ھىچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەيدىزنىڭ ئەردىن ئايالغا، ئايالدىن ئەرگە يۇقۇش نىسپتى قانچىلىك؟
جاۋاپ:ئەر تەرەپ شۇ ۋىروسنى ئىلىپ يۈرگۈچى بولسا، ئەردىن ئايالغا يۇقۇش نىسپىتى0.5 پىرسەنىت، ئايال كىشى شۇ ۋىروسنى ئىلپ يۈرگۈچى بولسا، ئايالدىن ئەرگە يۇقۇش نىسپىتى 0.05پىرسەنىت، لىكىن بۇ سانلىق مەلۇماتقا ئىشىنىپ كىتىشكە بولمايدۇ، نىمىشقا دىگەندە شۇ كىسەلنىڭ ئادەمگە يۇققىسى كەلسە، شۇ ۋىروسنى ئىلىپ يۈرگۈچى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ۋاقتى 10 سىكونىتقا يەتمىسىمۇ، شۇ ۋىروسنى ئىلىپ يۈرگۈچى قارىشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قۇيىشى مۇمكىن.
بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش دىگەن نىمە؟
جاۋاپ:بىخەتەرلىك تەدبىرى دىگىنىمىز، مۇناسىۋەت قىلىشتا ھەرخىل كىسەللەرنىڭ يۇقۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.
بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلتىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئەيدىز كىسىلى يۇقامدۇ، يۇقمامدۇ؟
جاۋاپ: بىخەتەرلىك قاپچۇقى 100%ئىشەنچىلىك بولمىسىمۇ، بىخەتەرلىك قاپچۇقى خەتنىگاھىڭىزغا تولۇق كىيدۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، پەقەت شۇ قاپچۇقنى ئىشلەتكەنلا بولسىڭىز ، بىخەتەرلىك قاپچۇقى يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىپ تۇنىمايدىغان، تىنىنى ساتىدىغانلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز، ئەيدىز يوقۇپ قالمىغان تەقدىردىمۇ، جىنسىي كىسەللەرنى ئۆزىڭىزگە يۇقتىرىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.
دۇختۇرخانىدا تەكشۈرتكەندە دۇختۇرغا نىمىلەرنى دىيىشىمىز كېرەك؟
جاۋاپ: تەكشۈرتكەندە چۇقۇم ئەيدىزنى تەكشۈرتىمەن دىيىشىڭىز شەرت، ئادەتتە قان تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلىرى ناھايتى كۆپ، شۇڭلاشقا چۇقۇم ئەيدىزنى تەكشۈرتىشىڭىزنى دىيىشىڭىز كېرەك.
بۇ نىجىس كىسەل توغۇرلۇق مۇنبەردە يېزىلغان تېمىلار بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم يېزىش ئارقىلىق تورداشلارنى ئويغىنىپ قالسا، يامان يولدا مىڭىۋاتقانلارنىڭ يامان يولدىن قايتىشىغا پايدىسى بۇلارمىكىن دىگەن مەقسەتتە يوللىدىم.
مەنبە: تور دۇنياسى