1. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش: ۋاكسىنىلار بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن قوغدايدۇ. بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
2. خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن قوغداش: ۋاكسىنىلار بوۋاقلارنى ۋە بالىلارنى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەردىن قوغدايدۇ. قىزىل، سۇ چېچىكى، تۇبىركۇليۇز، گۈرەنبەز ياللۇغى، قاتما كېسىلى، مىڭە سۈر يۇلۇن ياللۇغى كېسەللىكلىرى… قاتارلىق كېسەللىكلەر ۋە بۇلارنىڭ ئەگەشمە خەتەرلىرىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. ئاممىۋى ساغلاملىقنى قوغداش: ۋاكسىنىلار يۇقۇم ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئەتراپقا، باشقىلارغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەلۇم بىر رايونغا يېتەرلىك ۋاكسىنا ئەملەنگەندە، شۇ رايوندىكى بوۋاق بالىلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. رايوندىكى ئىنسانلارنىڭ ھايات سۈپىتى يۇقىرىلايدۇ.
4. ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇش: ۋاكسىنىنىڭ ياردىمىدە ، پەقەت يۇقۇملۇق كېسەللەرلا ئەمەس، بۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ساغلام ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەمدە بېرىدۇ.
5. ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىش: ئەسلىدە ۋاكسىنا بىلەن ئالدىنى ئالغىلى بولدىغان ئەمما ۋاكسىنا ئەملەنمىگەندە كۆرۈلگەن كېسەللىكلەرنى داۋالاش تەننەرخىنى تۆۋەنلەيدۇ، ۋە بۇ ئارقىلىق ئائىلىلەرنىڭ شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى يېنىكلەيدۇ.
6. خەلقئارالىق ساياھەت ۋە كۆچمەن ئىشلىرىغا قويۇلغان تەلەپ: بەزى دۆلەتلەر خەلقئارالىق ساياھەتچىلەردىن ۋەيا كۆچمەنلەرنىڭ بالىلىرىغا مەلۇم ۋاكسىنا ئەملەشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خەلقئارادا ساياھەت، خىزمەت، كۆچمەن ئىشلىرىدا مەسىلە چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.