ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۇنداقتا، ئەرلەر ئۆزىنىڭ ئەيدىز بولۇپ قالغان، قالمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئەرلەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟

1. يۇقۇملىنىپ 2 ھەپتىدىن كېيىن:

يېقىندىن بۇيانقى جىنسىي پائالىيەتلىرىڭىزدىن گۇمانلىنىپ قالسىڭىز ھەمدە سىزدە تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن بىرەرسى كۆرۈلسە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ: ئۇدا قىزىش، چارچاش، سەۋەبسىزلا بوغۇز ياللۇغى بولۇپ قېلىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز %10 تىن ئارتۇق چۈشۈپ كېتىش، باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش، مۇسكۇل ۋە بوغۇملار ئاغرىش، كېچىدە قارا تەرلەش، ئىچى سۈرۈپ توختىماسلىق، ئەسۋە چىقىش. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 2 ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈلىدۇ.

 

2. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى جىددىي باسقۇچ:

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم بىمارلاردا 6 كۈندىن 6 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا قىزىش، لىمغا بەز ئىششىۋېلىش، بوغۇز ياللۇغى، ئەسۋە چىقىش، بوغۇم ياكى مۇسكۇللار ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، باش ئاغرىش، ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە بۇ ئالامەتلەر ئۇدا 2 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىسىمۇ 2 ھەپتىدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بولمايدۇ. چۈنكى، باشقا كېسەللەر بىلەن يۇقۇملانغاندىمۇ مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 

3. ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەسلىك:

جىددىي باسقۇچ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىمار ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىك باسقۇچىغا كىرىدۇ. ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا «پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك لىمفا بەز كېسىلى» كۆرۈلگەندىن باشقا كۆرۈنەرلىك ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. چوڭلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەسلىك مۇددىتى ئادەتتە 10-8 يىل بولىدۇ.

 

4. ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا كەلگەندە بىماردا پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا بەزلىرى ئىششىش، چارچاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قىزىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، كېچىدە قارا تەرلەش، قان پلاستىنكىلىرى ئازلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقۇملىنىش يەڭگىل بولغاندا ئېغىر بوشلۇقى ۋە شىللىق پەردە يۇقۇملىنىدۇ، يەنى ئېغىز بوشلۇقىدا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ پەيدا بولىدۇ، چىش مىلىكى ياللۇغلىنىدۇ، تېرە زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، بەلۋاغسىمان قوقاق، تۈك خالتىلىق ياللۇغى، قىچىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

 

5. ئەيدىزنىڭ كېسىلى دەۋرى:

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىماردا بىر قىسىم خەتەرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن ئۆپكە ياللۇغى، نەپەس يولى ياللۇغى، لىمفا ئۆسمىسى، ئۆپكە تۇبركليۇز ۋە ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-07 / 06:44:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ