بەلكىم بۇ بالا بىلەن پەقەتلا كارى بولماسلقنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنداق بولسا ئانچە ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى خالىسا (بۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ)، بەلكىم بۇ بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.
«بىز ئىلگىرى ساڭا ئەسكەرتكەن، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىسەڭ، باشقا كۈنلەردە دەرس تەكرارلاپ، پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىلا تېلېۋىزور كۆرەلەيسەن. »
بۇ بالىلارنىڭ دەرس تەكرارلىمىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىغان پەيتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن «ئادەتتە ماتېماتىكىدا ئىپادەڭ يامان ئەمەس ئىدى، بۇ قېتىم ئىمتىھاندا نەتىجەڭنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدە قانداقتۇر بىر سەۋەب بارمۇ نېمە؟ ياردەم كېرەك بولسا ئۇدۇل دېگىن» دېگەندەك سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇدۇل ئېيتىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەك.
«ئەگەر ئازراقلا تىرىشىۋەتسەڭ ياخشى نومۇر ئالالايسەن، مېنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنىم سەن قىلالايدىغان تۇرۇپ تىرىشمىغىنىڭ، بىراق نومۇر سېنىڭ، شۇڭا كېلەر قېتىم بەكرەك تىرىشامسەن تىرىشمامسەن بۇنى ئۆزۈڭ بېكىت».
«ئىمتىھاننى ناچار بېرىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشكە ئامالسىز قالدىڭ؟ شۇنداقمۇ؟»
ئالدىدىكى تۆت خىل ئۇسۇل بالىلارغا ئانچە ئازار بەرمەيدۇ، بىراق تەنقىد خاراكتېرىدىكى ئىنكاسلار بالىلارغا بەك تەسىر قىلىدۇ. ئادەمگە ئازار بەرسە بېرىدۇكى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بالىلار ئۆزىنى «مېنىڭ كاللام باشقىلاردەك ئىشلىمەمدۇ قانداق» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. قايتا-قايتا بېرىلگەن زەربە، قارىشى تۇرۇش ۋە تەنقىدلەش بالىنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ ئۆزىنى «مەن سۆيۈلۈشكە لايىق ئەمەس» دەپ قارايدۇ. گەرچە بالىلار بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك پاراڭلىشىش ئۇسۇلىنى تېپىش بىر قەدەر قېيىن بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار يەنىلا بۇ ئىشنى خېلى ئۈنۈملۈك قىلىۋاتىدۇ. چىن يۈرەكتىن پاراڭلىشىش بالىلار بىلەن ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتىكى تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنى رازى قىلىدىغان بىر ئىشتۇر. ھېسسىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدا كەم بولمايدىغان بىر بۆلەك بولۇپ، بۇ ئاتا-ئانىلارنى خۇشال قىلىپلا قالماستىن، بالىلارنىمۇ خۇش قىلىدۇ. ئەگەر ياخشى ئېلىپ بارسا، ئۇنى توغرا يولغا باشلاشتىن سىرت خاتالىقىنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تۈزىتىۋېلىشىگە ياردەم بېرىشتەك قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
ئەكسىچە، تۈزۈمنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. گەرچە بىز بالىمىزنىڭ بىر قىسىم يامان ئىللەتلىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ئۇنى جازالىغىمىز كەلسىمۇ، ھېسسىيات جەھەتتىن ئۇنداق قىلىشقا قىيىنغا چۈشىدۇ.
بالىمىزنى جازالىغاندا، بىز كۈلۈمسىرەش، قۇچاقلاش ياكى «سىزنى سۆيىمەن»دېگەندەك ئىنكاسلارغا ئېرىشەلمەيمىز. ئەكسىچە بىز چېكىنىش، قورۇنۇش، ئاچچىقلاش قاتارلىق ناچار ئىنكاسلارغا ئېرىشمىز. ھېسسىي پىكىرلىشىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا جازالاش خېلىلا ناچار ئۇسۇل بولسىمۇ، تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشمۇ بالىلارنى تەربىيەلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم قىسمىدۇر.
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى