ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرتاشقى كېسەللىكلەرگېموروي بىلەن سوڭى چىقىپ قېلىشنىڭ پەرقى

گېموروي بىلەن سوڭى چىقىپ قېلىشنىڭ پەرقى

مەقئەت قىسمىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىچىدە گېموروي ۋە سوڭى چىقىپ قېلىش (تۈز ئۈچەي ساڭگىلاپ چىقىپ قېلىش) ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە دائىم ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال. گەرچە ھەر ئىككىلىسى مەقئەت قىسمىدىن بىر نەرسىنىڭ سىرتقا چىقىپ قېلىشىدەك تۇيغۇ بېرىپ، بىئاراملىق پەيدا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، قۇرۇلمىسى، ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى جەھەتتە تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.

گېموروي بىلەن سوڭى چىقىپ قېلىشنىڭ پەرقى

 

1. گېموروي دېگەن نېمە؟

گېموروي ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مەقئەت ۋە تۈز ئۈچەينىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ، ئىششىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان گۆش مۇنچىقىدۇر. بەزىدە بوۋاسىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە: گېموروي ، بوۋاسىر ، بۇۋاسىر ، گىمروي
ئىنگىلىزچە: hemoroid
تۈركچە: basur, hemoroid
خەنزۇچە: 痔疮

ئۇ پەيدا بولۇش ئورنىغا ئاساسەن ئىچكى گېموروي ۋە تاشقى گېموروي دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

ئاساسلىق ئالامەتلىرى:

  • تەرەتتە قان كېلىش: چوڭ تەرەتتىن كېيىن قەغەزگە ياكى تەرەت ئۈستىگە ئوچۇق قىزىل رەڭلىك قان يۇقۇش. بۇ گېموروينىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتى.
  • ئاغرىش ۋە بىئاراملىق: بولۇپمۇ تاشقى گېموروي ياكى ئىچكى گېموروي پەيدا بولۇپ ، گۆش پارچىسى بوغۇلۇپ قالغاندا قاتتىق ئاغرىق بولىدۇ.
  • قىچىشىش ۋە غىدىقلىنىش: مەقئەت ئەتراپىدا قىچىشىش، ئېچىشىش ياكى غىدىقلىنىش ھېسسىياتى بولىدۇ.
  • مەقئەتتە گۆش مۇنچاق پەيدا بولۇش: تەرەت قىلغاندا ياكى ئىنجىقلىغاندا مەقئەتدىن كىچىك گۆش پارچىسى يوغىناپ پۇلتىيىپ چىقىپ قالىدۇ، ئادەتتە ئۆزلۈكىدىن ياكى قول بىلەن ئىتتىرگەندە كىرىپ كېتىدۇ.

 

2. سوڭى چىقىپ قېلىش (تۈز ئۈچەي ساڭگىلاپ قېلىش \ مەقئەت چىقىپ قىلىش ) دېگەن نېمە؟

سوڭى چىقىپ قېلىش، تېببىي ئاتىلىشى «تۈز ئۈچەي ساڭگىلاش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈز ئۈچەينىڭ بىر قىسمى ياكى پۈتۈن قەۋىتىنىڭ مەقئەتدىن سىرتقا چىقىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال گېمورويغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ئادەتتە داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىشى، نېرۋىلارنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇيغۇرچە: سوڭى چىقىپ قېلىش ، تۈز ئۈچەي ساڭگىلاپ قېلىش ، مەقئەت چىقىپ قىلىش، كۆتەن چۈشۈپ قېلىش
ئىنگىلىزچە: Rectal prolapsus
تۈركچە: rektal prolapsus , makat sarkmasi
خەنزۇچە: 直肠脱垂

ئاساسلىق ئالامەتلىرى:

  • مەقئەتدىن چوڭراق ئۈچەي توقۇلما چىقىپ قېلىش: ئىنجىقلىغاندا ، يۆتەلگەندە ياكى ھەتتا ماڭغاندا گازىردىن قىزغۇچ رەڭلىك، چوڭراق بىر توقۇلما (ئۈچەينىڭ ئۆزى) چىقىپ قالىدۇ.
  • تەرەتنى تۇتۇۋالالماسلىق: كېسەللىك ئېغىرلاشقانسېرى، سۇيۇق ياكى قاتتىق تەرەتنى كونترول قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
  • شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىش: ئىچ كىيىمگە دائىم شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ياكى قان ئىزلىرى چىقىپ تۇرىدۇ.
  • تولۇقلۇق ھېسسىياتى: تەرەت قىلىپ بولغاندىمۇ ئۈچەيدە يەنىلا بىر نەرسە باردەك تۇيغۇ بولىدۇ.
  • ئاغرىش ۋە قاناش: گەرچە دەسلەپتە ئاغرىق كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ، سىرتقا چىققان ئۈچەي شىشىپ، بوغۇلۇپ قالغاندا قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە قاناش بولىدۇ.

 

3. گېموروي بىلەن سوڭى چىقىپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم پەرقى

ئەڭ ئاسان پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ:

پەرقى گېموروي سوڭى چىقىپ قېلىش
نېمە كۆرۈلىدۇ؟ ئىششىغان قان تومۇرلار ۋە توقۇلمىلار. گۆش پارچىسى تۈز ئۈچەينىڭ ئىچكى پەردىسى ياكى پۈتۈن قەۋىتى.
كۆرۈنۈشى ئادەتتە بىر ياكى بىر نەچچە كىچىك، يۇمشاق گۆش پارچىسى. رەڭگى كۆكۈچ ياكى قىزىل بولىدۇ. چوڭراق، قىزغۇچ رەڭلىك توقۇلما. يۈزىدە مەركەزدىن تارقالغان قاتلانمىلار (ھالقىسىمان قورۇقلار) ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئالامەتلەر ئاساسلىقى تەرەتتە قىزىل قان كېلىش، قىچىشىش ۋە ئاغرىش. ئاساسلىقى تەرەتنى تۇتۇۋالالماسلىق، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىش ۋە بىر نەرسە چىقىپ قېلىش تۇيغۇسى.
ئەسلىگە كېلىشى دەسلەپكى باسقۇچتا ئۆزلۈكىدىن ياكى قول بىلەن ئىتتىرگەندە ئاسانلا كىرىپ كېتىدۇ. قول بىلەن ئىتتىرىپ كىرگۈزۈش تەس، كىرگۈزگەندىن كېييىنمۇ ئاسانلا قايتا چىقىپ قالىدۇ.
خەۋپى ئاساسلىقى قان ئازلىق، بوغۇلۇپ قېلىش ۋە يىرىڭلاش خەۋپى بار. ئۈچەينىڭ بوغۇلۇپ قېلىپ، نېكروزلىنىشى (چىرىشى)، ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

 

4. سەۋەبلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش

ھەر ئىككى كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئورتاق بولغان بىر قىسىم سەۋەبلەر بار:

  • سوزۇلما خاراكتېرىلىك قەۋزىيەت ياكى ئىچ سۈرۈش: چوڭ تەرەت قىلغاندا، ھاجەتخانىدا ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن ئولتۇرۇش ۋە ھەددىدىن زىيادە كۈچەش ئىنجىقلاش.
  • يېمەك-ئىچمەك ئادىتى: تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، سۇنى ئاز ئىچىش.
  • ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قورساق بوشلۇقى بېسىمىنىڭ ئېشىشى.
  • ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك: دائىم ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈش.
  • ياشانغانلىق: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىپ كېتىشى.

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:

  1. تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەڭ: كۆكتات، مېۋە، دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك ئىستېmal قىلىپ، تەرەتنى يۇمشىتىڭ.
  2. يېتەرلىك سۇ ئىچىڭ: كۈنىگە كەم دېگەندە 2 لىتىر سۇ ئىچىشنى ئادەت قىلىڭ.
  3. تەرەت قىلىش ئادىتىنى ياخشىلاڭ: چوڭ تەرەت كەلگەندە دەرھال بېرىڭ، تەرەتتە 10 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرماڭ، كۈچەپ ئىنجىقلىماڭ.
  4. مۇۋاپىق چېنىقىڭ: دائىملىق چېنىقىش ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بولۇپمۇ داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش پايدىلىق.

 

5. قاچان دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟

ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆزىڭىزچە دىئاگنوز قويماي، دەرھال كەسپىي دوختۇرغا ( ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئەگەر بالىلاردا كۆرۈلسە بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، ئېغىر ئەھۋاللاردا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە) كۆرۈنۈڭ:

  • تەرەتتە دائىم قان كۆرۈلسە.
  • مەقئەتتىن چىققان يوغاناق ياكى توقۇلما قايتىپ كىرمىسە.
  • ئاغرىق كۈچلۈك بولۇپ، ئولتۇرۇشقىمۇ تەسىر يەتكۈزسە.
  • تەرەتنى تۇتۇۋالالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە.
  • قىزىتما، باش قېيىش قاتارلىق سىستېمىلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كۆرۈلسە.

 

خۇلاسە

گېموروي ۋە سوڭى چىقىپ قېلىش مەقئەت قىسمىدا كۆرۈلىدىغان، ئەمما ماھىيەتتە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كېسەللىك. ئالامەتلىرىنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ۋاقتىدا كەسپىي دوختۇرغا كۆرۈنۈش، توغرا داۋالاش پىلانى تۈزۈشنىڭ ئاچقۇچى.  ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-29 / 10:44:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ