ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز كېسىلىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدس كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسەل قوزغالغىچە بىر جەريان كېتىدۇ. كلىنىكىدا بۇ جەريان 4 باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بۇلار: جىددىي يۇقۇملىنىش باسقۇچى، يوشۇرۇن باسقۇچ، ئەيدس كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ۋە تىپىك ئەيدس كېسىلى باسقۇچى.

1. جىددىي يۇقۇملىنىش باسقۇچى: كېسەل ئالامىتى يىنىك بولغاچقا، كۆپ قىسىم كىشىلەر سەل قارايدۇ. يۇقۇملىنىپ 6-2 ھەپتىدىن كېيىن قان تەكشۈرتۈشتە ئەيدىس كېسىلى ۋىروسى ئانتىتېلاسى مۇسىبەت ئىپادىلىنىدۇ. كېيىن ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساملاملىققا تەسىر يەتمەيدىغان، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈنمەيدىغان يوشۇرۇن باسقۇچقا ئۆتىدۇ، ئەمما يەنىلا يۇقۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.

2. يوشۇرۇن باسقۇچ: يۇقۇملانغۇچىدا كلىنىكىلىق كېسەل ئالامىتى كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىخەتەر باسقۇچ ئەمەس، كېسەللىك ۋىرۇسى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشى كۈچىيىپ بارىدۇ. يوشۇرۇن باسقۇچ ئەيدىس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ كلىنىكىلىق كېسەل ئالامىتى كۆرۈلگەچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچ 10-2 يىلغىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئەيدىس كېسىلىنى بايقاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.

3. ئەيدىس كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى: يوشۇرۇن باسقۇچتىن كېيىن بەدەندە ئەيدىس كېسىلى ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە تېز تەرەققىي قىلىدۇ. بىماردا ئەيدىس كېسىلىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىپادىلىنىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ، كېسەل ئەھۋالى سەل يىنىك بولىدۇ.

4. تىپىك ئەيدىس كېسىلى باسقۇچى: بەزىلەر بۇ باسقۇچنى ئەيدس كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش باسقۇچى دەپ ئاتايدۇ. بۇ باسقۇچتا 3 ئاساسىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىدۇ. ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئېغىرلىشىپ، ھەر خىل جانغا زامىن بولىدىغان يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۆپىيىپ، بەدەندە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولىدۇ. ئەيدىس كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بىمارنىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، ھەرخىل ئېغىر كېسەللەر پەيدا بولىدۇ، ئاخىرىدا ئۆلىدۇ.

مەنبە:
xjaids.com

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ