ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 20-مارتتا ، ئېلون ماسكنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مېڭە كومپيۇتېر كۆرۈنمە يۈزى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Neuralink شىركىتى تەرىپىدىن مېڭىسىگە ئۆزەك جايلاشتۇرۇلغان كىشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى فىلىم شەكىلدە ئېلان قىلغان. پالەچ كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بۇ ئادەم ئالدىنقى ۋاقىتلاردا ئۆز ماقۇللۇقى ئاساسىدا Neuralink شىركىتى تەرىپىدىن مېڭىسىگە كومپىيوتېر ئۆزەك كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يېڭى ئېلان قىلىنغان فىلىمدە، بىمارنىڭ پەقەت مېڭىسى ئارقىلىق كونۇپكا تاختىسىنى ۋە مائۇسنى كونترول قىلىپ، كومپىيوتېردا دۇنيا شاھمىتى ئوينىيالىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بۇ بىمارنىڭ ئىسمى نولاند ئارباۋ بولۇپ ، 29 ياش ، سەككىز يىل ئىلگىرى سۇغا سەكرەش ۋەقەسىدە ئومۇرتقىسى زەخىملەنگەن ، نەتىجىدە بويۇن قىسمىدىن تۆۋەن تەرىپى پالەچ بولۇپ قالغان. ئارباۋ بۇ يىل 1-ئايدا، Neuralink شىركىتىنىڭ تۇنجى سىناق ئوبىيكتىسى سالاھىيىتى شەكلىدە مېڭە-كومپيۇتېر ئۆزەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇردى. ئۇ ئوپېراتسىيەنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ «ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى، ئەتىسىلا دوختۇرخانىدىن چىقتىم، تەپەككۈر قىلىشىمدا ھىچقانداق مەسىلە بولمىدى» دېگەن.
ئارباۋ بۇ نەچچە ئاينىڭ ياقى مېڭە كومپىيوتېر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قانداق ئىشلىنىشىنى ئۆگەنگەن. ھازىر ئۇ ھىچبىر سىرتقى كۈچنىڭ ياردىمىسىز ئۇدۇللا ئىكراندىكى مائۇس سىتىرىلكىسىنى مىدىرلىتالايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ئارباۋ يەنە چاقچاق قىلىپ تۇرۇپ بۇرۇن دائىم ئوينايدىغان ئويۇنى «مەدەنىيەت VI» نى قايتا ئوينىيالىغانلىقىدىن خوش بولغان ۋە ئارقا ئارقىدىن 8 سائەت ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئارباۋ مەزكۈر تېخنىكىنىڭ يەنىلا بەزى نۇقسانلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئىلىم ئىنسانلىرىنىڭ ھازىرقى بۇ نەتىجە بىلەنلا توختاپ قالماسلىقىنى، يەنە ناھايىتى كۆپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇ تېخنىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تامامەن ئۆزگەرتكەنلىكىنى دەپ ئۆتكەن.
————–
Neuralink شېركىتى 2016-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى مېڭە-كومپيۇتېر كۆرۈنمە يۈز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما ئېغىزى بولۇپ ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىگە كۆچۈرگىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى بىلەن تاشقى دۇنيادىكى كومپىيوتېر ۋەيا باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇلىنىپ تەسىر كۆرسىتىش ۋە قوللىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2023-يىلى مايدا ، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى Neuralink شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئادەم بەدىنى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.
تارىخچە:
2020-يىلى 8-ئايدا، ئېلون ماسك تۇنجى قېتىم مېڭە-كومپىيوتېر كۆرۈنمە يۈز ئۇلانما ئېغىزى ئۆزەكىنى ماشىنا ئادەمگە كۆچۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2024-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئېلون ماسك سوتسىيال تاراتقۇدا، تۇنجى سناق قىلىنغان كىشىنىڭ مېڭە كومپىيوتېر ئۇلانما ئېغىزى ئۆزەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە ئوپىراتسىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2024-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئېلون ماسك مەلۇم بىر تاراتقۇدا، ئوپىراتسىيە قىلىنغان كىشىنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى، ئەكس تەسىرلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى، پەقەت ئويلاش ئارقىلىقلا مائۇس سىتىرىلكىسىنى مىدىرلىتالايدىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن.
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرمەمەت دانىش