ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىكنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى: سەل قاراشقا بولمايدىغان تۆت جۈملە سۆز
دۇنيادىكى ئەڭ ئازابلىق ئارىلىق ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ يېنىدا تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭ سىزنى تونۇيالماسلىقىدۇر. مانا بۇ ئالزېيمېر كېسىلى ئېلىپ كەلگەن ئېچىنىشلىق رېئاللىق. يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئېلىمىز ئالزېيمېر كېسىلى دوكلاتى 2024» دە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 17 مىليونغا يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ سان كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بۇ كېسەللىك پەقەت ئاددىي بىر ئۇنتۇغاقلىقلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر نېرۋا خاراكتېرلىك چېكىنىشتۇر.

ئەقىل ئاجىزلىقىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى: تۆت ئېغىز سۆز
نۇرغۇن كىشىلەر ياشانغانلاردىكى ئۇنتۇغاقلىقنى «قېرىلىقنىڭ تەبىئىي ئالامىتى» دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمما مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدا تۆۋەندىكى تۆت جۈملە سۆز دائىم تەكرارلانسا، بۇ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن:
- «بايا نىمە دىگەنتىڭىز؟ يەنە بىر قېتىم دەڭە؟»: بۇ قىسقا مەدەتلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەشنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى. بىمار بايا دېگەن گەپنى ياكى ئەمدىلا يۈز بەرگەن ئىشنى مېڭىسىدە ساقلىيالمايدۇ.
- «بۇ قەيەر، مەن بۇ يەرگە قانداق كەلدىم؟»: بوشلۇق ۋە ۋاقىت تۇيغۇسىنىڭ خىرەللىشىشى بىمارنى تونۇش ئورۇنلاردا يولدىن ئەدشتۈرىدۇ.
- «مېنىڭ نەرسەم يوقاپ كەتتى، كىم ئالغاندۇ؟»: نەرسىلەرنى بىنورمال ئورۇنلارغا قويۇش (مەسىلەن، ئاچقۇچنى توڭلاتقۇغا سېلىش) ۋە باشقىلاردىن گۇمانلىنىش كېسەللىكنىڭ خاراكتېرلىك بەلگىسىدۇر.
- «سىلەر ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر»: كەيپىياتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، سەزگۈر بولۇپ قېلىش ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قېچىش مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يېڭى تىببىي تەتقىقاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئەقىل ئاجىزلىقى بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا، تىببىي پەن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. 2024-يىلى «The Lancet» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئەقىل ئاجىزلىقى دېلولىرىنىڭ تەخمىنەن %45 نى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە خەتەرلىك ئامىللارنى (مەسىلەن، ئاڭلاش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يالغۇزلۇق) كونترول قىلىش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى ياكى كېچىكتۈرگىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2025-يىلى يانۋاردا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى نېرۋا ئىلمى تەتقىقاتىدا، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق مېڭىدىكى ئالاھىدە ئاقسىللارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن 15 يىل بۇرۇن بىلگىلى بولىدىغانلىقى دەلىللەندى.
ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاش
دېۋەڭلىك كېسىلى تېخى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەل بولسىمۇ، ئەمما بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر ئارىلىشىش بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. بىلىش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
- مېڭىنى ئاكتىپ ئىشلىتىش: كىتاب ئوقۇش، شاھمات ئويناش ياكى يېڭى بىر ماھارەت ئۆگىنىش مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلايدۇ.
- ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر: يالغۇز قالماسلىق، دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش ۋە مەھەللە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش روھىي ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
- ساغلام يېمەك-ئىچمەك: تۇز ۋە ماينى ئازايتىش، يېشىل كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
- جىسمانىي چېنىقىش: ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش ياكى يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلىش قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.
ئائىلە ئەزالىرى قانداق قىلىشى كېرەك؟
ئەگەر ئۆيدىكى ياشانغانلاردا يۇقىرىقى تۆت جۈملە سۆز كۆپ تەكرارلانسا، ئائىلە ئەزالىرى جېدەللەشمەسلىكى ياكى ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكى كېرەك. ئەكسىچە، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشى، ۋاقتىدا دوختۇرخانىنىڭ نېرۋا ئىچكى بۆلۈمىگە ئاپىرىپ كەسپىي تەكشۈرتۈشى كېرەك. بالدۇرراق ئېلىپ بېرىلغان تۇرمۇش ئارىلىشىشى بىمارنىڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ تېز تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كېچىكتۈرەلەيدۇ.


