ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئۆسمە ۋە راكلارھالقىسىمان RNA: راك كېسىلىنى داۋالاش تەتقىقاتىدىكى يېڭى قىزىق نۇقتا

ھالقىسىمان RNA: راك كېسىلىنى داۋالاش تەتقىقاتىدىكى يېڭى قىزىق نۇقتا

فلىندېرس ئۇنىۋېرسىتېتى خەۋىرى، دوختۇرلار تورى تەرجىمىسى:
يېقىنقى زاماندا، تېببىي ئىلىم ساھەسى ھالقىسىمان RNA بىئولوگىيەسىدىكى مۇرەككەپلىكىنى يېشىپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، بۇ تەتقىقات راك كېسىلىنى داۋالاش ساھەسىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئاۋسترالىيە فلىندېرس ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك راك كېسىلى قەرەللىك ژۇرنىلىنىڭ بىرى بولغان «تەبىئەت ئوبزورى.راك كېسىلى» دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى بەش – ئون يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ھالقىسىمان RNA تەتقىقاتى ، راك كېسىلىنى داۋالاش ۋە بىمارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش جەھەتتە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

ھالقىسىمان RNA: راك كېسىلىنى داۋالاش تەتقىقاتىدىكى يېڭى قىزىق نۇقتا

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن : ھالقىسىمان RNA ئۈستىدە ئىزدىنىش ھازىر مۇھىم تەتقىقات ساھەسىگە ئايلاندى. ئالىملار بۇ ئۆزگىچە RNA مولېكۇلىلىرىنىڭ راك كېسىلى بىئولوگىيە ساھەسىدە ئوينىغان ھالقىلىق رولىنى ئېچىپ بەرمەكتە. راك كېسىلىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ھالقىسىمان RNA نىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى ۋە مۇھىملىقىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، راك كېسىلىگە تېخىمۇ توغرا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يول ئېچىشتىن ئۈمىد پەيدا بولماقتا. شۇنداقلا ئۆسمە ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ ئەندىزىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتىشىمۇ مۇمكىن.

ھالقىسىمان RNA تېخى يېقىنقى 10 يىلدا يېڭى بايقالغان RNA تىپى ھېساپلىنىدۇ. باشقا RNA بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، ھالقىسىمان RNA نىڭ شەكلى بىر يېپىق شەكىلدىكى يۇمىلاق ھالقا. بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا ھالقىسىمان RNA قانداق ياسىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ راك كېسىلىدە ئوينىغان روللىرى، شۇنداقلا راك كېسىلىنى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىدا قانداق قانداق بىر رول ئوينايدىغانلىقى ئۈستىدە توختىتىلغان.

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھالقىسىمان RNA سانى باشقا بارلىق RNA ئومۇمىي سانىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئىكەن. بۇ ھالقىسىمان RNA راك كېسەللىكلىرىنىڭ ھەربىر باسقۇچىدا، يەنى تۇنجى راك پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئۆزگىرىشىگىچە ۋە ئەتراپقا ياكى ئۇزاق ئورگانلارغا يۆتكىلىشىگىچە، ھەتتا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ خىمىيەلىك دورىلارغا قارشىلىق كۈچى پەيدا بولغانغا قەدەر باسقۇچلاردا مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەبىئىي ھالقىسىمان RNA ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسىنى يېتەكلەش ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈشتە رول ئوينىيالايدىكەن، بۇ بىرىكمە ۋاكسىنا ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىغا ئوخشاپ قالىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بەزى ئادەم بەدىنىدىكى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھالقىسىمان RNA كېسىلى DNA دا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئاق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار ھالقىسىمان RNA كەلگۈسىدە راك كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالقىسىمان RNA سۇيۇقلۇقتىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ( مەسىلەن، قان تەكشۈرۈشى ) تىكى راك بىئولوگىيىلىك بەلگە ماددىسى قىلىنالىسا، دوختۇرنىڭ يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇنلا راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاشقا ياردەم قىلالايدۇ؛ يەنە بىر خىل يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە، راك كېسىلىدىكى ئالاھىدە ھالقىسىمان RNA نى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ئارقىلىق، داۋالاشتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ئېرىشىشكە بولىدۇ.

مەنبە:
Circular RNAs – the new frontier in cancer research

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-08 / 11:14:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ