ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل تەننەرخى ئەرزان، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى توكلۇق چاپلاقنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ چاپلاق ئېلېكتىر مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ئاستا خاراكتېرلىك يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن. ھايۋانات تەجرىبىسىدە، بۇ خىل توك چاپلاق بىلەن يارا ئېغىزىنى داۋالاش ئەنئەنىۋى چاپلاق بىلەن داۋالىغانغا قارىغاندا سۈرئىتى %30 تېز بولغان.
ئاستا خاراكتېرلىك يارا ئېغىزى ساقىيىشى ئاستا بولغان ھەتتا ساقايمايدىغان ئوچۇق يارا ئېغىزىنى كۆرسىتىدۇ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا كۆرۈلگەن پۇت يارىسى دەل ئاستا خاراكتېرلىك يارا ھېساپلىنىدۇ. يارا ئېغىزى داۋالانغاندىن كېيىن دائىم قايتا قوزغىلىپ ۋە ئېغىرلاپ، پۇت – قولنى كېسىۋېتىش ھەتتا ئۆلۈش خەۋپىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل يېڭى تېخنىكىلىق يارا چاپلىقى، سوزۇلما خاراكتېرىلىك يارىلار، بولۇپمۇ دىئابېت بىمارلىرىدىكى پۇت يارىسىنى داۋالاش ئۇسۇلىغا يېڭى تاللاش بولۇشى مۇمكىن.
تەتقىقاتچىلار بۇ توك چاپلاقنى سۇ ئېنېرگىيەلىك تېڭىق ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان . بۇ بىر قېتىملىق يارا ئېغىزىغا تېڭىق ماتېرىيالى بولۇپ، بىر تەرىپىدە ئېلېكتىر قۇتۇپى، يەنە بىر تەرىپىدە بىر كىچىك تىپتىكى بىئولوگىيەلىك سىغىشىشچان باتارېيە بار ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن تېڭىق ماتېرىيالىنى بىمارنىڭ بەدىنىگە چاپلاپ، ئېلېكترودنى يارا ئېغىزى بىلەن ئۇچراشتۇرغۇزىدىكەن. ئاندىن باتارىيەگە سۇ تامچىتىپ ئاكتىپلاشتۇرىدىكەن. ئەگەر ئاكتىپلاشتۇرۇلسا، چاپلاق نەچچە سائەتلىك ئېلېكتىر مەيدانى ھاسىل قىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئېلېكتىر مەيدانى، ئاستا خاراكتېرلىك يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدىكەن.
ئېلېكتىر قۇتۇپى يارا يېرى ۋە چاپلاقنىڭ ئېگىلىشىگە ئەگىشىپ تەڭ ئېگىلەلەيدىكەن ھەمدە چوڭقۇر ھەم تەرتىپسىز ئاستا خاراكتېرلىك يارا ئېغىزىغا چاپلىشىپ تۇرالايدىكەن.
تەتقىقاتچىلار دىئابېت كېسىلى بولغان تەجرىبە چاشقىنىنىڭ بەدىنىدە بۇ خىل يارا ئېغىزىنى سىناق قىلغان. نەتىجىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، چاپلاقنىڭ تەمىنلىگەن توك بىلەن غىدىقلاش يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، يېڭى قان تومۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ياللۇغنى يېنىكلەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل چاپلاقنى نىسبەتەن تۆۋەن تەننەرختە ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن، ھەر بىر تەننەرخى پەقەت بىر نەچچە ئامېرىكا دوللىرى توختايدىكەن. بۇ باھا، دىئابېت كېسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدىغان سوزۇلما يارىلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى چىقىم ئالدىدا ھىچ نەرسىگە ئەمەس دىسەكمۇ بولىدۇ.
مەنبە:
كۈندىلىك پوچتا گېزىتى