ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەنبەلىك چىش مىلىكى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %2—%5 كە يېتىدۇ . چىرىگەن چىشنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ . ھامىلىدارلار ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا ، داۋالاشنىڭ ھامىلىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، داۋالاتماي كېسەلنى كەينىگە سۆرەيدۇ . ھامىلىدارلار ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرسە بۇ مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ .
ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چوقۇم ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش لازىم . ھامىلە بەش ھەپتىدىن ئاشقاندا ، سۈت چىشى تۆرەلمىسى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ ، بۇ چاغدا ھامىلىدارلار ئاقسىلنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك . كالتسىي ، فوسفور ۋە ۋىتامىن A قاتارلىقلارنى تولۇقلاش كېرەك .
ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە مىنېرال تۇزلار ۋە ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن B نى كۆپ قوبۇل قىلىپ ، سۈت چىش تۆرەلمىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم . بۇ مەزگىلدە ھامىلىدارلار دوختۇرخانىغا بېرىپ ئېغىز كېسەللىكلىرىنى داۋالاتسا بولىدۇ . ھامىلدارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سۈت چىش تۆرەلمىسى پۈتۈنلەي شەكىللىنىپ بولىدۇ ھەمدە بىر قىسىم تۇراقلىق چىش تۆرەلمىسى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ .
چىش تۆرەلمىسىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاقسىل ، كالتسىي ، فوسفور ، ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش كېرەك . ھامىلىدارلار ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلغاندا ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم بالىنىڭ چىشىنى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ .