سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىق ئۆمرىنىڭ قىسقارغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇ ۋاقىتتا بەدەن چېنىقتۇرۇش توغرىسىدا ئەسلا گەپ بولۇنمايتتى. ھازىر ئەيدىز كېسىلى ھەرگىزمۇ ھاياتقا تەھدىت سالىدىغان كېسەل ئەمەس.
ئامېرىكا ئەيدىز كېسەللىكى مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئىلىم-پەن ۋە داۋالاش مەسلىھەتچىسى مۇنداق دېگەن : «بىز ناھايىتى زور دەرىجىدە تىرىشقاچقا ياخشى دورا ياسىيالىدۇق، پەقەت تىرىشسىلا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆمرى ئەيدىز كېسىلى يوقلارنىڭ ئۆمرىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ».
ھەرىكەت فىزىئولوگى جوي كاننون مۇنداق دېگەن: «ھەرىكەت بىر خىل دورا. ئۇ خامۇشلۇق كېسەللىكىنى تۈگىتىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلايدۇ ھەمدە مىكرو ئورگانىزم باكتېرىيە توپىنى ياكى چوڭ ئۈچىيىڭىزدە ياشايدىغان پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ. ئەگەر سىز دورا يېيىش بىلەن بىرگە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز تېنىڭىز تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ، مېنىڭچە بۇنى ھەممە ئادەم قىلالايدۇ».
بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا بولغان پايدىسى
ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغانلاردا باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە بەزى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئەيدىز ۋىرۇسى دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ بىمارنىڭ باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
شۇڭلاشقا دورىلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىپ، كۈندە مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرگەندە، كېسەللىكنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ.
ئەيدىز بىمارلىرى پەقەت دورا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەرىكەتنى مۇۋاپىق قىلىپ بەرگەندە بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق، ھەمدە ئۆمرى ئادەتتىكى نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ.