ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز ئالدىدىكى ساۋاتسىز كىشىلەر

ئەيدىز ئالدىدىكى ساۋاتسىز كىشىلەر

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

قەشقەردىن كەلگەن تىلىفۇن: ئەر-ئايال ئىككىمىز توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغان، بىر ياشقا كىرگەن بالىمىز بىر يىلنىڭ ئالدىدا قوساققا سۇ چۈشۈپتۇ دېگەن گەپ بىلەن تۈگەپ كەتكەن. شۇ چاغدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىغىمىزنى بىلگەنىدۇق. تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتۈپ باقماپتىكەنمىز.ھازىر بالىمىز بولمىغاچقا بالىلىق بولغۇمىز بار، قانداق قىلسام ئەيدىز ئەمەس بالا تۇغالايمەن…
خوتەنگە تەكشۈرۈشكە بارغۇچىنىڭ بايانى: خوتەندىكى 17-18 ياشلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان پائىشە قىزلاردىن نېمىشقا گاندون ئىشلىتىشنى خالىمايدىغانلىقى سورالغاندا، گاندون دېگەن سۇلياۋدىن ياسالغان سوغاق نەرسە، بۇنداق نەرسە قىزلارغا سوغاق كېلىپ زىيان قىلىدۇ…دېگەن.

غۇلجىدىن كەلگەن ئۇچۇر: ئىرىم ساقال ئالغۇزۇش جەريانىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، روھى چۈشۈپ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ئېرىمنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن دەپ ئۆزەمنى ئېلىپ قاچماي مەنمۇ ئەيدىز بولۇپ قاپتىمەن، ئىرىم تۈگەپ كەتتى، ماڭا تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈشنىڭ غەم-ئازابى قالدى…

ئاقسۇدىن كەلگەن تىلىفۇن: ئىچكىرىگە بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلگەن ئىدىم، ئەمدى ئەيدىزنىڭكىدەك بىر قىسىم ئالامەتلەر كۆرۈلگەندەك قىلىۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار…

قەشقەردىن كەلگەن ئۇچۇر: توي قىلغىلى ئالتە ئاي بولغان، ئايالىم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپتۇ، مەن ساقكەنمەن. قانچە پۇل كەتسە مەيلىتى داۋالاپ ساقايتسام بولاتتى…

شۇنداق روھسىز، خۇددى يىغلىۋېتىدىغاندەك ھالدا ئۈرۈمچىلىك ئەركىشىدىن كەلگەن تىلىفۇن: تۆنۈگۈن تەكشۈرتسەم ئەيدىز ئىكەنمەن، قانداق دورا بىلەن داۋالانسام تىزگىنلەپ كونترۇل قىلالايمەن…

ئۈرۈمچىلىك ئايالدىن كەلگەن تىلىفۇن: ئىرىم تالاغا قاراپ قاپتۇ، تولا سۆزلەپ گەپ ئاڭلىتالماي ئاچچىقىمدا سەن ئوينىساڭ مەن ئوينىيالمامتىم دەپ، ئەر-خوتۇن ئىككىمىز بىر-بىرسىمىز بىلەن كارىمىز بولماي ئۆز سەنىمىمىزگە دەسسەپ يۈرسەك، مانا ئەمدى ھەر ئىككىلىمىز ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپتىمىز، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق…

16 ياشلىق قىزدىن كەلگەن ئۇچۇر: ئەيدىز بولۇپ قاپتىمەن، شۇنداق روھىم چۈشۈپ كەتتى، ئۆلۈمنىلا ئويلايمەن، ھىچ ئىش خوشياقمايدۇ…

بۇنداق تىلىفۇن-ئۇچۇرلارنىڭ قۇيرىقى ئۈزۈلمەيدۇ. ئويلاپ قالىمەن، كىشىلەر پەقەت ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىنلا ئاندىن ئەيدىزنىڭ قانداق ئازابلىق، خەتەرلىك، مەرەز كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەندەك. ئويلىسام ئويلىرىم تۈگىمەيدۇ، ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقۇدىغانلىقىنى، داۋاسى يوقلىقىنى، ساقايمايدىغانلىقىنى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار بىلمەيدىغاندەك. ئويلىماي تۇرغۇم كەلمەيدۇ، خۇددى ئۇيغۇرلار ئەيدىز توغرىسىدا ساۋاتسىز قالغاندەك، ئەيدىزنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى ھەم قانداق يوللار بىلەن نېمىشقا يۇقۇدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغاندەك، كىشىلەر بىر-بىرىگە ئەيدىزنى چۈشەندۈرەلمەيدىغاندەك، باشقىلارنىڭ ئەيدىزدىن ئېھتىيات قىلىش نەسىھەتلىرى قۇلاققا خوش ياقمايدىغاندەك؛ دىققەت قىل! ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالما! دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارغا «خۇدايىم ساقلايدۇ» دەپ، ئۆزىنىڭ بىغەملىكىنى خۇدايىمغا ئىتتىرىپ قۇيۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن باشقىلاردىن، مۇھىتتىن، جەمىيەتتىن ئاغرىنىپ، يەنىلا گۇناھنى ئەيدىزگە قۇيۇپ ئۆزىنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قۇيۇدىغان، سەۋەپ-نەتىجىنى ئويلىمايدىغان-ئويلىيالمايدىغان ھالەتتىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇردىن يىراقلىشىپ كەتكەن ئەتراپىمىزدىكى بىغەم كىشىلەر ئەيدىزدىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈچى يەتمەيۋاتقان ھەم ئادەملەرنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن بارغانسىرى كۆپۈيىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەل ئالدىدا چوڭچىلىق قىلپ، ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەيدىغان ساددىلىقى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن جاننى ئالىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزگە تۇتقان پۇزىتسىيەدە مەدەنىيەت-جەمئىيەت ساۋاتسىزلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقاندەك.

ئويلىسام ئويلىرىمغا يىتىشەلمەيمەن، ئەيدىزدىن خەۋىرى يوقلارمۇ ئەيدىزنى ئىزدەپ يۈرىۋاتقان، ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقۇدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلارمۇ ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرىۋاتقان، شەھەرلىكلەرمۇ- يېزىلىقلارمۇ، بايلارمۇ-نامراتلارمۇ، ئون نەچچە ياشلىقلاردىن تارتىپ ئاتمىشتىن ئاشقانلارمۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ، خىزمەتچىلەرمۇ، تىجارەتچىلەرمۇ، دېھقانلارمۇ، ھامىلە-بوۋاقلارمۇ، قىزلارمۇ-ئانىلارمۇ، يىگىتلەرمۇ-دادىلارمۇ، توي قىلغان-توي قىلمىغانلارمۇ ئەيدىزدىن قۇتۇلالمايۋاتقان، زەنجىرسىمان يۇقۇدىغان ئەيدىزدىن ئەخلاقلىقلارمۇ، گۇناھسىزلارمۇ، يولدىن چىقمىغانلارمۇ ئويلىمىغان يەردىن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقان…

جاھاننىڭ ئىشلىرى سەۋەپ-نەتىجىلىك بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق ساھەدە ئالدىنى ئېلىش ئېڭى يۇقۇرى بولمىسا، شۇ ساھەدە ساۋاتسىزلىقتا قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساۋاتسىزلىقتا قېلىش ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇالمايدۇ. ئاقىۋەت يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش يۈز بىرىدۇ.

ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، نىكاھلانمىغان ئەر بىلەن ئايال، شۇنداقلا ئەر بىلەن ئەر، ئايال بىلەن ئايال بىللە بولۇپ ئېلىپ بارىدىغان جىنسى مۇناسىۋەت، ھەمجىنىسلىق، جىنسى غىدىقلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ خەتىرى ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنى ئويلىماسلىقمۇ ئەيدىز ساۋاتسىزلىقى ھېسابلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىنسانلارنىڭ نىكاھ مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى جىنسىيەتتىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. پۇرسەتپەرەسلەر بىلەن ئەخلاقسىزلار ھەم چۈشكۈنلەشكەنلەر نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىقى مۇمكىن. مۇشۇنداق نىكاھتىن ئىبارەت ئىنسانى مەدەنىيەتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدىغانلار باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى ئېنىق.

زەھەر چېكىدىغانلار ئاساسەن يېنىدىكىلەرگە ــ نىكاھلانماقچى بولغانلارغا ھەم ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، ئەمما نىكاھلانماي تۇرۇپ ھەم نىكاھ سىرتىدا جىنسى بۇزۇقچىلىق قىلغانلار- قىلىدىغانلار يېنىدىكىلەرگە ئىتتىك ئاشكارىلانماسلىقى مۇمكىن. جەمىيەتنىڭ تويدىن بۇرۇن چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشىمۇ نىكاھلانماقچى بولغانلارغا پايدىلىق بولۇپ، مۇشۇنداق تەكشۈرۈشتىنمۇ ئۆزلىرىگە ئىشەنمەي، كىسىلىنى يۇشۇرۇپ ھەم تەكشۈرۈشنى توغرا تاپماي تەكشۈرتمەيدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالنىمۇ ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى ئويلىمايدىغان ئەيدىز ساۋاتسىزلىقى دىيىشكە بولىدۇ.

زەھەر چەككەن ئىشپىرىسنى ئۆزئارا ئىشلىتىش ئېنىقلا ئەيدىز ساۋاتسىزلىقى بولۇپ، زەھەردىن قول ئۈزگەن بىلەن ئەيدىزدە ئۆلۈپ كىتىش كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. يەنە ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ۋاقتى-قەرەلىدە سالامەتلىك تەكشۈرتمەي بىلمىگەن ھالدا تۇغما ئەيدىز بالىنى تۇغۇدىغانلارنىڭ ئەيدىز ساۋاتسىزلىقى.

قىسقىسى، كىشىلەرنىڭ ئەيدىز توغرىسىدىكى ساۋاتسىزلىقى مۇشۇ جەھەتتىكى ساۋات، بىلىم، ئۇچۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى، دىققەت قىلماسلىقى، ناشايان ئىشلاردا ئەيدىزنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئويلىماسلىقى بولۇپ، ئەيدىز تەشۋىقاتى خۇددى تىلىۋىزىيە ئېلانلىرىدەك كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كىرىۋالىدىغان ھالەتتە كۆپ بولمايۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن نادانلىق بىلەن نامراتلىقنىڭ مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇشى ھەم داۋاملىشىشى، شۇنداقلا جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنىڭ ئاجىز بولۇشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز توغرىسىدا ھوشيارلىقى يۇقىرى كۆتىرىلمىگەن بولسا كېرەك. نادانلىق خەتەرگە نىسبەتەن ساۋاتسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى پەيدا قىلىدۇ، نامراتلىقمۇ خەتەرگە نىسبەتەن ساۋاتسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. تەشۋىقات نادانلىق بىلەن نامراتلىق ئالدىدا ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي قالىدۇ.

مەسىلىلەر ئاشكارىلىنىپ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى كۈچەيگەنسىرى كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان دىققىتى، چۈشەنچىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. شۇڭا ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئەيدىز ساۋاتسىزلىقى ئەيدىزگە قارشى تەشۋىقات كۈچىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەنى تەشۋىقات بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:17:36

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ